ئىبادەتلەر
بۇ بۆلۈم ئىبادەتلەرنى ۋە ئۇنىڭ ھۆكۆملىرىنى مۇقەددەس كىتاب ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پاك سۈننىتى بىلەن باغلاش ئارقىلىق ئۇنى قەلىبلەردە پۇختىلاپ سىڭدۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن مۇكەللەپ بولغان ئىنسانغا ئۇنىڭ چۇشەنچىسىنى ۋە بەلگىلىمىلىرنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن ۋە ساھابىلىرىدىن نەقلە قېلىنغاندەك، ئېنىق ۋە تەپسىلىي بايان قىلىدۇ.
بۆلۈك تېمىلار
پاكىزلىق
ناماز ئىسلامنىڭ ئىككى گۇۋاھلىق كەلىمىسىدىن كېيىن ئىككىنجى ئاساسىدۇر، ئۇ تاھارەتسىز دۇرۇس بولمىغاچقا، دىن ئۈگەنگۈچىنىڭ نامىزى توغرا ئادا بۇلۇش ئۈچۈن، تاھارەتنىڭ ئەھكاملىرىنى ئۈگىنىش بىلەن باشلاش مۇناسىپ كۆرەلدى.
ناماز
ناماز دىننىڭ ئاساسى بۇلۇپ، بىرىنجى قىلىپ ئۈگىنىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىبادەتلەرنىڭ بىرىدۇر، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام دىنىنىڭ ئىككى گۇۋاھلىق كەلىمىسىدىن كېيىنكى ئىككىنچى تۈۋرۈكى دۇر، بىر ئادەمنىڭ ئىسلامى ئونى ئادا قىلمىغۇچە دۇرۇس بۇلمايدۇ.
زاكات
زاكات ئىسلام دىنىنىڭ ئۈچىنچى ئاساسى بولۇپ، ئاللاھ تائالا بەرگۈچى ۋە ئالغۇچىنى پاكلاش ئۈچۈن پەرىز قىلدى. گەرچە بۇ كۆرنۆشتە پۇل ئازلىغاندەك قىلسىمۇ، لىكىن پۇل مالغا بەرىكەت ۋە سانى كۈپۈيۈش ۋە ئېگىسىنىڭ قەلبىدە ئىماننىڭ زىيادە بۇلۇشىدا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
روزا تۇتۇش
رامىزان روزىسى ئىسلامنىڭ تۆتىنچى تۈۋرۈكى بولۇپ، ئاللاھ تائالا بارلىق ياخشىلىقنىڭ ئاچقۇچى بولغان تەقۋادارلىقنى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ئىلگىرىكى قەۋملەرگە پەرز قىلغاندەك مۇسۇلمانلارغا پەرز قىلغان ئۇلۇغ ئىبادەتتۇر.
ھەج
ھەج قىلىش ئىسلامنىڭ بەشىنچى تۈۋرۈكى بولۇپ، قۇرامىغا يەتكەن قۈدرەتلىك مۇسۇلمانغا ئۆمرىدە بىر قېتىم ۋاجىپ بولىدۇ.
ئۆلۈم ۋە دەپنە
ئۆلۈم ئىشنىڭ ئاخىرى ئەمەس، بەلكى ئۇ ئىنسان ئۈچۈن يېڭى باسقۇچ ۋە ئاخىرەتتە تولۇق ھاياتنىڭ باشلىنىشىدۇر. ئىسلام ئىنسان تۇغۇلۇشىدىنلا ھوقۇقنى قوغداشقا ھېرىسمەن بولغىنىدەك، ئۆلگەندىمۇ ھوقۇقنى قوغدايدىغان ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى ۋە تۇققانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى كۆزدە تۈتىدىغان قانۇنلارنى تەكىتلىدى.