ئەقىدە
ئىسلام ئەقىدە ۋە قانۇن دىنى بۇلۇپ، ئەقىدە بولسا دىننى تۇتۇپ تۇرىدىغان ئاساستۇر، ئىسلام ئەقىدىسى ئېنىق ۋە ئاسان ئەقىدە بولۇپ، ساغلام ئەقىل ۋە ساغلام تۇيغۇغا ماس كېلىدۇ.
بۆلۈك تېمىلار
ئىككى گۇۋاھنامە (يەنى تەۋھىد كەلىمىسى)
ئىسلام دىنى «ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق» دېگەن سۆزنى ئەڭ ئۇلۇغ ۋە ئەڭ بۇيۇك قىلدى، بۇ بىر مۇسۇلماننىڭ بىرىنچى مەجبۇرىيىتىدۇر، شۇڭا كىم ئىسلام دىنىغا كىرمەكچى بولسا، ئۇنىڭغا ئىشىنىشى ۋە ئۇنى تىلى بىلەن ئېيتىشى كېرەك. كىمكى ئۇنى ئىشەنچ بىلەن ئاللاھنىڭ رىزاسىنى ئىزدەپ ئېتسا، بۇ ئۇنىڭ ئوتتىن قۇتۇلۇشىنىڭ بىر سەۋەبى بۇلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يۇق دىگەن سۇزنى ئاللاھنىڭ رازىلىقنى ئىزدەپ دىسە، ئاللاھ ئۇنى دۇزاققا ھارام قىلىدۇ» (بۇخارى:415).
ئىمان
بارلىق پە يغەمبەرلەرنىڭ ئەلچىلىك مەسئۇلىتى ئۆز خەلقىنى شېرىكسىز يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا ۋە ئاللاھتىن باشقا ئىبادەت قىلىنىدىغان بۈتلارغا ئىشەنمەسلىككە چاقىرىشقا بىرلىككە كەلدى، مانا بۇ بىر ئاللاھتىن باشقا ھىچ ئىلاھ يوق ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىگ ئەلچىسى دىمەكنىڭ ھەقىتىدۇر. ۋەئۇنىڭ بىلەن ئىنسان ئىسلام دىنىغا كىرىدىغان كەلىمە دۇر.
ئىبادەت
ئىبادەت دىگەن سۇيەش ئولوغلاش بۇيسۇنۇش بىلەن مۇتلەق ئىتائەت قىلىش، ئۇ ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە بولغان ھەققىدۇر ، ئۇ يالغۇز ۋە باشقا ھېچكىمگىلا خاس ئەمەستۇر. ئۇ ئاللاھ ياخشى كۆرەپ رازى بۇلىدىغان ۋە بۇيرىغان ۋە كىشلەرنى ئونىڭغا ئوندىگەن سۆز ۋە ھەرىكەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مەيلى ناماز زاكات ۋە ھەجگە ئوخشاش تاشقى ئەمەللەر بولسۇن. ياكى قەلىب بىلەن ئاللاھنى ئەسلەش ۋە قورقۇش ۋە ئونىڭغا تاينىش ۋە ئونىڭدىن ياردەم سۇراش قاتارلىق ئىچكى ئەمەللەردىن بولسۇن، ۋە باشقىلار.