ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ

كىرىشكە تىزىملاتمىدىڭىز
ئۆگىنىشنى باشلاش ۋە ئىلگىرىلىشىڭىزگە ئەگىشىش ۋە نومۇر توپلاش ۋە مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ھازىر Ta مۇنبىرىگە تىزىملىتىڭ، تىزىملاتقاندىن كېيىن، ئۆگەنگەن تېمىلىرىڭىزدا ئېلېكترونلۇق گۇۋاھنامە تاپشۇرۇۋالىسىز.

نۆۋەتتىكى بۆلەك :مۇسۇلمانلار ئائىلىسى

دەرس ئائىلىنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى

بۇ دەرسلىكتە بىز ئائىلەنىڭ ئىسلامدىكى ئۇقۇمى ۋە ئۇنىڭدىكى ئورنىنى تونوپ چىقىمىز.

  • ئىسلامدىكى ئائىلە ئۇقۇمىنى بىلىش.
  • ئائىلىنىڭ ئىسلامدىكى ئورنىنى بايان قىلىش.
  • ئىسلامدىكى ئائىلە قۇرۇشنىڭ تۈۋرۈكلىرىنى بىلىش.

مىللەت ئۇقۇمى

بىر مىللەت ئورتاقلىققا ئىگە كىشىلەر توپىدىن تەركىب تاپىدۇ. مەسىلەن، كېلىپ چىقىشى، تىلى، تارىخى ۋە ئەڭ مۇھىمى دىن. كىشىلەر پەقەت ئەر-ئاياللاردىن قۇرۇلغان ئائىلىلەردىن تۆرەلگەن بولۇپ، ئۇلار ئۆز نۆۋىتىدە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھاياتلىقنى داۋاملاشتۇرىدىغان ئوغۇل-قىزلارنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان يېڭى ئائىلە قۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن مىللەت ساقلىنىپ نەسلى داۋام قىلىدۇ

ئەر خۇتۇنلۇق ياخشى تۇرمۇش، بىر مىللەت ھاياتىنىڭ جەۋھىرىدۇر، شۇڭا جەمىيەتنىڭ ئاساسى بولغان ئائىلىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

ئىنسان تەبىئىتىدىن ئىجتىمائىي مەخلۇق بولغاچ، ئۇ ئەزالىرى تۈرلۈك مۇناسىۋەتكە باغلانغان جەمئىيەتتە ياشاشتىن باشقىدا ئۆزىنى راھەت ھېس قىلمايدۇ. لكىن ئۇ بىر قىسىم ھىس-تۇيغۇسىنى چەكلىك ساندىكى كىشىلەر بىلەن بەھىرلىنىشكە مۇھتاج، ئۇلار بولسىمۇ ئائىلە ئەزالىرىدۇر. ئىسلام دىنىدىكى ئائىلە - قانۇنلۇق نىكاھ بىلەن بىر يەرگە جەم بولغان ئەر-ئايال ۋە ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئەۋلادلاردىن تەركىب تاپقان ئىجتىمائىي بىرلىكدۇر.

ئىسلام، بويتاقلارنى ئۆيلىنىشكە تەرغىب قىلىش، بالىلارنىڭ ھەقلىرىنى قوغداش، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەرتىپكە سېلىش ئارقىلىق بۇ مەۋجۇدىيەتنى (ئىنسانىيەتنىڭ قىيامەتكە قەدەر بار بولۇپ تۇرۇشىنى) قوغداشنى كاپالەت ئاستىغا ئالدى. ئەنە شۇ ئائىلە قۇرۇلمىسى، ئىنسانىڭ ئىنسانلىقىنى ئاللاھ ئىرادە قىلغاندەك نامايان قىلىدىغان كۆرۈنۈشتۇر.

ئائىلىنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى

١
ئىسلامدىكى ئائىلە ساغلام ۋە تەڭپۇڭ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى تايانچ كۈچدۇر.
٢
ئائىلە ئىنسان ئاپىرىدە بولىدىغان ۋە ئۇنىڭدا (قېرىنداشلىق) رىشتە باغلىنىدىغان يارقىن ۋە ساپ ئوبرازدۇر.
٣
ئىسلامدا ئائىلە، ئىنساننىڭ ساغلام ئىجتىمائىي ئىش - ھەرىكەتلىرىنى شەكىللەندۈرىدىغان، ئۇنىڭغا ھوقوقلىرىنى ۋە مەسئۇلىيەتلىرىنى تونۇتىدىغان تۇنجى ھۈجەيردۇر.
٤
ئىسلامدا ئائىلە دادانىڭ نەسەبىنى كېڭەيتىش خاھىشىدىكى تۇغما تۇيغۇسىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، شۇڭا بۇ مەقسەت ئىنساننى قوغداش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.
٥
ئائىلىنىڭ ئىسلامدىكى بۈيۈك ئورنىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغىنى شۇكى، ئاللاھ تائالا ئۇنى ئىنسانغا ئىنئام قىلغان نۇرغۇن نېمەتلەردىن ساناپ مۇنداق دېگەن: «ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىر ئىنساندىن (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن) ياراتقان، ئۇنىڭ ئۆز جىنسىدىن ئۇنىڭ جۇپتىنى (ھەۋۋانى) ياراتقان، ۋە ئۇلاردىن نۇرغۇن ئەر -ئاياللارنى ياراتقان رەببىڭلاردىن قۇرقۇڭلار» [نىسا سۈرىسى:1].

ئىسلامدا نىكاھلىنىش

ئاللاھ تائالا ئەر-ئايالنىڭ ھەر بىرىدە يانا بىرىگە تەبىئى مايىللىق ئورناتتى، ۋە نىكاھلىنىشنى بۇ خاھىشنى قاندۇرۇدىغان ۋە ئىنساننى كۆپەيتىدىغان ۋە ئۇنىڭ تۈرىنى ساقلايدىغان قانۇنلۇق ۋاسىتە قىلدى. ئىسلام، قۇرئان كەرىمدە ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىدە، توي قىلىشقا قىزىقتۇردى.

ئىسلامدا ئائىلە قۇرۇش ئاساسلىق ئىككى تايانچىغا تايىنىدۇ.

پىسخىكا تايانچىسى

ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ سۆزىدە بايان قىلىنغان پىسخىكىلىق راھەت، سۆيگۈ ۋە رەھىم-شەپقەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: «ئاللاھ تائالانىڭ (بىرلىك ۋە بارلىقىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىن بىرى، ئۇنسى ئۈلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن ئۆز تىپىڭلاردىن ئايال يارتىپ، ئاراڭلاردا مىھرى مۇھەببەت ئورناتقانلىقىدۇر، پىكرى يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن، شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا نۇرغۇن دەلىللەر باردۇر» [رۇم سۈرىسى:21]

ماددى تايانچا

ئۇ توختامنىڭ ماددىلىرىنى ئورۇنداش ۋە ئەر-ئايالنىڭ ھەر بىرىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشتىن ئىبارەت. بېقىش ۋە ئۆي ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە بالىلارنىڭ قىزىقىشىدىن.

ئىسلام ئەر-ئايال ئىككەيلەننى مۇشۇ بىنانى قۇرۇشقا، ۋە بۇ ئۆرۈلۈپ ئۇنىڭ سايىسىدىكى ئەزالىرى چېچىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇنى قوغداشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا مۇھەببەت تۈيغۇسى بولمىسىمۇ، سەۋرچانلىق بىلەن نىكاھ مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئۈندەيدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «ئۇلار بىلەن چىرايلىق تۇرمۇش ئۆتكۈزۈڭلا، ئەگەر ئۇلارنى ياقتۇرمىساڭلار، بەلكىم سىلەر ياقتۇرمىغان ئىشتا، ئاللاھ كۆپ ياخشىلىقلارنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن» [نساسۈرىسى:19].

دەرسنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدىڭىز


سىناقنى باشلاڭ