ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ

كىرىشكە تىزىملاتمىدىڭىز
ئۆگىنىشنى باشلاش ۋە ئىلگىرىلىشىڭىزگە ئەگىشىش ۋە نومۇر توپلاش ۋە مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ھازىر Ta مۇنبىرىگە تىزىملىتىڭ، تىزىملاتقاندىن كېيىن، ئۆگەنگەن تېمىلىرىڭىزدا ئېلېكترونلۇق گۇۋاھنامە تاپشۇرۇۋالىسىز.

نۆۋەتتىكى بۆلەك :روزا تۇتۇش

دەرس روزىنى بۇزىدىغان ئامىللار.

روزىنى بۇزىدىغان تۇرلۈك ئاملىللار بۇلۇپ، ئۇلار روزا تۇتقۇچى ئەر ياكى ئايالدىن سادىر بۇلسا روزىنى بۇزىدۇ. بۇ دەرسلىكتە سىز روزىنى بۇزىدىغان ئامىللارنى ئۆگىنىسىز.

نىشان: رۇزىنى بۇزىدىغان تۇرلۈك ئامىللارنى تونۇپ يېتىش. 

روزىنى بۇزىدىغان ئامىللار.

ئۇلار روزىنى بۇزىدىغان ئىشلار بۇلغاچقا، روزا تۇتقۇچى ئۇنىڭدىن چەكلىنىشى كېرەك.

1- يېش ۋە ئېچىش.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دىدى: «تاڭ يۇرغانغا قەدەر يەڭلار ۋە ئېچىڭلار، ئاندىن كەچ كىرگىچە روزىنى داۋاملاشتۇرۇڭلار» [بەقەرە سۈرىسى:187]

كىمكى ئۇنتۇپ قېلىپ يەپ-ئىچىپ قالسا، ئۇنىڭ روزىسى دۇرۇس، گۇناھكار بولمايدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېتقاندەك: «روزا تۇتقان كىشى ئۇنتۇپ قېلىپ، يەپ-ئىچىپ قالسا، ئۇ روزىنى تولۇق قىلسۇن، ئۇنىڭغا يېمەكلىك ۋە ئىچىملىكنى ئاللاھ ​​بەردى»(بۇخارى رىۋايتى:1933، مۇسلىم رىۋايتى:1155).

2. يېيىش ۋە ئىچىشنىڭ ھۆكمىدە بۇلىدىغان نەرسىلەر.

١
بەدەنگە ئوزۇقلۇق، ۋە يېمەك ئېچمەكنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان تۇز ۋە غىزالارنى يەتكۈزىدىغان، ئېرىتملەر ۋە يىڭنىلەرنىڭ ھۆكمى يېمەك ئېچمەكنىڭ ئورنىدا بۇلىدۇ.
٢
بىمارغا قان سېلىش: قان بەدەننى ئوزۇقلاندۇرىدىغان بولغاچقا، يېمەكلىك ۋە ئىچىملىكنىڭ ھۆكمىدە بۇلىدۇ.
٣
تاماكا نىڭ ھەممە تۇرلىرى روزىنى بۇزىدۇ، چۈنكى ئۇ يېمەكلىك ۋە ئىچىملىككە ئوخشاش ئادەمنىڭ ئاشقازىنىغا كىرىدۇ.

3-جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۆزۆش، ئۇنىڭدا مەنىي چىقىش ياكى چىقماسلىقىدىن قەتئىينەزەر، زكەەرنىڭ بېشى ئايالنىڭ ئەۋرىتىگە سىڭىپ كىرسىلا روزا بۇزىلىدۇ.

4-ئەر كىشىنىڭ ئۆز ئېختىيارلىقى بىلەن قۇچاقلاش ياكى قۇلى ئارقىلىق مەنىني چىقىرۋىتىشى.

ئۇيقۇدا يۈز بېرىدىغان ئىھتىلام، روزىنى بۇزمايدۇ. ئۆزىنى كونترول قىلالايدىغان كىشىگە، ئايالىنى سۆيۈشى دۇرۇسدۇر، كونترول قىلالمىسا روزىسى بۇزۇلماسلىقى ئۈچۈن سۆيمەسلىك كىرەك.

5-قەستەن قۇسۇش

ئىختىيارسىزلىقتىن قۇسقان كىشىگە ھېچ ئىش يوق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىدىگەن: «روزىدار ئادەم مەجبۇر قۇسۇپ سالسا روزىنىڭ قازاسىنى قىلمايدۇ، ئەگەر قەستەن قۇسسا قازاسىنى قىلىدۇ» (تىرمىزى رىۋايتى:720، ئەبۇ داۋۇد رىۋايتى:2380).

6-ھەيز قېنى ۋە تۇغۇتتىن كېيىنكى قانلارنىڭ كىلىشى.

ھەيز ياكى تۇغۇتتىن كېيىنكى قان كۈندۈزنىڭ قايسى بىر ۋاقتىدا كۆرۈلسە، ئايال كىشى روزىنى بۇزىدۇ. ئەگەر ھەيز دار ئايال تاڭ ئاتقاندىن كېيىن پاكلانسا، ئۇ كۈندىكى روزىسىمۇ دۇرۇس بۇلمايدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئايال كىشى ھەيز كۆرگەن چاغدا، ناماز ئوقۇمايدۇ ۋە روزا تۇتمايدۇ ئەمەسمۇ؟» دىگەن سۈزىگە ئاساسەن (بۇخارى رىۋايتى:1951).

كېسەل سەۋەبىدىن ئايالدىن چىقىدىغان قان، ئۇ ئادەتتە بىر ئاي ئىچىدىكى ھەيز قېنىمۇ ئەمەس، ۋە تۇغۇتتىن كېيىنكى نىپاس قېنىمۇ ئەمەس، شۇڭا ئو روزىدىن تۇسالمايدۇ.

دەرسنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدىڭىز


سىناقنى باشلاڭ