نۆۋەتتىكى بۆلەك :روزا تۇتۇش
دەرس ئاللاھ روزا تۇتماسقا رۇخسەت قىلغان كىشىلەر.
ئاللاھ تائالا رۇزا تۇتماسقا رۇخسەت قىلغان كىشىلەر.
ئەگەر ئۇ كىشىنىڭ ساقىيىشى ئۈمىد قىلىندىغانلاردىن بولسا، رامىزاندىن كېيىن قازاسىنى قىلسا بۇلىدۇ.
قېرىلىق ياكى ساقىيېشتا ئۈمىدە يۇق كېسەل كىشى ئۈچۈن، روزا تۇتمىسا رۇخسەت بىرىلىدۇ. ئۇ ھەر كۈنى ئۇ بىر كەمبەغەلگە يۇرتنىڭ ئاساسلىق ئۇزقىدىن بىر يېرىم كىلوگرام يېمەك بېرىدۇ.
ئۇلار روزا تۇتسا دۇرۇس بۇلمايدۇ، ئۇلار رامىزاندىن كېيىن قازاسىنى قىلىدۇ.
ئەگەر ھامىلدار ياكى بالا ئېمىتىۋاتقان ئايال ئۆزى ياكى بالىسىدىن قورقسا، روزا تۈتماي كېىن قازاسىنى قىلىدۇ. ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇكى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئەنەسكە مۇنداق دېدى: «ئولتۇر، مەن ساڭا روزا تۇتۇش توغرىسىدا سۆزلەپ بېرەي، ئاللاھ تائالا يۇلۇچىدىن نامازنىڭ يېرىمىنى يەڭگىللەتتى، رۇزىنى يۇلۇچىدىن ۋە ھامىلدار بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللاردىن، يەڭگىللىتىپ كېىن تۇتۇۋەلىشقا رۇخسەت قىلدى» (ئىبنى ماجە رىۋايتى:1667).
يول يۈرىۋاتقاندا ۋە تۆت كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە تۇرغاندا روزى تۇتماي، رامىزاندىن كېيىن قازاسىنى قىلسا دۇرۇس.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دىدى: «كىمكى كىسەل ياكى سەپەر ئۇستدە بۇلۇپ تۇتالمىغان بۇلسا، باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن، ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ» [بەقەرە سۈرىسى:185]