نۆۋەتتىكى بۆلەك :مۇسۇلمانلار ئائىلىسى
دەرس تالاق
ئىسلام ئائىلە تۇرمۇشىنى قوغداشقا ھېرىسمەن بۇلۇپ نىكاھ مۇناسىۋىتىنى قوغدىدى، قۇرئان كەرىم بۇ تەنتەنىلىك كېلىشىمنى مۇستەھكەم دەپ تەسۋىرلىدى، بۇ مۇستەھكەم كىلىشىم نىكاھ توختامىدۇر.
ئىسلام نىكاھ مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قېلىشقا تەكىتلەپ ئەرلەرنى ھەتتا ئاياللىرىنى ياقتۇرمىسىمۇ ياكى ئۇلاردىن بىرەر نەرسىلەرنى ئۆچ كۆرسىمۇ، ئاياللىرىنى ساقلاپ قېلىشقا ۋە ئۇلاردىن ئاجراشماسلىققا بۇيرىدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار، ئەگەر ئۇلارنى ياقتۇرمىساڭلار، سىلەر ياقتۇرمايدىغان ئىشتا ئاللاھ كۆپ ياخشىلىقلارنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن» [نىسا سۈرىسى:19]. پۇختا كېلىشىمنىڭ بۇزۇلۇشقا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن، ئىسلام ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرىسىنى ئايالنى ئېرىگە قۇتۇرۇتۇش ئارقىلىق بۇزۇشقا ئۇرۇنۇشتىن قاتتىق ئاگاھلاندۇردى. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئايالنى-ئېرىگە قۇتۇرۇتۇپ بۇزغان كىشى بىزدىن ئەمەس» (ئەبۇداۋۇد:2175). قۇتۇرۇتۇش يەنى: ئالداش ۋە بۇزۇش.
ئىسلامنىڭ رېئالىزملىقى
تالاقنىڭ يولغا قۇيۇلىشى
تالاقنىڭ لۇغەتتىكى ئۇقۇمى
تالاقنىڭ شەرىئەتتىكى ئاتىلىشى
تالاقنىڭ پايدىلىرىدىن
ئاجرىشىشنىڭ زىيانلىرىدىن
تالاقنىڭ تۈرلىرى
نىكاھسىز يېنىشقىلى بۇلىدىغان تالاق
يېنىشىش ئۈچۈن قايتا نىكاھ كىرەك بولىدىغان كىچىك تالاق.
يېنىشىش ئۈچۈن قايتا نىكاھ كىرەك بۇلىدىغان چوڭ تالاق.
نىكاھسىز ۋە تويلۇقسىز يېنىشقىلى بۇلىدىغان تالاق، ۋە يېنىشقىلى بولمايدىغان چوڭ كىچىك تالاقلارغا مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملەر ئىسلام شەرىئىتىنىڭ پەزىلىتىنىڭ ئېنىق ئىپادىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئاجرىشىش ھاياتنى پۈتۈنلەي ئاخىرلاشتۇرۇش ئەمەس، نىكاھسىز ۋە تويلۇقسىز يېنىشقىلى بۇلىدىغان ياكى بولمايدىغان كىچىك بەينۇنە تالىقىدا ئايرىلىپ كەتكەن ۋاقىتتا، ئەر-خوتۇنلارنىڭ ھەر بىرى ئاقىۋىتنى قايتا ئويلىنىشقا يېتەرلىك پۇرسەت ۋاقتىنى خاپىلىقنىڭ بېسىمىدىن يىراق جىمجىت ھالدا تاپالايدۇ، شۇنداقلا ئاياللار چوڭ تالاقتىن كيېىن ئىككىنچى ئېرىدىن ئاجراشقاندا، ئىككى تەرەپ قايتىشنىڭ مۇمكىنلىكىنى ۋە بۇنىڭ ياخشى تاللاش ئىكەنلىكىنى بايقىشى مۇمكىن، بۇ تەجرىبە كۈپۈنچە ئەھۋالدا نىكاھنى مۇستەھكەم ۋە پۇختا ئاساستا قايتا قۇرۇشنىڭ سەۋەبى بۇلىدۇر.
ئىددەت
ئايال ئىددەتنى ئېرىنىڭ ئۆيىدە ئۆتكۈزۈشكە ھۇقۇقلۇق، ئۇنىڭ نەپىقىسىگە ئەر مەسئۇل بۇلىدۇ، شۇنداقلا ئەگەر ئىددەت مەزگىلىدە ئېرى ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭدىن مىراس ئالىدۇ، ۋە ئىددەت مەزگىلىدە توليق تاشلاش تويلۇق تاشلاش ئۈچۈن ئەرلەرگە ئارىلىشىشى چەكلىنىدۇ.