نۆۋەتتىكى بۆلەك :ناماز
دەرس مۇستەھەب نامازلار.
مۇسۇلمانغا بىر كىچە كۈندۈزدە پەقەتلا بەش ۋاخ ناماز ۋاجىپ بولغان بولسىمۇ شەرىئەت مۇسۇلمانلارنى مۇھەببەتنىڭ سەۋەبى بولغان نەپلە مۇستەھەپ نامازلارنى ئوقۇشقا ئۈندەيدۇ، ئو نامازلار ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىنى ياخشى كۆرۈشنىڭ سەۋىپى بۇلۇپلا قالماستىن پەرىز نامازنىڭ تولۇق بولمىغانلىرىنى مۇكەممەل قىلىدۇ. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دىگەنلىكى رىۋايەت قىلىندۇكى، «كىشىلەردىن قىيامەت كۈنى تۇنجى ھېساپ ئېلىنىدىغان ئەمەللىرى ناماز دۇر، دەپ مۇنداق دىدى: ئولوغ رەببىمىز ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئىشلىرىنى بەك بىلىپ تۇرغۇچى زات پەرىشتىلىرىگە خىتاب قىلىپ: بەندەمنىڭ نامىزىغا قاراڭلا، تولۇق ئادا قىپتىمۇ ياكى كەمتۈك مىكەن؟ ئەگەر تولۇق بولسا، ئۇنىڭغا تولۇق يېزىلىدۇ، ئەگەر ئونىڭدىن بىرەر نەرسە كەم بولسا، ئۇ ئېتىدۇ: قاراڭلا بەندە منىڭ نەپلىسى بارمىكەن؟ ئەگەر ئونىڭ نەپلىسى بۇلسا، پەرزنىڭ كەمتۈكىنى نەپلىسىدىن تۇلۇقلاپ يىزىڭلار، ئاندىن شۇنىڭغا ئاساسلىنىپ سىلەردىن ئەمەللەر تاپشۇرلىنىدۇ» (ئەبۇ داۋۇت رىۋايتى:864)
ئو ناماز لارنىڭ نەفلە دەپ ئاتىلىشى پەرىز ناماز لاردىن ئايرىلماي بىرلىكتە كىلىشى، ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئو نى تاشلىماي ئۇغانلىقى ئۈچۈندۇر.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قانداق بىر مۇسۇلمان ھەر كۈنى ئاللاھ ئۈچۈن 17 رەكئەت پەرىز دىن باشقا 12 رەكئەت نەفلە ناماز ئوقىسا ئاللاھ ئۇنىڭ ئۈچۈن جەننەتتە بىر ئۆي بىنا قىلىدۇ» (مۇسلىم 728).
ھەمىشە ئۇقۇلىدىغان سۈننەتلەر.
ئۇناماز تاق رەكئەتلىرىك بۇلغانلىقى ئۈچۈن ۋىتىر دەپ ئاتالدى، ئو نەپلە ناماز لارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى بۇلۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلام مۇنداق دېگەن: «ئى قۇرئان ئەھلى ۋىتىر نامىزىنى ئوقۇڭلار» (تىرمىزى رىۋايتى:453، ئىبنى ماجە رىۋايت:1170).
ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى كېچىنىڭ ئاخىرىدۇر، ئەمما بىر مۇسۇلمان ئۇنى خۇپتەن نامازدىن كېيىن تاڭ ئاتقۇچە خالىغان ۋاقىتتا ئوقۇسا بولىدۇ.
ۋىتىرنىڭ رەكئەت سانى
ئەڭ ئاز ۋىتىر بىر رەكئەت بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچ، بەش، يەتتە، توققۇز ۋە ئون بىر رەكئەتكە قەدەر ئوقۇغان. (ھەنەپى مەزھەپتە ۋىتر ئۈچ رەكئەت بۇلۇپ، ئارتۇقى كىچىلىك نەفلە ھىساپلىنىدۇ، ئەمما بىر رەكئەتكە كەلسەك، ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىككى رەكئەت ئۇقۇپ ياتقان بولسا بۇلىدۇ)
ۋىتىر نامىزىنىڭ ئەڭ ئاز مۇكەممەللىكى ئۈچ رەكئەت بۇلۇپ، ئىككى رەكئەت ئوقۇپ بىر سالام بېرىدۇ، ئاندىن بىر رەكئەت ئوقۇيدۇ. ئاخىردا رۇكۇنىڭ ئالدى-كەينىدە قولىنى كۆكرىكىگە قەدەر كۈتۇرۇپ، قۇنۇت دۇئاسىنى قىلىدۇ. (ھەنەپى مەزھەپتە شام نامىزىغا ئۇخشاش بۇلۇپ رۇكۇدىن بۇرۇن قۇنۇت دۇئاسى ئۇقۇلىدۇ)
ئو نامازنى ئاللاھ تائالا يامغۇر ئازلىقتىن زىمىننى قۇرغاقچىلىق بەسىپ كىشلەرگە زيان يەتكەندە ئوقوشقا يۇلغا قۇيغان. مۇمكىن بولسا ئو نامازنى مەيدان ۋە ئوچۇق جايلاردا ئوقوش ياخشىدۇر، مەسچىتتە ئوقىسىمۇ دۇرۇس بۇلىدۇ.
ئو نامازنى ئوقۇشقا چىققۇچىلار كەمتەرلىك بىلەن ئاللاھقا زارلىنىپ ۋە تەۋبە قىلىپ چقىش كىرەك، ئونىڭ بىلەن بىرگە ئاللاھنىڭ رەھىم-شەپقىتىنى ئېلىپ كېلىدىغان سەۋەبلەرنى: ئىستىغفار ئوقۇش، كىشىنىڭ ھەققىنى قايتۇرۇش، كىشلەرگە خەير-ساخاۋەت ۋە ياخشىلىق قىلىشتەك، ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئىشلارنى قىلىشى لازىمدۇر.
سۇ تىلەش نامازنىڭ سۇپىتى.
سۇ تىلەش نامىزى ھېيت نامىزىغا ئوخشاش ئىككى رەكئەت بولۇپ ئىمام قىرائەتنى ئۈنلۈك ئوقۇيدۇ، ھەر بىر رەكئەتنىڭ بېشىدا زىيادە تەكبىر ئېتىدۇ، بىرىنچى رەكئەتتە قىرائەتتىن ئىلگىرى تەكبىر تەھرىمدىن باشقا ئالتە قېتىم ئاللاھۇ ئەكبەر دەيدۇ. ئىككىنچىسىدە سەجدىدىن تۇرغاندا قىيام تەكبىرىدىن باشقا بەش قېتىم ئاللاھۇ ئەكبەر دەىدۇ. نامازدىن كېيىن ئىككى خۇتبە ئوقۇيدۇ، ئۇنىڭدا ئىستىغفارنى كۆپ قىلىپ ئاللاھقا زالىنىپ يالۋىرىپ دۇئا قىلىدۇ. (بۇ ھەنبەلى مەزھەپنىڭ كۆز قارشى بۇلۇپ، ھەنەپى مەزھەپتە ئىستىسقا نامىزى نۇرمال ئىككى رەكئەت نامازدەك ئۇقۇلىدۇ)
ئو بىر مۇسۇلمان جائىز بولغان بىر ئىشنى قىلماقچى بۇلۇپ ئو ئىشنىڭ ئۆزىگە پايدىلىق ياكى ئەمەسلىكىنى بىلمىسە، ئوقىدىغان نامازدۇر.
ئۇنىڭ يولغا قۇيلىشى.
بىر مۇسۇلمان جائىز بولغان بىر ئىشنى قىلماقچى بۇلۇپ ئو ئىشنىڭ ئۆزىگە پايدىلىق ياكى ئەمەسلىكىنى بىلمىسە، ئۇ ھالدا ئىككى رەكئەت ناماز ئوقوش مۇستەھەب دۇر. نامازدىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىغا ئۆگەتكەن دۇئانى ئوقىدۇ. ئۇ دۇئا «ئى ئاللاھ! سېنىڭ چەكسىز ئىلىمىڭ بىلەن ئىشلىرىمنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ياخشىلىقىنى بىلدۈرۈشىڭنى سۇرايمەن، ئونىڭغا سىنىڭ قۇدىرتىڭ بىلەن كۇچ قۇۋەت تىلەيمەن، ۋە سىنىڭ ئولوغ پەزلىڭدىن سۇرايمەن، سەن قادىر سەن مەن ئاجىزمەن، سەن ھەممىنى بىلىسەن مەن بىلمەيمەن، سەن پۇتۇن غەيبلەرنى بىلگۈچى سەن، ئى ئاللاھ! ئەگەر سەن بۇ ئىشنىڭ (ھاجىتىنى تىلغا ئالىدۇ) مېنىڭ دىنىم ۋە دۇنيالىقىم ۋە ئاخىرەتلىكىم ئۈچۈن خەيرلىك بۇلىدىغانلىقىنى بىلسەڭ، ئونى ماڭا نىسىپ قىلىغىن، ۋە ئاسان قىلىپ بەرگىن، ئاندىن ئونىڭدا ماڭا بەرىكەت ئاتا قىلغىن. ئەگەر بۇ ئىش مېنىڭ دىنىم ۋە دۇنيالىقىم ۋە ئاخىرەتلىكىم ئۈچۈن، زىيانلىق بۇلىدىغانلىقىنى بىلسەڭ، ئۇنى مەندىن ۋە مېنى ئۇنىڭدىن يىراق قىلغىن، ياخشىلىق قەيەردە بولسا ئونى ماڭا نىسىپ قىلغىن، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن مېنى مەمنۇن قىلغىن» (بۇخارى رىۋايتى:1162).
ئو كاتتا پەزىلەتلىك بىر تەكىتسىز ناماز بولۇپ، ئەڭ ئېزى ئىككى رەكئەتتۇر، ئۇنىڭ ۋاقتى كۈن چىقىپ نەيزە بۇيى كۆتۈرۈلگەندىن تارتىپ تاكى پىشىن نامىزىنىڭ ۋاقتى كىرىشتىن (45) مىنۇتقىچە ئارلىقتا بولىدۇ.
كۈن تۇتۇلۇش دۇنيادا ئادەتتىن تاشقىرى يۇز بىرىدغان ئەھۋال بولۇپ، قۇياش ۋە ئاينىڭ نۇرى پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن غايىب بولىدۇ، ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى ۋە سەلتەنىتىنى كۆرسىتىدىغان ئالامەتلەرنىڭ بىرىدۇر، ئۇ ئىنساننى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇرقۇپ ساۋابىنى ئۈمىدە قىلىش ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇپ ئويغىتىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «كۈن بىلەن ئاي ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن ئىككى ئايەتتۇر، ئۇلار بىر كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ئۈچۈن ياكى بىر كىشىنىڭ تۇغۇلغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلمايدۇ. ئۇلارنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى كۆرسەڭلار، نامازغا تۇرۇڭلار» (بۇخارى رىۋايتى:993).
كۇسۇپ نامىزىنىڭ سۈپىتى.
كۇسۇپ نامىزى ئىككى رەكئەت، لىكىن ئۇنىڭدا رۇكۇ ئىككى قېتىم تەكرارلىنىدۇ، يەنى ناماز ئۇقۇغىچى بىرىنچى رەكئەتتە رۇكۇدىن باش كۆتۈرگەندىن كېيىن، فاتىھەنى ۋە قۇرئاندىن ئۇقۇ يالىغىنىنى ئۇقۇپ ئاندىن يانا بىر رۇكۇ قىلىپ ئورنىدىن تۇرۇپ ئاندىن ئىككى سەجدە قىلىدۇ. بۇ بىر مۇكەممەل رەكئەت بولۇپ، سەجدە قىلىپ ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن ئىككىنچى رەكئەتتىمۇ بىرىنچىسىدە قىلغاندەك قىلىدۇ. (ھەنەپى مەزھەپتە نۇرمال نامازدەك ئۇقۇلىدۇ)