نۆۋەتتىكى بۆلەك :ئىمان
دەرس روھلاردىكى خۇراپاتلىققا قارشى تۇرۇش
ئىسلام دىنىدىن ئىلگىرى ئەرەبلەر ۋە ئۇمۇمى خەلىقلەر يەر يۇزىگە ئۇمۇم لىشىپ ھېچ بىر خەلىق ساق قالمىغان ئەپسانى رىۋايەتلەر ۋە خام خىياللارنىڭ گۆرە سىدە قالغان، ھەتتا ئەرەبلەرمۇ باشتا «قۇرئان كەرىم» مۇ بىر خىل ئەپسانىلەردىن ياكى سىھر دىيىشكەن.
ئىسلام ئۆزىنىڭ نۇرى ۋە يېتەكچىلىكى بىلەن كەلگەندە، ئەقىل ۋە رۇھنىڭ پاكلىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ پەقەت بىر ئاللاھقا يۈزلىنىشكە باغلايدىغان قانۇن ۋە قائىدىلەر بىلەن ئەقىل ۋەرۇھنى خۇراپاتلىق ئەپسانىلەر ۋە خام خىياللارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلدۇردى. بۇنىڭ ئىچىدە:
سېھىر ۋە جادۇگەرلىككە قارشى تۇرۇش:
شەرىئەت مۇسۇلماننىڭ سېھىرگەرلەر ۋە رەمباللارنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇلاردىن بىر نەرسە سۇراشنى ۋە ئۇلاردىن شىپالىق ياكى داۋالىنىش ۋە مۇرەككەپ ئىشلارنىڭ چارىسىنى ئۇلاردىن تەلەپ قىلىشتىن چەكلەپلا قالماستىن، بۇنى قىلغانلارنى ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە نازىل بولغان ۋەھيىگە كاپىر دەپ تەسۋىرلىدى. چۈنكى پايدا- زىيان ئاللاھنىڭ قولىدا دۇر، غەيىبنى بىلگۈچى پەقەت ئاللاھتۇر. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «كىم پالچىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن بىر نەرسە سوراپ ئىتقانلىرىغا ئىشەنسە، مۇھەممەدكە نازىل قىلىنغان ۋەھيىگە كاپىر بۇلغان بۇلىدو» (مۇستەدرەك ھاكىم:15).
پايدا ۋە زىيان ئاللاھنىڭ قولىدا دور.
كىمكى بۇ مەخلۇقاتلارنىڭ چوڭلىقىغا ۋە ئۇلارنىڭ ياسىلىشتىكى ئىنچىكىلىككە پىكرى يۈرگۇزسە، ئۇلارنىڭ ياراتقۇچىسىنىڭ تۇرلۇك ئىبادەتلەرنىڭ ھەممىسىنى شۇنىڭغىلا سەرىپ قىلىش ۋاجىپ بولغان ھەممىگە قادىر ۋە ھەممىنى پەرۋىش قىلغۇچى ۋە كونترول قىلغۇچى زات ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، شۇڭا ياراتقۇچى پەقەتلا شۇ زاتتۇر، باشقا ھەممە نەرسە مەخلۇقتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «ئاللاھنىڭ (بىرلىكىنى ۋە قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللىرىدىن بىرى كېچە بىلەن كۈندۈز ۋە كۈن بىلەن ئايدۇر. سىلەر قۇياشقىمۇ، ئايغىمۇ سەجدە قىلماڭلار، ئەگەر سىلەر (راستتىنلا) ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلماقچى بولساڭلار، ئۇ نەرسىلەرنى ياراتقان ئاللاھقا سەجدە قىلىڭلار» [فۇسسىلەت سۈرىسى:37].
غەيب بىلەن مۇستەقبەلنى پەقەتلا ئاللاھ بىلىدۇ.
بەلكى مەخلۇقاتنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ۋە ئەڭ ئۇلۇغى بۇلغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىگە ھېچقانداق پايدا ۋە زىيانغا ئىگە بۇلغۇچى بۇلالمىدى. غەيىپنى ۋە كەلگۈسىنى بىلمەيتتى، ئۇنداقتا شەرەپ ۋە مەرتىۋىدە ئۇنىڭدىن تۈۋەن ئادەم قانداقمۇ بىلسۇن. ئاللاھ ئېتقاندەك: «ئى پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، ئاللاھنىڭ خالىغىنىدىن باشقا، ئۆزۈمگە پايدا يەتكۈزۈش، ئۆزۈمنى زىياندىن قوغداپ قېلىش مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدۇ. ئەگەر مەن غەيىبنى بىلىدىغان بولسام، ئۆزۈمگە نۇرغۇن ياخشىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن، زىيان- زەخمەتكىمۇ ئۇچرىمىغان بولاتتىم. مەن پەقەت ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە خۇش خەۋەر بەرگۈچى قىلىپ ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن» [ئەئراف سۈرىسى:188].
شۇم پال ئېلىش بىلەن ئۈمىت سىزلىكتىن چەكلەش.
شۇمپال ئېلىشنىڭ مىسالى بۇلسا، سەپەر ياكى ساياھەتكە چىقماقچى بۇلغان ئادەم بىر خىل قوشنى كۇرۇپ ياكى ئونىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالسا. شۇم پال ئېلىپ سەپەردىن تۇختاپ قالغانغا ئۇخشاش، كۇپۇنچە ھالەتتە داۋاملاشتۇرماى تۇختىتىپ قۇيىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلام ئۇنداق ئىشلارنى شىرك دەپ تەسۋىرلىگەن. «شۇم پال ئېلىش شىرك دۇر» (ئەبۇداۋۇد:3912. ئىبنۇ ماجە:3538) چۈنكى ئۇ مۇسۇلماننىڭ ئاللاھ كائىناتنى ۋە ئالەمنى ئۇزى يالغۇز ئىدارە قىلغۇچى دىگەن پۇختا ئىمانىغا قارشىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام بىر خىل قۇش ياكى ھايۋانلارنى كۆرۈش ياكى ئۇنى ئاڭلاش ئارقىلىق ئۈمىدسىزلىك بۇلۇش ۋە ياكى يامانلىقتىن شۇملۇق كۈتۈشنى چەكلىدى.
بۇنىڭ ئورنىدا ياخشى پال، ۋە ياخشىلىقنى ئايان قىلىدىغان سۆزلەرنى قىلىشنى، ۋە ياخشىلىقنى ئارزۇ قىلىپ، ئاللاھتىن ياخشىنى كۈتۈشنى يولغا قويدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيتتى: «مېنى ياخشى پال، ۋە ياخشى گۈزەل سۆزلەر قزىقتۇرىدۇ» (بۇخارى:5776، مۇسلىم:2224)