نۆۋەتتىكى بۆلەك :زاكات
دەرس زاكات پەرز قىلىنغان مال مۈلۈكلەر.
زاكات پەرز بۇلىدىغان مال مۈلۈكلەر نىمە؟
ئاللاھ تائالا زاكاتنى تەبىئىتىدە ئۆسۈپ ۋە كۆپىيىدىغان بىر قانچە تۇرلۈك مال مۈلۈكتە پەرز قىلدى، ئۇلار:
ئەگەر ئۇلار شەرئى مىقدارغا (نىسابقا) يەتمىسە، زاكات ۋاجىپ ئەمەس، نىساپقا يېتىپ ھىجرىيە ھسابىدا بىر يىل (354كۈن) تۇلۇق ئۆتسە ئاندىن ۋاجىپ بۇلىدۇ.
ئالتۇن ۋە كۈمۈشتىكى زاكاتنىڭ نىسابى تۆۋەندىكىچە:
-
ئۇھەر خىل پۇللاردىن بۇلۇپ قۇلىدىكى نەق پۇلنى ياكى بانكىدىكى چاكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
مۇسۇلمان پۇلنىڭ نىسابىنى ئالتۇنغا تەڭ ھېسابلايدۇ، ئەگەر ئۇكىشىنىڭ ئالتۇننىڭ نىسابىغا تەڭ كېلىدىغان پۇلى بولسا، تەخمىنەن 85 گرام، ياكى زاكات ۋاجىپ بۇلغاندا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك مال بۇلۇپ، ئۇنىڭغا ھىجرىيە ھىسابىدا بىر يىل ئۆتسە، ئاندىن پۇلنىڭ% 2.5 قىممىتى ئۇنىڭدىن چىقىردۇ.
زاكاتنىڭ نىسابىنى ھېسابلاشنىڭ مىسالى:
بۇنىڭدىكى مەقسەت: ئۆي-مۈلۈك، بىنا ۋە ئىمارەتلەر قاتارلىق سودا ئۈچۈن تەييارلانغان بارلىق مۈلۈكلەر، ياكى يېمەكلىك ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرى قاتارلىق نەرسىلەردۇر.
تىجارەت ماللىرىنىڭ زاكىتىنى ھىساپلاش ئۇسۇلى.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئېرىشكەن نەرسىلەرنىڭ ۋە بىز سىلەرگە يەر يۈزىدىن چىقىرىپ بەرگەن نەرسىلەرنىڭ ياخشىسىدىن سەدىقە قىلىڭلار» [بەقەرە سۈرىسى:267]
شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن مىقدارغا يەتكەن ئەھۋال ئاستىدا، زاكات زىرائەتلەرنىڭ ھەممىسىگە ئەمەس بەلكى بىر تۈركۈملىرىگە ۋاجىپ بولىدۇ.
زاكات مىقدارىنى بەلگىلەشتە كىشىلەرنىڭ شارائىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، يامغۇر ۋە دەريالار بىلەن سۇغىرىلغان ۋە ئەمگەك بىلەن سۇغىرىلغان زىمىنلار پەرقلىندۈ.
زىرائەت ۋە مېۋىلەرگە زاكات ۋاجىپ بۇلۇشنىڭ شەرتلىرى.
1- ھۇسۇلنىڭ نىساپقا يىتىشى.
2-زىرائەتلەر زاكاتقا تېگىشلىك تۈرلەردىن بولۇشى كېرەك.
3- تۇلۇق يىغىش
چارۋا بايلىقىدىن ئىنسانلار پايدىلىنىدىغان، بۇلۇپمۇ تۆگە، كالا، ۋە قويلار، مەقسەت قىلىنىدۇ.
ئاللاھ بەندىلىرىگە چارۋا ماللارنى يارىتىش ئارقىلىق مىننەتدارلىق قىلدى، كىشىلەر ئۇنىڭ گۆشلىرىنى يەيدۇ، يۇڭلىرىدا كېىم كېىدۇ، سەپەر ۋە ساياھەتتە يۈكلىرىنى يۈكلەيدۇ.ئاللاھ تائالا مۇنداق دىدى: «ئاللاھ چارۋا ماللارنى سىلەر ئۈچۈن ياراتتى، سىلەر ئۇنىڭ يۇڭ ۋە تىرىللىرىدە ئېسسىنىپ گۆشلىرىنى يەپ تۇرلۈك مەنپئەت ئالىسىلەر. ئۇلارنى كەچتە ئوتلاقتىن قايتۇرۇپ ئەتىگەندە ئوتلاققا ئېلىپ بارغاندا سىلەرگە زىننەت بۇلۇپ ھۇزۇرلىنىسىلەر. ئۇلار سىلەر جاپا مۇشەققەتسىز بارالمايدىغان يېراق جايلارغا يۈكلىرىڭلارنى تۇشىدۇ. شۈبھىسزكى رەببىڭلار سىلەرگە بەك شەپقەتلىكتۇر» [سۈرە نەھل:5-7]