نۆۋەتتىكى بۆلەك :قىش پەسلىنىڭ ھۆكۈملىرى
دەرس قىشتا كۆپ ئۈچرايدىغان ئىشلارنىڭ ھۆكمى
قىشتا كۈپۈنچە ھالدا يورۇلىدىغان ئوتنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئۆچۈرۈۋېتىش كېرەك، ھەمدە شۇنىڭغا ئوخشاش ئوت كىتىش خەتىرى بار مەش ۋە ئىسسىنىش ئۈسكىنىنمۇ ئۈچۈرۈش كىرەك، ئەبۇ مۇسەل ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھاۋالىسى بىلەن رىۋايەت قىلىندۇكى، ئۇ مۇنداق دېدى: «مەدىنەدە ئىچىدە ئادەم بار بىر ئۆيگە كېچىدە ئوت كەتتى، ئۇلار ھەققىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خەۋەر قىلىندى، ئۇ زات «بۇ ئوت ئەكسىچە، سىلەرگە دۈشمەن، ئۇخلىغاندا يېنىڭلاردىن ئۆچۈرۋىتىڭلار» (بۇخارى رىۋايتى:6294، مۇسۇلم رىۋايتى:2016) ۋە باشقا بىر ھەدىستە: «ئۇخلىغاندا ئۆيىڭلاردا ئوت قويماڭلار» (بۇخارى رىۋايتى:6293، مۇسلىم رىۋايتى:2015).
1-مۇسۇلمان شامالنىڭ ئىسسىق ۋە سوغۇق، يېنىك ۋە ئېغىر، شىمالدىن ۋە جەنۇبتىن، يامغۇرلۈق ۋە يامغۇرسىز بۇلۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرى بىلەن، ئاللاھنىڭ ئۇنى تەسەررۇپ قىلىش قۇدىرتىنى ئەسلەيدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «شەكسىزكى ئاسمانلارنىڭ ۋە زىمىننىڭ يارتىلىشىدا، كىچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشىدا، ئىنسانلارغا پايدىلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ دەڭىزدا ئۈزۈپ يۈرىۋاتقان كىمىلەردە، ئاللاھ بۇلۇتتىن ياغدۇرۇپ قاقاس زىمىننى جانلاندۇرغان يامغۇردا، يەر يۈزىگە تارقىتىۋەتكەن ھايۋانلادا، شاماللارنىڭ تۈرلۈك تەرەپلەردىن چىقىپ تۇرشىدا، ئاسمان بىلەن زىمىن ئارىسىدا بۇيرۇققا ھازىر تۇرىۋاتقان بۇلۇتلاردا، ئەقلىنى ئىشىلتىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ بىرلىك ۋە بارلىقىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلەر باردۇر» (بەقەرەسۈرىسى: 164).
ئابدۇللاھ بىن زۇبەيىردىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ كىشى گۈلدۈرماما ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا گەپنى تۇختۇتۇپ مۇنداق دېگەن: (گۈلدۈرماما مەدھىيىلەپ تەسبىھ ئېيتقان، ۋە پەرىشتىلەرمۇ قورقۇپ تەسبىھ ئېيتقان، ئاللاھ شەرەپلىك زاتتۇر) دىگەن، بۇ قۇرئاندىكى سۆزدۇر: «گۈلدۈرماما ئاللاھنى مەدھىيىلەپ تەسبىھ ئېيتىدۇ، پەرىشتىلەرمۇ ئاللاھتىن قورقۇپ تەسبىھ ئېيتىدۇ» (رەئد سۈرىسى:13)
ئاللاھ تائالا يامغۇرنى بەرەكەتلىك دەپ تەسۋىرلەپ «بىز ئاسماندىن بەرىكەتلىك سۇ چۈشۈردۇق» دېدى: (قاف سۈرىسى:9) ئۇ چۈشكەندە قىلىنغان ئىشلاردىن: 1-بىر ئادەم بەدىنىنىڭ مەلۈم يېرىنى يامغۇر تىگىش ئۈچۈن ئېچىپ قۇياش كىرەك، ئەنەس رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دېدى: «بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە يامغۇردا قالدۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېيىمىنى ئېچىۋەتتى، ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى نېمىشقا بۇنداق قىلىلا؟ دىدۇق، ئۇ زات چۈنكى ئۇ ئاللاھنىڭ قېشىدىن يېڭىدىن كەلدى، دېدى» (مۇسلىم رىۋايتى:898).
2- دۇئا قىلىش، بىر قانچە رىۋايەتلەردە دۇئا ئىجابەت بۇلىدىغان يەر دېيىلگەن.
يامغۇريېغىۋاتقاندا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن قىلىنىدىغان دۇئا
ئەگەر يامغۇر كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭ زىيىنىدىن قورقولسا، ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىش مۇستەھەپتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كەلگەن دۇئالار ئىچىدە: «ئى ئاللاھ! يامغۇرنى بىزنىڭ ئۈستىمىزدىن ئەتراپىمىزدىكى تاغلار، ۋە دۆڭلۈكلەر ۋە ۋادىلار ۋە دەرەخلەرنىڭ يىلتىزلىرىغا بۇرىۋەتسىلەر». (بۇخارى رىۋايتى:1014، مۇسۇلم رىۋايتى:897).