نۆۋەتتىكى بۆلەك :روزا تۇتۇش
دەرس رامىزان روزىسى
ئاللاھ تالا مۇسۇلمانلارغا يىلدا بىر ئاي روزا تۇتۇشنى پەرز قىلدى، ئۇ مۇبارەك رامىزان ئېيىدۇر، ئۇنى ئاللاھ ئىسلامنىڭ تۆتىنچى تۈۋرۈكى ۋە بۈيۈك ئاساسى قىلىپ مۇنداق دىدى: «ئى مۆمىنلەر تەقۋالىققا ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىركىلەرگە روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ روزا پەرز قىلىندى» [بەقەرە سۈرىسى:183]
ئىسلامدا روزا تۇتۇشنىڭ مەنىسى: تاڭ يۇرىشتىن (ئو بامدات نامىزىنىڭ باشلىنىش ۋاقىتى) كۈن ئولتۇرغۇچە (ئو شام نامىزىنىڭ كىرىش ۋاقتى) تاماق يېيىش ئىچىش ۋە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش، ۋە باشقا روزىنى بۇزىدىغان نەرسىلەردىن چەكلىنىش ئارقىلىق ئاللاھقا قۈل چىلىق قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.
رامىزان ئېيىنىڭ پەزىلىتى
ئاللاھ تائالا مۇنداق دىدى: «رامزان ئېيى بۇلسا ئىنسانلارغا يىتەكچى، ھەق ناھەقنى ئايرىغۇچى، ھۆكۆملەرنىڭ رۇشەن دەلىلى بۇلغان، قۇرئان نازىل بۇلغان ئايدۇر، كىم بۇ ئايغا يېتىشسە روزا تۇتسۇن» [بەقەرە سۈرىسى:185]
پەيغەمبەر ئەلەھىسسالام مۇنداق دىدى: «رامىزان كىرگەندە جەننەتنىڭ دەرۋازىسى ئېچىلىپ، دوزاخنىڭ دەرۋازىسى تاقىلىدۇ، شەيتانلار زەنجىر بىلەن باغلىنىدۇ» (بۇخارى رىۋايتى:3277، مۇسۇلم رىۋايتى:1079).ئاللاھ ئۇنى بەندىلىرىگە ئىتائەت قىلىش ئارقىلىق ئۆزىگە يۈزلىنىش، ۋە يامان ئىشلارنى تاشلاش ئۈچۈن تەييارلىدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى رامىزاندا روزىنى ئاللاھقا ئېشىنىش بىلەن ساۋاپنى كۆزلەپ تۇتسا، ئۇنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ» (بۇخارى رىۋايتى:2104، مۇسۇلم رىۋايتى:760) يەنە ئۇ مۇنداق دېدى: «كىمىكى رامىزان كىچىسى ئاللاھقا ئېشىنىش بىلەن ساۋاپنى كۆزلەپ تاراۋا نامىزىنى ئۇقىسا، ئۇنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ» (بۇخارى رىۋايتى:2009، مۇسلىم رىۋايتى:759).
ئاللاھ تائالا كىتابىدا ئۇ كۆندە قىلغان ياخشى ئەمەل مىڭ ئاي ئىچىدە قىلغان ياخشى ئەمەلدىن ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «قەدرى كېچىسى مىڭ ئايدىن ياخشىدۇر» [قەدىر سۈرىسى:3] ئۇ رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كېچىسى ئېچىدە ئېنىق بولمىغان بىر كېچە بۇلۇپ. كىمكى ئۇ كىچىدە ئاللاھقا ئېشىنىپ ساۋاپنى كۆزلەپ ناماز ئۇقىسا، ئىلگىركى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ.
روزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى
1-گۇناھلارنىڭ كەچۈرۈم بۇلۇشى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېتقاندەك: «روزا تۇتقۇچىنىڭ ئىككى خۇشاللىقى بار: بىرى ئېپتار قىلغاندا، يەنە بىرى رەببى بىلەن كۆرۈشكەندە» (بۇخارى رىۋايتى:1904، مۇسلىم رىۋايتى:1151).
3-جەننەتتە رەييان دەپ ئاتىلىدىغان بىر دەرۋازا بار بۇلۇپ، ئونىڭدىن پەقەت روزا تۇتقۇچىلار كىرىدۇ.
4-ئاللاھ تائالا روزا تۇتۇشنىڭ مۇكاپات ۋە ساۋابىنى ئۆزىگە مەنسۈپ قىلدى.
روزا تۇتۇشنىڭ ھېكمىتى
چۈنكى روزا بەندە ئۆزىنىڭ سۆيگىنىنى تاشلاپ، رۇخسەت قىلىنغان خاھىشلىرىنى باستۇرۇپ، ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇش ۋە ئۇنىڭ چەكلىشىدىن ساقلىنىش، ئارقىلىق رەببىگە يېقىنلىشىدىغان ئېبادەتتۇر.
روزا تۇتقۇچىنىڭ روخسەت بىرىلگەن نەرسىلەردىن ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسونوپ چەكلىنىشى، ئۇنىڭ نەپسى خاھىشىنى گۇناھ-مەسىيەتلەردىن تىزگىنلەشكە قۇدرەتلىك قىلىدۇ.
چۈنكى روزا تۇتۇش يۇقسىزلىق ۋە ئاچلىقنى، ۋە نامرات قېرىنداشلىرىنىڭ ھاياتىنى ئەسلىتىدۇ، ئىنسان ئۆزىنىڭ نامرات قەرىنداشلىرىنىڭ ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقتىن قانداق ئازابلىنىدىغانلىقىنى ئەسلەپ، ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە تىرىشىدۇ.