ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ

كىرىشكە تىزىملاتمىدىڭىز
ئۆگىنىشنى باشلاش ۋە ئىلگىرىلىشىڭىزگە ئەگىشىش ۋە نومۇر توپلاش ۋە مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ھازىر Ta مۇنبىرىگە تىزىملىتىڭ، تىزىملاتقاندىن كېيىن، ئۆگەنگەن تېمىلىرىڭىزدا ئېلېكترونلۇق گۇۋاھنامە تاپشۇرۇۋالىسىز.

نۆۋەتتىكى بۆلەك :مۇسۇلمانلار ئائىلىسى

دەرس يىگىتلىككە بېرىشنىڭ ئەدەپ ئەخلاقلىرى

بۇ دەرسلىكتە بىز يىگىتلكنىڭ ئۇقۇمى ۋە ئۇنىڭ بەزى قائىدە-يوسۇنلىرىنى ئۆگىنىمىز.

  • يىگىتلىك ئۇقۇمىنى چۈشىنىش.
  • يىگىتلىكنىڭ ئىسلامدىكى بەزى قائىدىلىرىنىڭ بايانلىرى. 
  • يىگىتلىككە مۇناسىۋەتلىك ئىسلامنىڭ بىر قىسىم گۈزەللىكىنى بايقاش.

يىگىتلىك قىلىش: بىر ئادەمنىڭ، بىر ئايالنىڭ ۋەلىسىگە ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ قانۇنىغا ۋە پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىگە ئاساسەن، توي قىلىش ئارزۇسىنى ئۇقتۇرماق دېمەكتۇر.

قۇدرەتلىك ۋە ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىدىن بىرى: توي قىلىشتا رازىمەنلىك، ۋە ياخشى تاللاش، ۋە خاتىرجەملىككە ئېرىشىدىغان، ۋە ئەر-ئايال ئىككەيلەننىڭ ئۆز-ئارا ماسلىشىشى ۋە بىردەك بولۇشىغا ياردەم بېرىدىغان قائىدە-يوسۇنلارنى بەلگىلىگەنلىكىدۇر.

توي قىلىش تەكلىپىنىڭ قائىدىلىرىدىن:

1- بىر مۇسۇلمان باشقا بىر مۇسۇلمان توي تەكلىپى قىلغان يەرگە تەكلىپ قويماسلىقى كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر ئادەم قېرىندىشىنىڭ سودىسىنىڭ ئۈستىگە سودا قىلىۋالمىسون، ۋە قېرىندىشىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ تويلاشماقچى بولغان قىزىغا توي تەلىپىنى قويمىسۇن» (بۇخارى:5142، مۇسلىم:1412).

2- بولغۇسى ئايالىغا يىگىت بولۇش سۈپىتى بىلەن توي قىلىشقا تۈرۈتكە بولغۇدەك شەكىلدە قاراش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇغىرە بىن شۇئبەگە تەكلىپ بەرمەكچى بولغاندا: «ئۇنى كۈرۈڭ، ئۇ تۇرمۇشۇڭلارنىڭ داۋاملىشىشىغا تېخىمۇ مۇۋاپىقدۇر» (تىرمىزى:1087). قىزنىڭمۇ يىگىتنى كۈرۈش ھەققى باردۇر، بەلكى بەزى ئۆلىمالار قىزنىڭ كۆرىشى يىگىتنىڭكىدىن تېخىمۇ ھەقلىق دېدى. ئاراڭلاردا ئاراڭلاردا تۇرمۇشنىڭ داۋاملىشىشىنىڭ مەنىسى: ئاراڭلاردىكى مۇھەببەتنىڭ داۋاملىشىشىدۇر.

جابىر بىن ئابدۇللاھ رەزيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەگەر بىرىڭلار بىر ئايالغا توي تەكلىپى قويسا، ئۇنى توي قىلىشقا تۈرۈتكە بولغۇدەك شەكىلدە كۆرەلىسە كۆرسۇن». (راۋي ئېتىدۇ) مەن بىر قىز بىلەن توي قىلماقچى بولغان، ئۇنىڭ يۇلىدا يوشۇرۇنىۋېلىپ توي قىلىشقا تۈرۈتكە بولغۇدەك كۈرۈپ، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلدىم. (ئەبۇ داۋۇد:2082).

بولغۇسى ئايالىغا قاراشنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىدىن

١
توي قىلىش تەكلىپىنى قۇيغۇچى سەمىمىيلىك بىلەن قارار قىلغانغا قەدەر بولغۇسى ئايالىغا قارىماسلىقى كېرەك.
٢
قىزنى كۈرۈپ ياقمساسلىق سەۋەپلىك تاشلىۋىتىش ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمەسلىكى ئۈچۈن، تەكلىپتىن بۇرۇن كۈرشى كىرەك،
٣
يىگىت رازى بۇلۇپ كۆڭلى ئارام تاپقۇچە بىر قانچە قېتىم كۆرۈشى دۇرۇستۇر.
٤
يىگىتنىڭ مەقسىتى ھاسىل بولسا، قايتا كۆرۈش چەكلىنىدۇ، چۈنكى قىز ئۇنىڭغا ياتتۇر.

3- تەكلىپ قۇيۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم قائىدە-يوسۇنلىرىنىڭ بىرى شۇكى، ئەر-ئايال ھەر ئىككىسى تاللاشنى ياخشى قىلىش، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاللاھ خالىسا، تىنىچلىق ۋە خاتىرجەملىك، ۋە مۇقىملىق ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ئائىلەنىڭ ئاساسىنى ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن قۇرىدۇ.

4- توي قىلىشقا تەكلىپ قۇيۇشنىڭ قائىدە يوسۇنلىرى ئىچىدە، ئەر ياخشى ئەۋلادلارنى كۆپەيتىش ئۈچۈن، تۇغۇدىغان ئايال بىلەن توي قىلىشى كىرەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ توغرىدا تەۋسىيە قىلىپ مۇنداق دېگەن: «يولدىشىنى ياخشى كۈرىدىغان ۋە كۈپ تۈغىدىغان ئاياللار بىلەن توي قىلىڭلار، مەن سىلەرنىڭ كۆپلىكىڭلار بىلەن ئىلگىركى ئۈممەتلەرگە پەخرىلىنىمەن» [ئەبۇداۋۇد:2050]

مەسلەھەت سۇراش، ئىستىخارە ۋە دۇئا قىلىش. مۇسۇلمان قىلماقچى بولغان ئىشىدا پاك رەببىنىڭ ياخشى يول كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇ ھەممە ئىشتا چۈشۈنەرلىك ۋە يېتەكلەيدىغان كىشىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىدۇ. توي قىلىش قارارى ئىنسان ھاياتىدىكى مۇھىم قاراردۇر، شۇڭا ئۇنىڭ ئالدىدا مەسلەھەت سۇراش، ئىستىخارە ۋە دۇئا قىلىش مۇھىمدۇر.

6- ھەر ئىككى تەرەپ بارلىق ئىشلار ۋە ئەھۋاللارنى بايان قىلىشتا يۇقىرى دەرىجىدە سەمىمىي بۇلۇشى كىرەك، ئۇنىڭغا ئاساسەن ھېچقانداق ئەيىپنى يوشۇرۇلماسلىقى، ياكى قەستەن يالغانچىلىق قىلماسلىقى ياكى تويدىن كېيىن كەلگۈسىدە ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان نەرسىنى يۇشۇرماسلىقى.

7- توي قىلىش تەكلىپىگە مۇناسىۋەتلىك شەرىئەتنىڭ ئەھكاملىرى ۋە قائىدە يۇسۇنلىرىغا رىئايە قىلىش، چۈنكى ئۇ پەقەت نىكاھلىنىش ۋەدىسى، تېخى نىكاھ ئەمەس، شۇڭا يىگىت بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش، ۋە يا يالغۇز قېلىش، ياكى ئەكىلەپ گەپ قىلىش، ياكى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەتىرە ئىشلىتىپ زىننەتلىنىشكە بولمايدۇ.

دەرسنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدىڭىز


سىناقنى باشلاڭ