نۆۋەتتىكى بۆلەك :ناماز
دەرس جۈمە نامىزى.
ئاللاھ تائالا جۈمە كۈنى پىشىن نامىزىنىڭ ۋاقتىدا ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالامەتلىرىنىڭ بىرى بۇلغان جۈمە نامىزىنى تەكىت بىلەن پەرىز قىلدى، مۇسۇلمانلار ئۇنىڭغا ھەپتىدە بىر قېتىم يىغىلىپ ئىمامنىڭ ۋەز نەسىھەتلەرنى ۋە كۆرسەتمىلەرنى ئاڭلاپ ئاندىن جۈمە نامىزىنى ئوقۇيدۇ.
جۈمە كۆننىڭ پەزىلىتى.
ئۇ كۈننى ئاللاھ تائالا باشقا ئۇممەتلەردىن ئايرىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇممىتىگە خاس قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېتقاندەك: «ئاللاھ بىزدىن بۇرۇنقىلارنى جۈمە كۈنىدىن ئازدۇردى، شەنبە كۈنى يەھۇدىيلارغا، يەكشەنبە كۈنى خىرىستىيانلارغا بولغان، ئاللاھ بىزنى يارتىپ جۈمە كۈنىگە يېتەكلىدى» (مۇسلىم رىۋايتى:856).
ئۇكۆندە ئادەم ئەلەيھىسسالام يارىتىلغان، ۋە قىيامەتمۇ ئۇ كۈندە بۇلىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېتقاندەك: «قۇياش چىقىدىغان ئەڭ ياخشى كۈن جۈمە كۈنىدۇر. ئۇنىڭدا ئادەم يارىتىلغان، شۇ كۈندە ئۇ جەننەتكە كىرگۈزىلگەن، ۋە شۇ كۈنى ئۇنىڭدىن چىقىرلىندى، قىيامەتمۇ پەقەت جۈمە كۈنىدە بۇلىدۇ» (مۇسلىم رىۋايتى: 854).
جۈمە نامىزى كىمگە پەرىز بۇلىدۇ؟
بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن جۈمە نامىزىدىن بۇرۇن يۇيۇنۇش، ۋەز-نەسىھەت باشلىنىشتىن بۇرۇن مەسچىتكە بالدۇر بېرىش، ئەتىر ئېشىلتىش، ۋە ئەڭ ياخشى كىيىملەرنى كىيىش مۇستەھەپدۇر.
مۇسۇلمانلار مەسچىتكە يىغىلىدۇ، ئىمام ئۇلارنىڭ ئالدى تېرىپىدىن مۇنبەرگە چىقىپ، جامائەتكە يۈزلىنىدۇ ۋە ئۇلارغا ئىككى خۇتبە ئۇقۇيدۇ، ئۇتتۇردا يەڭگىل ئولتۇرۇش ئارقىلىق ئايرىيدۇ، ئىكىلى خۈتبىدە جامائەتكە ۋەزە نەسيھەت قىلىپ ئاللاھتىن قورقۇشقا ئۈندەيدۇ، ئاندىن بىر قانچە ئايەت ئۇقىدۇ.
ئىبادەت قىلغۇچىلارغا ۋەز-نەسىھەتنى ئاڭلاش ۋاجىپتۇر. ئۇلارغا خۈتبىدىن پايدىلانماي گەپ سۈز قىلىش، ياكى جاينىماز ياكى شەغىل تۇپراقلار بىلەن ھەپىلىشىش چەكلىنىدۇ.
جۈمە نامىزنى ئۇقۇيالمىغان كىشى.
جۈمە نامىزىغا كېچىكىپ قالغان كىشى نىمە قىلىدۇ.
ئايال ۋە سەپەر ئۈستىدىكىلەر قاتارلىق جۈمە نامىزىغا پەرز قىلىنمىغانلار، مۇسۇلمانلار بىلەن بىللە جۈمە ئۇقۇسا دۇرۇس بولىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن پىشىن نامىزى ئۇ كىشىدىن ساقىت بۇلىدۇ.
جۈمە گە كىلىشنىڭ پەرىز لىكى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جۈمە نامىزىغا كەلمىگەنلەرگە نېمە تەھدىد سالغان؟
جۈمە ۋاجىپ بولغان كىشى ئۈچۈن جۈمە نامىزىغا قاتناشماسلىققا ئىتىبارغا ئېلىندىغان رۇخسەت، ھەر قانداق ئادەتتىن تاشقىرى ئېغىر قىيىنچىلىق ئىش، ياكى ئۇ مۇسۇلماننىڭ تۇرمۇشىغا ياكى سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىشىدىن ئەندىشىگە سالىدىغان ئىشلاردۇر.