نۆۋەتتىكى بۆلەك :ئىككى گۇۋاھنامە (يەنى تەۋھىد كەلىمىسى)
دەرس پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى تۇنۇش
پەيغەمبىرىمىزنىڭ موبارەك ئىسمى
مۇھەممەد بىن ئابدۇللاھ بىن ئابدۇل مۇتتەلىپ بىن ھاشىم ئەل قۇرەشى، ئۇ نەسەبتە ئەرەبلەرنىڭ ئەڭ سەردارىدۇر، ئاللاھنىڭ سالامى ۋە رەھمىتى ئۇنىڭغا بولسۇن.
ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ھەر خىل ئىرق ۋە ھەر مىللەت كىشىلىرىگە ئەلچە قىلىپ ئەۋەتتى، ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشنى بارلىق كىشىلەرگە ۋاجىپ قىلىپ مۇنداق دېدى: «(ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، ئى ئىنسانلار! مەن ھەقىقەتەن ھەممىڭلارغا ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچى مەن» [ئەئراف سۇرىسى:158]
ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئالدى ئارقىسىدىن باتىل كىلەلمەيدىغان ئۆزىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ كىتابى قۇرئاننى نازىل قىلدى.
ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەرلەرنىڭ تۇگەنجىسى قىلىپ ئەۋەتتى، ئۇنىڭدىن كېيىن ھېچ پەيغەمبەر كەلمەيدۇ، ئاللاھ تائالا ئېتقاندەك: «مۇھەممەد ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسىدۇر» [ئەھزاب سۈرىسى:40]
1- ئۇنىڭ تۇغۇلۇشى
ئۇ مىلادىيە 570-يىلى مەككىدە يىتىملىك ھالدا تۇغۇلغان، كىچىكىدىنلا ئانىسىدىن ئايرىلىپ بوۋىسى ئابدۇل مۇتتەلىپنىڭ بېقىشىدا چوڭ بولغان، ئۇنىڭدىن كېيىن تاغىسى ئەبۇ تالىبنىڭ قوغداش ھىمايىسىدە بۇلغان.
ئۇ ئۆز قەبىلىسىى قۇرەيشتە پەيغەمبەرلىكتىن ئىلگىرى (مىلادىيە 570-610) قىرىق يىل ياشىغان، بۇ جەرياندا ئۇ سەمىمىيەت ۋە مۇنەۋۋەر بولۇشتا خاراكتېر ۋە ئۈلگە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مەشھۇر لەقىمى: سادىقۇل ئەمىن بۇلغان. ئۇ ئىلگىرى چارۋا بېقىش بىلەن شۇغۇللانغان، ئاندىن تىجارەت بىلەن شۇغۇللاندى. ئىسلامدىن ئىلگىرى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنى بۇيىچە ئاللاغا ئىبادەت قىلاتتى. ۋە بۇتقا چوقۇنۇش ۋە بۇتپەرەسلىكلەرنى رەت قىلغان ھەنىف ئىدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىرىق يىل ھاياتىنى تاماملىغاندىن كېيىن، نۇر تېغىدىكى ھىرا ئۆڭكۈرىدە ئاللاھنى ئويلاپ ئىبادەت قىلىۋاتقاندا، ئۇزاتقا ئاللاھ تېرىپىدىن ۋەھيى كىلىپ قۇرئاننىڭ نازىل قىلىنىشى باشلاندى. قۇرئاندىن تۇنجى بولۇپ ئاللاھنىڭ سۈزى: «ياراتقان رەببىڭنىڭ نامى بىلەن ئوقۇغىن» [ئەلەق سۈرىسى:1] دىگەن ئا يەت نازىل بۇلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئەلچىلىك مەسئولىتى بېشىدا كىشىلەرگە بىلىم ئوقۇش، ۋە يورۇقلۇققا چىقىش ۋە توغرا يول تېپىشنىڭ يېڭى بىر دەۋرى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى، ئاندىن قۇرئاننىڭ نازىل قىلىنىشى يىگىرمە ئۈچ يىل داۋاملاشتى.
4- ئۇنىڭ دەئۋىتىنىڭ باشلىنىشى
ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئۈچ يىل مەخپىي ھالدا ئاللاھنىڭ دىنىغا تەشۋىق قىلدى. ئاندىن ئۇ بۇ چاقىرىقنى ئاشكارىلاپ ئون يىل داۋاملاشتۇردى، بۇ جەرياندا رەسۇلۇللاھ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئۇز قەبىلىسى قۇرەيشتىن كەلگەن ئەڭ ئېغىر زىيانكەشلىك ۋە ئادالەتسىزلىككە يۇلۇقتى. بۇ جەرياندا ئىسلام ھەجگە كەلگەن قەبىلىلەرگە سۇنۇلدى، مەدىنە خەلقى ئۇنى قوبۇل قىلدى، شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇيەرگە كۆچۈشى ئاستا-ئاستا باشلاندى.
5- ئۇزاتنىڭ ھىجرەت قىلىشى
ئۇزاتنىڭ چاقىرىقىغا قارشى تۇرغان قۇرەيش ئاق ساقاللىرى ئۇنىڭغا سۇيىقەست قىلىپ ئۆلتۈرمەكچى بولغاندا، ئۇ (مىلادىيە 622-يىلى) ئەللىك ئۈچ يېشىدا ئەينى ۋاقىتتىكى يەسرىب دەپ ئاتالغان مەدىنەگە كۆچۈپ كەلگەن، ئۇ بۇ يەردە ئون يىل ئىسلامغا دئۋەت قىلىپ تۇرغان، ھەمدە كىشلەرنى ناماز ۋە زاكات ۋە ئىسلامنىڭ باشقا قانۇنلىرىغا بۇيرۇغان
رەسۇلۇللاھ ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن (مىلادىيە 622-632) مەدىنەدە ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزىنى قۇرۇپ، مۇسۇلمانلار جامائىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ قەبىلە تەرەپبازلىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ئىلىمنى يېيىشبىلەن بىرلىكتە ئادالەت سەمىمىيەت، قېرىنداشلىق ھەمكارلىق پرىنسىپىنى تۇرغۇزغان پەيىتتە، بەزى قەبىلىلەر ئىسلامنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇپ، بىر قاتار ئۇرۇشلار ۋە ۋەقەلەر يۈز بەردى، ئاللاھ ئۆزىنىڭ دىنى ۋە ئەلچىسىگە ياردەم قىلدى، ئاندىن كىشىلەرنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرىشى داۋاملاشتى، ئاندىن مەككە ۋە ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى نۇرغۇن شەھەر ۋە قەبىلىلەر بۇ بۈيۈك دىنغا قايىل بۇلۇپ ئىسلامغا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كىردى.
ئاللاھ تائالا دىننى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق كىشىلەرگە نىئمىتىنى تاماملىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھىجرەتنىڭ 11-يىلى سەفەر ئېيىدا ئەلچىلىك ئامانىتىنى يەتكۈزۈپ ئەمەلگە ئاشۇرغاندىن كېيىن، قىزىتما تىگىپ كىسىلى ئىغىرلىشىپ قالدى شۇنىڭ بىلەن (مىلادىيە 8/6/632)، ئاتمىش ئۈچ ياشتا بولۇپ، رەبىئۇل ئەۋۋەل دۈشەنبە كۈنى كۈندۈزدە ئالەمدىن ئۆتۈپ مەسچىتىنىڭ يېنىدىكى ئائىشە ئانىمىزنىڭ ئۆيىگە دەپنە قىلىندى.