ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ

كىرىشكە تىزىملاتمىدىڭىز
ئۆگىنىشنى باشلاش ۋە ئىلگىرىلىشىڭىزگە ئەگىشىش ۋە نومۇر توپلاش ۋە مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ھازىر Ta مۇنبىرىگە تىزىملىتىڭ، تىزىملاتقاندىن كېيىن، ئۆگەنگەن تېمىلىرىڭىزدا ئېلېكترونلۇق گۇۋاھنامە تاپشۇرۇۋالىسىز.

ئۆگىنىش يوللىرى

Taa مۇنبىرىدە ھەر خىل ئۆگىنىش يوللىرى بار بۇلۇپ، ھەر بىر يولدا تور بەتنىڭ ھەرقايسى بۆلەكلىرىدىن تاللانغان دەرسلەر بار بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن دىنى بىلىملىرىنى قۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ.

مۇسۇلمان بىلىشكە تىگىشلىك بىلىملەر

39 lessons
شەرىئەت بارلىق مۇسۇلمانلار ئۆگىنىشى ۋە ئەمەل قىلىشى ۋاجىپ بولغان ھۆكۈملەر بىلەن كەلگەن بولۇپ، بۇ ھۆكۈملەر ئاسان ۋە قۇلايلىقدۇر، چۈنكى ئىسلام شەرىئىتى مەنپەئەت ئېلىپ كېلىش ۋە يامانلىقتىن ساقلىنىشنى ئاساس قىلىدۇ. شۇنداقلا بۇ ھۆكۈملەر ئۇلارنىڭ مەنبەسىنىڭ ئىلاھىي ۋە رەببانى ئىكەنلىكى بىلەن، ۋە ئۇنى كىشىلەرگە چۈشەندۈرگۈچى كىشىنىڭ ئەڭ بىلىملىك ​​ئىكەنلىكى، تىلدا ئەڭ راۋانلىقى، ۋە قەۋمىگە ئەڭ سەمىمىي ئىكەنلىكى بىلەن ئالاھىدە پەرقلەندى. ئۇ كىشى بۇلسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدۇر. بۇ يولدا بىر تۈركۈم تاللانغان دەرسلەر بۇلۇپ، مۇسۇلماننى بىلىپ ئەمەل قىلمىسا بولمايدىغان ھۆكۈملەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئىستىنجانىڭ ۋە ھاجەت ئادا قىلىشنىڭ قائىدلىرى. تاھارەت ئېلىش چوڭ تاھارەت سىزلىك ۋە يۇيۇنۇش. پاكلىقنىڭ ئالاھىدە ئەھۋاللىرى +35

يېڭى مۇسۇلمان

38 lessons
ئىنسان ئىسلام دىنىغا كىرىش ئارقىلىق، بۇ دۇنيا ھاياتىدا بېشىدىن ئۆتكەنلەرنىڭ ھەممىسىگە ئوخشىمايدىغان سەپەرنى باشلايدۇ، بۇ سەپەردە ئۇ ئېتىقادىنى تۈزىتىش ۋە قوغداش ئۈچۈن بىر قاتار بىلىم مەرىپەتكە موھتاج بولىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا يۈكلىگەن پەرزلەرنى ئادا قىلىپ، ئىمان ۋە ئىسلام سېپىدە ئاستا-ئاستا ئۆرلەيدۇ. بىز بۇ يولدا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھنىڭ مۇۋەپپەق قىلىشى بىلەن، مۇشۇ مەقسەتكە يەتكۈزىدىغان بىلىملەرنى توپلىدۇق.
ئىستىنجانىڭ ۋە ھاجەت ئادا قىلىشنىڭ قائىدلىرى. تاھارەت ئېلىش چوڭ تاھارەت سىزلىك ۋە يۇيۇنۇش. نامازنىڭ مەنىسى ۋە پەزىلىتى +34

مالىيە سودىسى

2 lessons
ئىسلام دىنى ھاياتنىڭ ھەممە ساھەلىرى ئۈچۈن ئومۇميۈزلۈك دىن بولغاچقا، ئۇ ئىبادەتتىمۇ ۋە مۇئامىلەردىمۇ مۇھىمدۇر، بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرى ئاللاھ ياخشى كۈرىدىغان ۋە رازى بۇلىدىغان بۇيچە بۇلۈش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئىسلام قانۇنىنىڭ ھۆكمىنى بىلىشكە يېتەكلەيدىغان نەرسىگە موھتاجدۇر، قۇرئان كەرىم سودا ۋە توختاملارغا مۇناسىۋەتلىك ئېنىق تەپسىلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆممىتىگە ئېلىم سېتىم ۋە باشقا پۇل-مۇئامىلە لىرىدە ئېھتىياجلىق ھۆكۈملەرنى بايان قىلىپ بەردى، بىز بۇ بۈلۈمدە ئۇنىڭ بەزىلىرىنى ئوتتۇرغا قۇيىمىز.
زاكات: ئۇنىڭ ھەقىقىتى ۋە مەقسەتلىرى. زاكات پەرز قىلىنغان مال مۈلۈكلەر.

مۇسۇلمان ئائىلىسى

11 lessons
ئىسلام دىنى ئائىلىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ تولۇق غەمخورلۇق قىلدى، چۈنكى شەرىئەت بەندىلەرنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ مەنپەئەتىگە يېتەكلەشنى ئاساس قىلىدۇ، ھەقىقەتەن شەرىئەت ئائىلە بەرپا قىلىپ ئۇنى قوغدايدىغان تەپسىلىي ھۆكۈملەرنى، ۋە ئېسىل قائىدە-يوسۇن ۋە ئېنىق سىستېمالارنى ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ئائىلىدىكى ھەر بىر ئەزانىڭ مەجبۇرىيىتىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ھوقۇقىنى ئايدىڭلاشتۇردى.
ئائىلىنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى ئىككى جىنىس ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ قائىدىلىرى ئەر-ئايال تاللاشنىڭ ئاساسى يىگىتلىككە بېرىشنىڭ ئەدەپ ئەخلاقلىرى +7

مۇسۇلمان ئايال

6 lessons
ئىسلام قانۇنى ئاياللارنى ھۆرمەتلەش ئۈچۈن كەلگەن بولۇپ، بۇنىڭ دەلىلى ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ تەرجىمىھالىدا ناھايىتى كۆپتۇر، ئىسلامنىڭ ئاياللارنى ھۆرمەتلىشى ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇلار ئۈچۈن قانۇن چىقارغانلىقىدۇر. ئۇ ھۈكۈم قانۇنلار ئۇلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداپ، ئۇلارنى مەنسىتمەسلىك ۋە يامان غەرەزلىك بۇزۇقلارنىڭ سۆيقەستىدىن قوغدايدۇ.
ئاياللار ۋە ھازىرقى تەكلىپلەر ئائىلىنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى ئىككى جىنىس ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ قائىدىلىرى مۇسۇلمان ئايالنىڭ پاكلىقى +2