نۆۋەتتىكى بۆلەك :مۇسۇلمانلار ئائىلىسى
دەرس ئاتا-ئانىلارنىڭ ھوقۇقى
ئىسلام ئاتا-ئانىلارنى ئەڭ چوڭ شەرەپ بىلەن ھۆرمەتلەپ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشنى ئىسلامدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىش بىلەن باغلىدى، ئۇ بولسا ئاللاھنى بىر دەپ ئىتقاد قىلىشتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى:«رەببىڭ پەقەت ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارغا ۋە ئاتا _ ئاناڭلارغا ۋايىغا يەتكۈزۈپ خىزمەت قىلىشىڭلارغا بۇرۇدى» [ئىسرا سۈرىسى:23] ئاللاھ تائالا ئاتا -ئانالارنى قىز ئۇغۇللارنىڭ ۋۇجۇتقا كىلىشنىڭ سەۋەبى قىلدى، بالىلار ھەرقانچە ئىش قىلسىمۇ، ئاتا-ئانىلارنىڭ ياخشىلىقىدىن ئۇلارغا ھېچ نەرسە قايتۇرالمايدۇ، ياكى بالىلىرىنىڭ راھەتلىكى ئۇلارغا كۈڭۈل بۈلۈش جەريانىدىكى تارتقان ھېرىش چارچاش زىيان-زەخمەت كېچىدە تۇرۇش، ئۇيقۇ سىزلىق ۋە راھەتسىزلىك قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ ئورنىنى تولدۇرالمايدۇ،
ئاللاھ ئادىللىقىدىن بالىلارغا ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۇلارنى يىتىشتۈرۈش يۇلىدا تۈلىگەن بەدەللىرىگە ۋە تىرىشچانلىقىغا، ئۇلارغا مۇكاپات سۈپىتىدە ھوقۇق بەلگىلەپ مۇنداق دېدى: «بىز ئىنساننى ئاتا- ئانىسىغا قېتىرقىنىپ ياخشى خىزمەت قىلىشقا بۇيرۇدۇق» [ئنكەبۇت سۈرىسى:8]. ۋە يەنە مۇنداق دېدى: «ئۇلارغا دۇنيادا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىن» [لۇقمان سۈرىسى:15] ساھابىلەردىن بىرى ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرى! «ماڭا ياخشى ھەمراھ بولۇشقا ئەڭ لايىق كىشى كىم؟ دىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام "ئاناڭ" دېدى. ئۇكىشى ئاندىن كېيىنچۇ؟ دېدى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام "ئاناڭ" دېدى. ئۇكىشى ئاندىن كېيىنچۇ؟ دېدى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام "ئاناڭ" دېدى.ئۇكىشى ئاندىن كېيىنچۇ؟ دېدى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام "ئاناڭ" دېدى. ئۇكىشى ئاندىن كېيىنچۇ؟ دېدى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام "ئاتاڭ" دېدى» [بۇخارى:5971، مۇسلىم:2548].
ئاتا-ئانىلارغا ياىشىلىق قىلىشنىڭ پەزىلىتى
ئاتا- ئانىلارغا ياخشىلىق قىلىش ئاللاھقا ئەڭ سۈيۈملۈك ۋە ئەۋزەل ئەمەللەرنىڭ بىرىدۇر. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئاللاھقا ئەڭ سۇيۈملىك ئەمەل قايسى دەپ سۇرىغاندا «ۋاقتىدا ئۇقۇلغان ناماز دېگەن، ئاندىن كېيىنچۇ دېگەندە، ئاتا- ئانىلارغا ياخشىلىق قىلىش دېگەن، ئاندىن كېيىنچۇ دېگەندە، ئاللاھ يۇلىدا جىھاد قىلىش دېگەن» [بۇخارى:527، مۇسلىم:85]
ئاتا-ئانىلارغا خىزمەت قىلىش نەپلە جىھادتىن ياخشىدۇر. بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا جىھادقا چىقايمۇ؟ دەپ كەلگەن، پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام ئۇنىڭغا ئاتا- ئانىڭىز بارمۇ؟ دېدى، ئۇكىشى بار دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام ئۇنىڭغا ئاتا- ئانىڭىزنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ئارقىلىق جىھاد قىلىڭ، دېدى» (بۇخارى:5972، مۇسلىم:2549).