نۆۋەتتىكى بۆلەك :پاكىزلىق
دەرس چوڭ تاھارەت سىزلىك ۋە يۇيۇنۇش.
غۇسۇل پەرىز بۇلىدىغان ئىشلار.
ئۇ ئىشلار ئەگەر بىر مۇسۇلماندا كۈرۈلسە، جۇنۇپ دەپ سۈپەتلىنىدۇ، ئۇ ناماز ئۇقۇش ۋە بەيتۇللانى تاۋاپ قىلىشتىن بۇرۇن يۇينۇش لازىمدۇر.
1- مەنىنىڭ چىقىشى
مەنىينىڭ قايسى ئۇسۇل بىلەن بۇلسۇن ھۇزۇرلىنىش ئېقىمى سۈپىتىدە ئويغاق ياكى ئۇخلاش بارلىق ئەھۋاللاردا ئېتىلىپ چىقىىشى. مەنى دىگەن: ئۇ قوياق ئاق سۆيۆقلۇق بولۇپ، شەھۋەت بىلەن لەززەت يۇقىرى پەللىسىگە يەتكەندە چىقىدۇ.
2- جىنسىي مۇناسىۋەت
جىنسىي مۇناسىۋەت ۋە ئۇنىڭ مەنىسى: ئەرلەرنىڭ جىنسى ئەزاسىنى ئاياللارنىڭ جىنسى ئەزاسىغا كىرگۈزىش، گەرچە مەنىي چىقىرىش بولمىسىمۇ، غۇسۇلنىڭ ۋاجىپ بۇلىشىدا زەكەرنىڭ بېشىنى كىر گۈزىش يىتەرلىك دۇر.
3. ھەيز ۋە تۇغۇتتىن كېيىنكى قاناش
ھەيز: ئۇ ئايالكىشىدىن ھەر ئايدا چىقىدىغان نورمال قان بولۇپ، ئۇ يەتتە كۈن داۋاملىشىدۇ، ئاياللارنىڭ خاراكتېرىگە ئاساسەن كۆپىيىدۇ ياكى تۆۋەنلەيدۇ. نىفاس: ئۇ ئايالنىڭ تۇغۇت سەۋەبىدىن چىقىدىغان قان بۇلۇپ بىر نەچچە كۈن داۋام قىلىدۇ.
ھەيزدار ئاياللار ۋە تۇغۇتلۇق ئاياللاردىن قان چىقىۋاتقان مەزگىلدە شەرىئەتنىڭ ھۆكمى يىنىكلىتىلىپ ناماز ساقىت بۇلىدۇ، يەنى ئۇقۇمايدۇ. ئەمما روزىنى ساقىيىپ پاك بۇلغاندىن كېيېن قازاسىنى قىلىدۇ.
ھەيزدار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئوتكۇزۇش ھۆكمى.
بۇ مەزگىلدە ئەرلەرنىڭ ئۇلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشى دۇرۇس ئەمەس، ئەمما ئۇنىڭدىن باشقا ھۇزۇرلىنىشقا بولىدۇ، ئۇلار قان توختىغاندا چوقۇم غۇسلى قىلىشى كېرەك. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «ھەيز مەزگىلىدە ئاياللاردىن يىراق تۇرۇڭلار، تاكى ئۇلار پاك بولغۇچە ئۇلارغا يېقىنلاشماڭلار، ئۇلار پاك بۇلغاندا، ئاللاھ بۇيرىغان جايدىن ئولارغا يېقىنچىلىق قىلىڭلار» [بەقەرە سۈرىسى:222). پاك بۇلغاندا دىمەك: يۇيۇنغاندا دىمەكتۇر.
مۇسۇلمان جۇنابەتتىن پاكلىنىش ئۈچۈن ئۇنى نىيەت قىلىپ پۈتۈن بەدىنىنى سۇ بىلەن يۇيۇش يېتەرلىك.
مۇكەممەل غۇسلى قلىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش يۇيۇنۇشتۇر. جونوپلىقتىن يۇيۇنماقچى بولغان كىشى، بىرىنجى قىلىپ ئىككى قولىنى يۇيۇدۇ، ئاندىن ئالىتىنى ۋە جونابەتتىن شالتاق بۇلغان يەرلەرنى يۇيۇدۇ، ئاندىن تۇلۇق تاھارەت ئالىدۇ، ئاندىن بېشىنى ئۈچ قېتىم سۇ بىلەن يۇيۇدۇ، ئاندىن بەدىنىنىڭ قالغان قىسمىنى يۇيۇدۇ.
ئەگەر مۇسۇلمان جونابەتتىن يۇيۇنسا، ئۇ تاھارەت ئېلىشقا كۇپايە قىلىدۇ، غۇسلى بىلەن تاھارەت ئالمىسىمۇ بولىدۇ، ئەمما پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى بۇيچە تاھارەت ئىلىپ يۇيۇنۇش ئەۋزەل دۇر.