نۆۋەتتىكى بۆلەك :روزا تۇتۇش
دەرس رۇزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت
رۇزا ھېيت
رۇزا ھېيتتا نېمىلەر بۇيرۇلغان؟
ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن ئارتۇق نەرسىگە ئېگە بۇلغان كىشىگە ھېيت كىچىسى ۋە كۆندىزى مۇسۇلمانلارنىڭ پېقىر مىسكىنلىرىگە، يۇرت ئەھلىنىڭ ئۇزۇقى بۇلغان: گۈرۈچ ياكى بۇغداي ياكى خورما لاردىن ئۆچ كىلوغا قەدەر ئوزوق بېرىشكە بۇيرۇدى، شۇنداق بۇلسا ھېيت كۈنى ھېچ موھتاج ئادەم قالمايدۇ.
رامىزاننىڭ ئاخىرقى كۈنى كۈن پەتىشتىن ھېيت نامىزىغىچە، ھېيتتىن بىر ياكى ئىككى كېچە ئېلگىرى قىلىش دۇرۇس.
يۇرت خەلقىنىڭ يېمەكلىك ئۇزۇقى بۇلغان: بۇغداي، گۈرۈچ، خورما، ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەردىن بىر سا بىرىدۇ. "سا" دىگەن بىر ئۆلچەم بۇلۇپ ئۇنىڭ ئېغىرلىقىنى زامانىۋى جىڭ ئۆلچىمى بويىچە تەڭشەش ئاسان دەپ قارالغان، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 3 كىلوگىرامغا تەڭ كىلىدۇ.
ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىدىن ئارتۇق نەرسىگە ئېگە بولغان كىشىگە، ھېيت كىچىسى ۋە كۆندىزى، ئۆزىدىن ۋە نەپىقىسى ۋاجىپ بۇلغان ئايال باللىرىدىن، بىرىش ۋاجىپتۇر. ئانىنىڭ قورسىقىدىكى تۆرەلمىدىن بىرىش مۇستەھەپ دۇر. ھەر بىر ئادەمدىن يۇرت ئەھلىنىڭ ئۇزۇقىدىن بىر سا، تەخمىنەن ئۈچ كىلو بىرىدۇ.
زاكات فىتىرنىڭ ھېكمىتى
بۇ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئىككىنچى ھېيت بولۇپ، ئۇ زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئونىنچى كۈنى (ئىسلام كالىندارىدىكى ئون ئىككىنچى ئاي) بولۇپ، ئۇنىڭدا نۇرغۇن پەزىلەتلەر توپلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە:
1. بۇ بىر يىلدىكى ئەڭ ياخشى كۈنلەرنىڭ بىرىدۇر.
ئۇنىڭدا ھەجنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ۋە ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ شەرەپلىك پائىلىيەتلىرى بار، مەسىلەن كەئبىنى ئايلىنىش، ۋە قۇربانلىق قىلىش، ۋە چوڭ شەيتانغا تاش ئېتىش دېگەندەك.
قۇربان ھېيتتا نېمىلەر بۇيرۇلغان؟
ئۇ قۇربان ھېيت كۈنىدە ھېت نامىزىدىن كېيىن زۇلھەججە ئېيىنىڭ 13-كۈنى، كۈن ئولتۇرغۇچە ئاللاھقا يېقىنلىشىش ئۈچۈن تۆگە ياكى كالا ياكى قويدىن بوغۇزلىنىدىيغان نەرسە دۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: ئى مۇھەممەد! «رەببىڭ ئۈچۈن ناماز ئۇقا ۋە قۇربانلىق قىلغىن» [كەۋسەر سۈرىسى:2] بۇ ئايەتتىن مۇراد ناماز ۋە قۇربانلىق دەپ تەپسىر قىلىندى.
ئۇنىڭ ھۆكمى
قۇربانلىق قىلىشنى خالايدىغان كىشى زۇلھەججى ئېيىنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپ قۇربانلىق قىلىنغانغا قەدەر چېچى ياكى تىرناقلىرى ۋە تېرىسىدىن ھېچ نەرسە ئالماسلىق كىرەك.
قۇربانلىق قىلىدىغان ھايۋانلارنىڭ شەرتلىرى
ئۇلار: قوي، كالا، ياكى تۆگە بولۇپ، باشقا ھايۋانلار ياكى قۇشلار دىن قۇربانلىق دۇرۇس بولمايدۇ، بىر ئادەم ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە بىر قوي ياكى ئۆچكە كۇپايە قىلىدۇ، بىر كالا ياكى بىر تۆگىدە يەتتە كىشى ھەمبەھىرلەسسە بۇلىدۇ.