نۆۋەتتىكى بۆلەك :پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
دەرس مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بەك گۈزەل خىسلەتلىك ۋە پەزىلەتلىك زاتتۇر. ئۇ ئەڭ ئالىي شەرەپلىك خىسلەتلەرگە، ۋە ئالىي ئەخلاق-پەزىلەتكە ئېرىشكەن، كىم ئۇنىڭ پەزىلىتى ۋە سۈپەتلىرىنى تەپەككۇر قىلسا، ئىنسانىيەتكە تونۇلغان ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان ئىكەنلىكىنى بىلىپ يىتىدۇ.
ئۇ ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ۋە ئاللاھقا ئەڭ سۆيۈملۈك بولغىنى، ۋە ئاللاھ ئۇنى بەندىلىرى ئىچىدىن ئۆزىگە تاللىغان ۋە ئىختىيار قىلغان، ئۇ ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئىبادەت قىلىشتا ئەڭ مۇكەممەل، ئەخلاق جەھەتتە ئەڭ گۈزەل، كۆڭلى بەك پاك، مۇئامىلىدە بەك دۇرۇس، ئاللاھنى ئەڭ ئالى ماقامدا بىلىدىغان، ۋە ئۇنىڭغا ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە بەندىچىلىك قىلىدىغان زاتتۇر، ئاللاھ ئۇنى پۈتۈن خەلقىگە پەيغەمبەر ۋە ئەلچە بۇلۇشقا، ۋە ياخشىلىققا يېتەكلەپ ھىدايەتكە چاقىرىشتا ئاللاھ بىلەن كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا ۋاسىتىچى بولۇشقا تاللىغان زاتتۇر.
ئاللاھ ئۇنى ئەڭ ئەۋزەل ۋە ئېسىل نەسەبتىن تاللىدى، ھەمدە ئۇنى خىلقەت ۋە ئەخلاق جەھەتتە ئەڭ مۇكەممەل ئىنسانىي سۈپەتلەر بىلەن خاس قىلدى، ھەمدە ئۇنى ئۆزىنىڭ شانلىق قىياپىتىدە، ۋە گۈزەل كۈرنىشىدە، پارلاق چىراي ۋە ئالى ئۈستۈن سۈپەتلىرى بىلەن ئالاھىدە تاللىدى. ئۇنىڭ سۈپەتلىرى ئىچىدە تۆۋەندىكىلىرى بار:
1. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەددى-قامىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى
ئەنەس بىن مالىك رەزىيەللاھۇئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى تەسۋىرلەپ «كىشىلەر ئىچىدە ئۇتتۇر بوي، ئېگىزمۇ ئەمەس پاكارمۇ ئەمەس ئىدى» دېدى: (بۇخارى رىۋايتى:3547)
2. ئۇنىڭ شەرەپلىك چىرايىنىڭ سۈپىتى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يۈزى بەك چىرايلىق، چىرايى يۇمىلاق، بەك يۇمىلاقمۇ ئەمەس، بەلكى سىلىق، ئىنتايىن چىرايلىق، يورۇقلۇق ۋە نۇرلۇقتا روشەن، تولۇن ئايغا ئۇخشاش پارقىراپ تۇراتتى، ئۇ زاتنى كۆرگەن كىشىنىڭ ھەممىسى ئۆلپەت ئالاتتى، خوش بولسا پېشانىسىدىكى سىزىقلا ۋال ۋۇل قىلاتتى، ئىككى قۇلىقى تولۇق مۇكەممەل.
ئۇنىڭ چىرايىنىڭ سۈپىتى.
ساقاللىرى قۇياق، قارا ۋە يۇمىلاق بولۇپ، ئېڭىكى بىلەن ئاستى كالپۇكى ئوتتۇرىسىدا كۆرۈنەرلىك ئىگىزلىك بار، تۆۋەن كالپۇكىنىڭ ئاستىدا ساقالنىڭ تۈكىگە ماسلىشىپ ئۆسكەن تۈكلەر بار خۇددى ساقالدەك.
3. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تېرىسىنڭ رەڭگى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رەڭ جەھەتتە كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئىدى، رەڭگى ئاق ئازراق قزىل ئارلاشتۇرۇلغان، ئوچۇق چىرايى ئىدى. جۇبەير بىن مۇتئىم رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن ئەلى بىن ئەبى تالىب رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دېگەنلىگى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «ئۇنىڭ بېشى يۇغان، رەڭگى ئاق قىزىل، ساقىلى قۇياق ئىدى» (مۇسنەد ئەھمەد:944).
4. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چېچى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چېچى كۆپ ئىدى، قىسقارتقاندا قۇلىقىنىڭ ئوتتۇرىسىغا يېتەتتى، ئۇزۇن قۇيۋەتكەندە مۈرىسىگە يىتەتتى، چېچى يۇمشاق چۇۋالچاقمۇ ئەمەس ۋە يەنە سۇنۇقمۇ بولمىغان، بەلكى ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا بولغان، بەزىدە پېشانىسىگە چۈشۈرۋېلىپ بەزىدە بېشىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئايرىپ، پېشانىسىگە ئازراقمۇ چۈشۈشكە قويمايتتى.
ئىمام قەتادەدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن ئەنەس بىن مالىكغا رەسۇلۇللاھنىڭ چېچى قانداق ئىدى؟ دېدىم، ئۇ دېدېكى: «ئۇزاتنىڭ چېچى سېلىق تۈز بولۇپ، بۈدرەمۇ ئەمەس، چۇۋالچاقمۇ ئەمەس، ئىككى قۇلىقى بىلەن مۈرىسى ئوتتۇرىسىدا ئىدى» (بۇخارى رىۋايتى:5905، مۇسۇلىم رىۋايتى:2338).
ئۇ زاتنىڭ بېشى ۋە ساقاللىرىدىكى ئاق چاچلىرى يىگىرمىگە يەتمەيتتى، كۆپىنچىسى ساقاللىرىدا ئېڭىكى بىلەن ئاستى كالپۇكى ئارىلىقىدا ئىدى، ئەمما بېشىدىكى ئاق چاچلىرى بېشىنىڭ قاپ ئۇتتۇرسىدا ئىدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چېچىنى ئۈزىنى تۈزىشتە ھەشەمەتلىك قىلىپ ئاشۇرۋەتمەي تاراپ ۋە تازىلاپ چىرايلىق تۇتاتتى، تاراشتا ئوڭ تەرەپتىن باشلايتتى.
5. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۈرىسىنىڭ تەسۋىرى.
ئەنەس رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇكى:«مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قولىدىن يۇمشاق يىپەك ياكى قېلىن يىپەك تۇتۇپ باقمىدىم» (بۇخارى رىۋايتى:3561) ۋە مۇسلىم رىۋايتى:2330).
6. ئاخىرقى پەيغەمبەرلىكنىڭ تامغىسىنىڭ سۈپىتى
سول مۈرىسىدە خەتمە نۇبۇۋۋەتنىڭ تامغىسى بار، ئۇ كۆتۈرۈلگەن گۆش بولۇپ، بەدىنىنىڭ رەڭگىگە ئوخشايدۇ، ھەجمى كەپتەر تۇخۇمىدەك ئۇنىڭ ئەتراپىدا مەڭلەر بار، ئۇنىڭ ئۈستىدە قۇياق تۈكلەر بار.
جابىر بىن سەمۇرە رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۆھۈرىنى ئۇ زاتنىڭ مۈرىسىدە كەپتەرنىڭ تۇخۇمىدەك كۆردۈم، بەدىنىگە ئوخشايدىكەن» (مۇسلىم رىۋايتى2344)
7. كۆكرىكى بىلەن مەيدىسىنىڭ سۈپەتلىرى.
8. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ پاچاقلىرى بىلەن پۇتلىرىنىڭ سۈپىتى
ئۇزاتنىڭ تەرلىرى ئىپاردىن ياخشى پۇرايتتى، ئەگەر بىرسى ئۇزات بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشسە، ئۇ پۈتۈن كۈن پۇرىقىنى ھىس قىلاتتى، ئۇزات كۆپۈنچە ئەۋالدا ئەتىر ئىشلتەتتى.
ئەنەس رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دېدى: «مەن رەسۇلۇللاھنىڭ پۇرىقىدىن ياخشى ئىپار ئەنبەرنىڭ پۇرىقنى پۇرىمىدىم» (مۇسلىم:2330).
ئۇزاتنىڭ ئېسىل ئەخلاقىنى تەسۋىرلەيدىغان ئەتراپلىق سۆز.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: ئى مۇھەممەد! «سەن ھەقىقەتەن ئىسىل ئەخلاققا ئىگە سەن» [قەلەم سۈرىسى:4] جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا تۇنجى قېتىم كەلگەندە، ئۇ قاتتىق قورقۇپ مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى خەدىجە رەزىيەللاھۇئەنھاغا «مەن ئۆزۈمگە قورقۇپ قالدىم» دېدى: خەدىجە رەزىيەللاھۇئەنھا ئۇ زاتقا ياق، بىخارامان بولسىلا، ئاللاھ سىلىنى ھەرگىز خار قىلمايدۇ. چۈنكى سىلە تۇغقاندارچىلىق رىشتىنى ئۈلاشتۇرۇپ تۇرىلا، راس گەپ قىلىلا، ئاجىزلارنىڭ يۈكىنى كۈتۈرىلا، ئىشى يوققا ئىش تەپىپ بىرىلا، مېھماننى قارشى ئالىلا، شۇنداقلا ھەق يۇلىدىكى قىنچىلىقلارغا ياردەم قىلىلا» (بۇخارى رىۋايتى:4953، مۇسلىم رىۋايتى:160)
1. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساداقەتمەنلىكى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەمىمىلىك بىلەن تونۇلغان ئىدى، ھەتتاكى خەلقى ئۇ زاتنى پەيغەمبەرلىكتىن ئىلگىرى "ئەمىن" دەپ ئاتىغان، پەيغەمبەر لىكتىن كېيىن ئۇزاتقا دۈشمەن تۇرۇغلۇق، ئامانەتلىرىنى ئۇزاتنىڭ يېنىدا قۇياتتى.
2. ئۇ زاتنىڭ رەھىم-شەپقىتى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز قەۋمىگە رەھىمدىل مېھرىبان ئىدى، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: ئى ئىنسانلار! «ھەقىقەتەن سىلەرگە ئۈزۈڭلاردىن بولغان بىر پەيغەمبەر كەلدى، سىلەرنىڭ كۆلپەت چىكىشىڭلار ئۇنىڭغا ئېغىر تۇيۇلىدۇ، ئۇ سىلەرگە (يەنى ھىدايەت تېپىشڭلارغا) ھېرىستۇر، مۇئمىنلەرگە بەكمۇ شەپقەتلىك ناھايتى كۈيۈمجاندۇر» [تەۋبە سۈرىسى:128] يەنە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: ئى مۇھەممەد! «ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن سەن ئۇلارغا سىلىق مۇئامىلەدە بولدۇڭ، ئەگەر قۇپال باغرى قاتتىق بولغان بولساڭ، ئەلۋەتتە ئۇلار ئەتراپىڭدىن تارقىلىپ كىتەتتى» [سۈرە ئالى ئىمران:159]
3. ئۇ زاتنىڭ ئەپۇقىلىش ۋە كەچۈرۈشلىرى.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەككىگە پەتھى سۈپىتىدە كىرگەندە، مەككىنىڭ يۈزباش مۆتىۋەرلىرى ئۆز ۋاقتىدا قاتتىق دۈشمەنلىك قىلىپ ئۇزاتقا ۋە ساھابىلىرىغا بىر قانچە يىل ئەزىيەت يەتكۈزگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئالدىدا قول باغلاپ تۇردى، ئۇزاتتىن ئۇلارغا «بۈگۈن سىلەرگە ھېچ مالامەت يوق، ئەركىن كىتەلەيسىلەر» دېگەندىن باشقا پۇزىيە بولمىدى.
4. ئىنسانلارنىڭ ھىدايەت تېپىشىغا ھېرىسمەنلىكى.
ئۇ كىشىلەرنى يېتەكلەشكە شۇنچىلىك ھېرىسمەنكى، ئۇلار ئۈچۈن قايغۇ-ھەسرەت ئىچىدە ئۆزىنى يوقىتىۋەتكىلى تاس قالدى، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: ئى پەيغەمبەر!«ئەگەر قەۋمىڭ بۇ قۇرئانغا ئىشەنمىسە، سەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن ئەپسۇسلىنىپ، ئۈزۈڭنى يۇقۇتۇپ قۇيدىغاندەك قىلىسەن» [كەھف سۈرىسى:6].
ئۇ زاتنىڭ جاسارىتى ۋە كۈچى.
ئەلى رەزىيەللاھۇئەنھۇ-پالاۋانلارنىڭ باتۇرلىرىدىن تۇرۇغلۇق- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ جاسارىتىنى تەسۋىرلەپ، «ئۇرۇشتا قۇشۇنلىرىمىز دۈشمەن قۇشۇنلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، جەنڭ چېڭىغا چىققاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كىلىۋالاتتۇق، دۈشمەنلەرگە بىزدىن ھېچ كىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يېقىنلاشقاندەك يېقىنلىشالمايتتى» (ئەھمەد رىۋايتى: 1347).