ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ

كىرىشكە تىزىملاتمىدىڭىز
ئۆگىنىشنى باشلاش ۋە ئىلگىرىلىشىڭىزگە ئەگىشىش ۋە نومۇر توپلاش ۋە مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ھازىر Ta مۇنبىرىگە تىزىملىتىڭ، تىزىملاتقاندىن كېيىن، ئۆگەنگەن تېمىلىرىڭىزدا ئېلېكترونلۇق گۇۋاھنامە تاپشۇرۇۋالىسىز.

نۆۋەتتىكى بۆلەك :ئىمان

دەرس كىتابلارغا ئىمان كەلتۈرۈش.

ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان كىتاپلارغا ئىمان كەلتۈرۈش، ئىماننىڭ ئاساسلىرىنىڭ بىرى بۇلۇپ، بۇ دەرسلىكتە كىتاپلارغا ئىمان ئېتىشنىڭ مەنىسىنى ۋە ئۇنىڭ ئەھمىتىنى، ۋە بەزىسىنىڭ ئىسمىنى، ۋە ئۇنىڭدىن بۈگۈنكى مەۋجۇتلارغا بىزنىڭ پوزىتسىيىمىزنى تۇنۇپ چىقىسىز.

  • كىتابقا ئىمان كەلتۈرۈشنىڭ مەنىسىنى ۋە ئۇنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىش.
  • مۇسۇلماننىڭ بۈگۈنكى كىتابلارغا بولغان مەيدانىنى بىلىش.
  • مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئان كەرىمگە بولغان مەجبۇرىيىتىنى بىلىش.

كىتابلارغا ئىمان كەلتۈرۈشنىڭ مەنىسى

ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە بەندىلىرىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن كىتاپلارنى نازىل قىلىغانلىقىنى، ھەمدە بۇ كىتابلارنىڭ ئاللاھ تائالا ئۆزىگە لايىق كېلىدىغان ھالەتتە سۈزلىگەن سۇزى ئىكەنلىكىنى، ۋە بۇ كىتابلاردا ئىككىل دۇنيادا كىشىلەرگە ھەقىقەت نۇر ۋە يېتەكچىلىك نىڭ بارلىقىنى كەسكىن تەستىقلاش.

كىتابلارغا ئىمان ئىتىشنىڭ ئەھمىيىتى

كىتابلارغا ئىمان ئىتىش ئىماننىڭ ئاساسلىرىنىڭ بىرىدۇر، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە، ئاللاھ ئۇنىڭغا نازىل قىلغان كىتابقا ۋە ئىلگىرى ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلارغا ئىمان كەلتۈرۈڭلار» [نىسا سۈرىسى:136]. شۇڭا ئاللاھ تائالا ئۇزىگە ئىمان ئېيتىشقا، ۋە پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتىشقا، ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىگە نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىمان ئېيتىشقا بۇيرۇدى. ئۇ بولسىمۇ قۇرئان كەرىم دۇر. شۇنداقلا قۇرئاندىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان كىتابلارغىمۇ ئىمان ئېيتىشقا بۇيرۇدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىمان ھەققىدە مۇنداق دېدى: «ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا، ئەلچىلىرىگە ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئىتىشىڭ. ۋە تەقدىرنىڭ ياخشى-يامانلىقىغا ئىمان ئىتىشىڭ» (مۇسلىم:8).

كىتابلارغا ئىمان ئىتىش نېمەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟

١
ئۇنىڭ ھەقىقەتەن ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغانلىقىغا ئىمان ئىتىش
٢
ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ سۆزى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش.
٣
ئاللاھ ئۇزىنىڭ كىتابلىرىدىن نامى بىلەن ئاتىغانلىرىغا ئىشىنىش، مەسىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان «قۇرئان كەرىم» مۇسائەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان تەۋرات، ۋە ئىسائەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان ئىنجىل گە ئوخشاش.
٤
بىز ئىلگىرىكى كىتابلارنىڭ مەلۇم قىلغانلىرىنى، قۇرئان كەرىم ياكى سۈننەت تەستىقلىسا ئىشىنىمىز، قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ ئىنكار قىلغانلىرىنى رەت قىلىمىز. قالغانلىرى ھەققىدە سۈكۈت قىلىمىز، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى ئىنكارمۇ قىلمايمىز، ۋە تەستىقمۇ قىلمايمىز.

قۇرئاندىن ئىلگىركى كىتاپلارغا كۈز قارشىمىز قانداق؟

مۇسۇلمان مۇسائەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان تەۋرات، ۋە ئىسائەلەيھىسسامغا نازىل قىلىنغان ئىنجىل، ئاللاھ تەرىپىدىن بەرھەق نازىل قىلىنغانلىقىغا ئىشىندۇ، ئۇ ئىككى كىتاب كىشىلەر ئۈچۈن دۇنيا تىرىكچىلىكى ۋە ئاخىرەت ھاياتىنى ئاىدۇڭلاشتۇرۇپ يىتەكلەىدىغان. كۆپلىگەن ھۆكۈملەر. ۋەزە نەسىھەتلەر ۋە خەۋەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، لىكىن ئاللاھ تائالا بىزگە قۇرئان كەرىمدە كىتاب ئەھلىدىن بۇلغان يەھۇدىيلار ۋە خىرىستىيانلار كىتابلىرىنى بۇرمىلاپ، ئۇلارغا قوشاپ ۋە ئازايتقانلىقىنىدىن خەۋەر بەردى، ئۇ كىتاپلار ئاللاھ نازىل قىلغان پېتى قالمىغان.

ھازىرقى تەۋرات مۇسا ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان پېتى ئەمەس، چۈنكى يەھۇدىيلار ئۇنىڭ نۇرغۇن ھۆكۈملىرىنى ئۆزگەرتىپ بۇرمىلاپ ئويۇنچۇق قىلىۋالغان. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «ئەھلى كىتابتىن بىر تۈركۈمى كىتابتا بولمىغان نەرسىلەرنى سىلەرنىڭ كىتابتا بار ئىكەن دەپ ئويلىشىڭلار ئۈچۈن تىللىرىنى تولغاپ تۇرۇپ ئوقۇيدۇ ۋە ئۇنى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان ئەمەس، ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇيدۇ» [ئال ئىمران سۈرىسى:78].

تەۋرات ھەققىدە دىيىلگەندەك ھازىرقى ئىنجىلمۇ ئىسا ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان ئىنجىل ئەمەس. چۈنكى خىرىستىيانلار ئىنجىلنى بۇرمىلاپ، ئۇنىڭ نۇرغۇن ھۆكۈملىرىنى ئۆزگەرتىۋەتتى. ئۇلۇغ ئاللاھ ئۇلار ھەققىدە مۇنداق دېدى: «بىز خىرىستىيانمىز دىگەنلەردىنمۇ مۇستەھكەم ئەھدە ئالغان ئىدۇق. ئۇلار (ئىنجىلدا) ئۆزلىرىگە قىلىنغان نەسىھەتنىڭ بىر قىسمىنى ئۇنتۇدى، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قىيامەتكە قەدەر ئاداۋەت ۋە دۈشمەنلىك سالدۇق. شۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ» [مائىدە سۈرىسى:14].

شۇڭلاشقا بىز بۈگۈن تەۋرات ۋە ئىنجىلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتاب ئەھلىنىڭ قولىدىكى مۇقەددەس كىتاب دەپ ئاتالغان نەرسىنىڭ نۇرغۇن چىرىك ئېتىقاد، يالغان خەۋەر ۋە يالغان چۆچەكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بايقايمىز.

ھازىر تېپىلىدىغان تەۋرات ۋە ئىنجىلنىڭ گەرچە قۇرئان ئېيتقاندەك بۇرمىلانغان ۋە ئۆزگەرتىلگەنلىكىگە ئىشىنىدىغان بولساقمۇ، يەنىلا مۇسۇلمان ئۇ كىتابلارنى ھۆرمەتلەپ ھاقارەتلىمەسلىك لازىم. چۈنكى ئۇنىڭدا ئاللاھنىڭ سۆزلىرىنىڭ بۇرمىلانمىغان قالدۇقلىرى باردۇر.

قۇرئان كەرىمگە بولغان مەجبۇرىيىتىمىز نېمە؟

١
بىزگە قۇرئاننى ياخشى كۆرۈش، قەدىرنى ئۇلۇغلاش، ۋەئۇنى ھۆرمەتلىشىمىز ۋاجىپتۇر، چۈنكى ئۇقۇدرەتلىك ياراتقۇچىنىڭ سۆزى بولغاچقا، سۆزنىڭ ئەڭ راسچىل ۋە ئەڭ ياخشىسى دۇر.
٢
ئۇنىڭ ئايەتلىرى ۋە سۈرىلىرى ئۆستىدە توختۇلۇپ ئوقۇشىمىز بىزگە ۋاجىپتۇر، شۇنداق قىلغاندا قۇرئاننىڭ ۋەز-نەسىھەتلىرى، خەۋەرلىرى ۋە قىسسىللىرى ھەققىدە ئويلىنىمىز، ھەمدە ھەقىقەتنى باتىلدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ھاياتىمىزنى ئۇنىڭغا توغرا قىلىشىمىز كېرەك.
٣
بىز ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىگە ئەمەل قىلىشىمىز، بۇيرۇقلىرى ۋە قائىدە-يوسۇنلىرىغا بويسۇنۇشىمىز، ۋە ئۇنى ھاياتىمىزنىڭ يۇلى قىلىشىمىز ۋاجىپتۇر.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقى تۇغۇرلۇق سورالغاندا، «ئۇنىڭ ئەخلاقى قۇرئان دېگەن» (مۇسنەد ئەھمەد: 24601).

بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھاياتىدا ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىدە قۇرئاننىڭ قانۇن ۋە ھۇكۇملىرىگە ئەمەلىي تەتبىقدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇرئاننىڭ كۆرسەتمىسىگە مۇكەممەل ئەگىشىشنى ۋۇجۇتقا چىقاردى، ئۇ ھەر بىرىمىزگە ياخشى ئۈلگە. ئاللاھ ئېيتقاندەك: «سىلەرگە- ئاللاھنى ئاخىرەت كۇننى ئۇمىد قىلغان ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە- رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر» [ئەھزاب سۈرىسى:21].

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قۇرئاننى يادلىغۇچىلارنىڭ تىلى باشقا ۋە ئەھۋاللىرى بىرخىل ئەمەس تۇرۇغلۇق، قۇرئاننى يادلاش ۋە تىلاۋەت قىلىشنىڭ ئاسانلاشتۇرلىشى ئاللاھنىڭ بۇ قۇرئاننى ساقلىغانلىقىنىڭ ئەڭ چوڭ دەلىلىدۇر.

قۇرئان كەرىمنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە ئالاھىدىلىكى:

قۇرئان كەرىم ئاللاھنىڭ بىزنىڭ ئۈلگىمىز ۋە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان سۆزىدۇر، شۇڭا مۇئمىن بۇ كىتابنى ئۇلۇغلايدۇ ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرىغا ئەمەل قىلىشقا، ۋە ئۇنى تىلاۋەت قىلىقا ۋە ئۈستىدە توختۇلۇشقا تىرىشىدۇ. قۇرئان كەرىم بىز ئۈچۇن دۇنيادا يىتەكچى بۇلۇشقا ۋە ئاخىرەتتە نىجاتلىقىمىزنىڭ سەۋەبى بۇلۇشقا كۇپايە قىلغۇچىدۇر. قۇرئان كەرىمنىڭ ئۆزىگە خاس نۇرغۇن ئەۋزەللىكى ۋە كۆپ خىل ئالاھىدىلىكى بار بۇلۇپ، ئىلگىركى سماۋى كىتاپلاردىن پەرىقلىقدۇر، ئۇنىڭ جۈملىسىدىن:

1- قۇرئان كەرىم ئىلاھىي ھۆكۈملەرنىڭ خۇلاسىسىنى ئۈز ئىچىگە ئالغان

ئۇ ئىلگىرىكى كىتابلاردا يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش بۇيرۇقىغا مۇناسىۋەتلىك بايانلارنى قوللاش ۋە تەستىقلاش ئۈچۈن كەلگەن. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «ئى مۇھەممەد بىز ساڭا ئۆزىدىن ئىلگىركى كتاپلارنى تەستىقلىغۇچى ۋە ئۇلارغا شاھىت بۇلغۇچى قۇرئاننى نازىل قىلدۇق» [مائىدە سۈرىسى:48] ئۈزىدىن ئىلگىركى كىتاپلارنى تەستىقلىغۇچى دىگەننىڭ مەنىسى: ئۇ ئىلگىرىكى كىتابلاردا خەۋەر قىلىنغان ۋە ئۇلاردا كەلگەن ئەقىدىلەرگە مۇۋاپىق كىلىدۇ. ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى كىتابلارغا شاھىت دىگەننىڭ مەنىسى: ئىلگىركى كىتاپلارغا ھۆكۇمىرانلىق قىلغۇچى ۋە گۇۋاھچى دېمەكتۇر.

2- ھەر خىل تىللىق ۋە ئوخشىمىغان مىللەتلەردىن ئىبارەت بارلىق كىشلەرگە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش ۋاجىپدۇر.

ئۇنىڭ مۇقتازاسىغا ئەمەل قىلىش، كىشلەرنىڭ ۋاقتى قۇرئان نازىل بولغان ۋاقىتتىن قانچىلىك كېچىكىشىدىن قەتئىينەزەر، ئالدىنقى كىتابلارغا ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، ئۇلار مەلۇم بىر دەۋردە مۇئەييەن خەلق ئۈچۈندۇر. ئاللاھ مۇنداق دېدى: «ئى مۇھەممەد بۇ قۇرئان ماڭا سىلەرنى ۋە تا قيامەتكىچە قۇرئان يەتكەن كىشلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشۇم ئۈچۈن نازىل قىلىندى دېگىن» [ئەنئام سۈرىسى:19].

3- ئاللاھ تائالا قۇرئاننى ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلدى

ئۇنىڭغا بۇرمىلاشنىڭ قولى يەتمىدى، شۇنداقلا ئۇنىڭغا مەڭگۇ يەتمەيدۇ، ئاللاھ ئېيتقاندەك: «قۇرئاننى ھەقىقەتەن بىز نازىل قىلدۇق ۋە چۇقۇم ئۇنى قۇغدايمىز» [ھىجرە سۈرىسى:9]. ئۇنىڭ بارلىق خەۋەرلىرى راست بولغاچقا تەستىقلاش ۋاجىپتۇر.

كىتابلاغا ئىمان ئىتىشنىڭ نۇرغۇن مېۋىلىرى بار بۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە:

١
ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى ۋە رەھىم-شەپقىتىنىڭ مۇكەممەللىكىنى بىلىش، چۈنكى ئۇ ھەر بىر قەۋمگە ئۇلارنى يېتەكلەيدىغان ۋە ئۇلارغا بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدىغان كىتاب ئەۋەتتى.
٢
ئاللاھ تائالانىڭ شەرىئەتىدىكى ھىكمىتىنى بىلىش. چۇنكى ھەر بىر قەۋمگە ئۆزىنىڭ شارائىتىغا ماس كېلىدىغان قانۇنلارنى چىقاردى. ئاللاھ ئىتقاندەك: «سىلەرنىڭ ھەر بىرىڭلارغا بىر خىل شەرىئەت ۋە ئۇچۇق يۇل تەيىن قىلدۇق» [مائىدە سۈرىسى:48].
٣
ئاللاھ تائالانىڭ ئاشۇ كىتاپلارنى نازىل قىلغان نىئمىتىگە شۈكۈر قىلىش. چۈنكى بۇ كىتابلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە نۇر ۋە يېتەكچىدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئۇلۇغ نېمەتلەر گە ئاللاھقا شۈكۈر قىلىشىمىز ۋاجىپتۇر.

دەرسنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدىڭىز


سىناقنى باشلاڭ