ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ

كىرىشكە تىزىملاتمىدىڭىز
ئۆگىنىشنى باشلاش ۋە ئىلگىرىلىشىڭىزگە ئەگىشىش ۋە نومۇر توپلاش ۋە مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ھازىر Ta مۇنبىرىگە تىزىملىتىڭ، تىزىملاتقاندىن كېيىن، ئۆگەنگەن تېمىلىرىڭىزدا ئېلېكترونلۇق گۇۋاھنامە تاپشۇرۇۋالىسىز.

نۆۋەتتىكى بۆلەك :روزا تۇتۇش

دەرس نەپلە رۇزا تۇتۇش.

ئاللاھ بىر يىلدا بىر ئاي روزا تۇتۇشنى پەرز قىلدى، لىكىن ئارتۇق ئەجر ساۋاپنى تەلەپ قىلغۇچىلار ئۈچۈن باشقا كۈنلەردە روزا تۇتۇشقا ئۈندىدى. بۇ دەرسلىكتە سىز نەپلە رۇزىنىڭ تۈرلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ پەزىلىتىنى تۇنۇپ چىقىسىز.

  • نەپلە رۇزىنىڭ بەزى تۇرلىرىنى تۇنۇپ چىقىش.
  • بۇ تۇرلۈك رۇزىلارنى تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى ۋە ساۋاپلىرىنى بىلىش.

ئاللاھ بىر يىلدا بىر ئاي روزا تۇتۇشنى پەرز قىلدى، لىكىن قۈدرىتى يېتىدىغان كۆپ ئەجر ساۋاپ ئېزدەنگۈچىلەرگە باشقا بىر قانچە كۈنلەردە رۇزا تۇتۇشقا ئۈندىدى، ئۇ كۈنلەر ئىچىدە:

1- ئاشۇرا كۈنى

ئۇ مۇھەررەم ئېيىنىڭ ئونىنچى كۈنى بۇلۇپ، ئىسلام كالىندارىدىكى بىرىنچى ئايدۇر، ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرى مۇسا ئەلەيھىسسالامنى پىرئەۋندىن قۇتقۇزغان كۈنىدۇر. مۇسۇلمان مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇتۇلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىپ ئۇ كۆندە رۇزا تۇتىدۇ، چۈنكى ئۇ زات شۇ كۆندە روزا تۇتاتتى. ئۇنىڭدىن ئاشۇرادا روزا تۇتۇش توغرىسىدا سورالغاندا، «ئۇ ئالدىنقى يىلنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ» دېدى. (مۇسلىم رىۋايتى:1162) ئۇنىڭدىن بىر كۈن ئىلگىرى توققۇزىنچى كۈنى روزا تۇتۇش مۇستەھەپ بۇلىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەتتە كەلگەن: «ئەگەر كىلەر يېلغىچە ئۆمرۈم بۇلسا توققۇزىنچى كۈنى روزا تۇتىمەن» (مۇسلىم:1134).

2- ئەرەفە كۈنى

ئۇ ئىسلام كالىندارىنىڭ ئون ئىككىنچى ئېيى بولغان زۇلھەججە ئېيىنىڭ توققۇزىنچى كۈنى بولۇپ، يىلدىكى كۆنلەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلىدۇر، بۇ كۈندە ھاجىلار ئەرىپىگە يىغىلىپ، ئاللاھقا زارلىنىپ دۇئا قىلىدۇ. ھەمدە ھاجىلاردىن باشقىلار روزا تۇتۇشقا رىغبەتلەندۈرۈلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەرەفە كۈنى روزا تۇتۇش توغرىسىدا سورالغاندا ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئۇ ئالدىنقى يىل بىلەن كېلەچەك يىلنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ» (مۇسۇلم:1162) .

3- شاۋالنىڭ ئالتە كۈنى

شاۋۋال ئىسلام كالېندارىنىڭ ئونىنچى ئېيى بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىم رامىزان ئېيىنىڭ روزىسنى تۇتۇپ، ئارقىسىدىن ئالتە كۈن شاۋۋالدا روزا تۇتسا بۇ مەڭگۈ روزا تۇتقانغا ئوخشاش بۇلىدۇ» (مۇسۇلم:1164).

4- ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش.

ئەبۇ ھۇرەيرە دىن مۇنداق دىگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «دوستۇم "مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام" ماڭا ئۈچ ئىشنى تەۋسىيە قىلدى ئۇلارنى ئۆلگۈچە تاشلىمايمەن: ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش، چاشكا نامىزى ئۇقۇش، ۋىتر نامىزىنى ئۇقۇپ ئۇخلاش» (بۇخارى رىۋايتى:1178، مۇسۇلم رىۋايتى:721)

دەرسنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدىڭىز


سىناقنى باشلاڭ