نۆۋەتتىكى بۆلەك :مالىيە سودىسى
دەرس يامان يولدىن تاپقان پۇل، ۋە چەكلەنگەن پۇل-مۇئامىلە سودىسى
كەسپنىڭ رۇخسەت قىلىنغان ياخشى پاكىزلىرىمۇ بار، ھارام قىلىنغان ئەسكى ناچار لىرىمۇ بار، ئاللاھ مۇنداق دېدى: «ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئېرىشكەن ۋە بىز سىلەرگە زىمىندىن چىقىرىپ بەرگەن نەرسىلەرنىڭ ياخشىلىرىدىن سەدىقە بىرىڭلار، ئۇنىڭ ناچارلىرىنى ئىلغاپ سەدىقە قىلماڭلار» [بەقەرە سۈرىسى:367]
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ ھەدىسىدە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىشىلەرگە شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، ئىنسان پۇلنى نېمە بىلەن ئالغىنىغا پەرۋا قىلمايدۇ، ھالالدىنمۇ ياكى ھارامدىنمۇ» (بۇخارى رىۋايتى:2083).
ئۇ كىشىلەرنىڭ پۇلىنى ناھەق يېۋەلىش ياكى شەرىئەت چەكلىگەن يولدا كىرىم قىلىشتۇر.
يامان يولدىن كىرىم قىلىش ئۇسۇللىرى
يامان يولدىن پول تېپىشقا كىرىپ قېلىش سەۋەبلىرى
يامان يول بىلەن پۇل تېپىشنىڭ زىيانلىرى.
مالىيە سودىسىدىسىنىڭ چەكلەنگەن تۈرلىرى
چەكلەنگەن نەرسىلەر
شەرىئەتكە خىلاپ بولغان ھەر قانداق سودا: جازانە خورلۇق، ۋە قىمار ئويناش، ئالدامچىلىق قىلىش، مونوپول قىلىش، ئاقىۋىتى مۈجمەل سودىلارنى قىلىش، ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش، كىشىلەرگە زۇلۇم بولىدىغان، ۋە ئۇلارنىڭ پۇللىرىنى ناھەق يېۋالىدىغان سودىلار. بۇ خىل سودىلارنى ئىنساننىڭ نەپسى خاھىشى تارتىدىغان بولغاچقا، بىر كىشىنىڭ ئۇنىڭغا چۈشۈپ جازاغا تارتىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ توساشقا ھاجەت كۆرۈلدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «يېتىملەرنىڭ ھەققىنى يەۋالىدىغانلار، قۇرساقلىرىغا چۈقۈم ئوت يەيدۇ، ۋە پات ئارىدا دۇزاخقا كىرىپ كۇيىدۇ» [نىسا سۈرىسى:10] ئاللاھ تائالا يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دېدى: «ئى ئىمان ئېتقانلار! ئەگەر ھەقىقى مۇئمىن بولساڭلار ئاللاھتىن قورقۇپ (كىشىلەرنىڭ زىممىسىدا) قالغان جازانىنى ئالماڭلار، ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى تېرىپىدىن سىلەرگە ئۇرۇش ئېچىلغانلىقىنى بىلىپ قۇيۇڭلار» [بەقەرە سۈرىسى:278-279]