نۆۋەتتىكى بۆلەك :يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر
دەرس شەرىئەتنىڭ ساقلىنىش كۆرسەتمىسى
كىشىلەر ئارىسىدا كېسەللىك ۋە يۇقۇم ئەھۋالى توغرىسىدىكى ۋەھىمە دولقۇنىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ. مۇسۇلمان ماددى ۋاسىتىلەرنى قوللىنىش بىلەن بىرگە، شەرىئەتنىڭ ساقلىنىش كۆرسەتمىسىنى قۇللۇنۇش بىلەن ساقلىنىدۇ.
كرىزىس ۋە بالايىئاپەتلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن قىلىدىغان بىرىنچى ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ ئۇلۇغ ئىش ئاللاھقا مۇراجىئەت قىلىش، ۋە ئۇنىغا چىڭ ئېسىلىش، ۋە يامانلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن پاناھ تىلەشتۇر، يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامغا پادىشاھنىڭ ئايالى يېقىنچىلىق تەلىپىنى قۇيغاندا «ئاللاھ ساقلىسۇن» دېدى (يۈسۈپ سۈرىسى:23). مەريەم ئەلەيھىسسالامغا جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام كۆرۈنگەندە: «مەن سىنىڭ چېقىلىشىڭدىن تەڭداشسىز رەھىملىك ئاللاھ بىلەن پاناھ تىلەيمەن» (مەريەم سۈرىسى:18).
ئاللاھقا يالۋۇرۇپ تۈۋەنلىك بىلەن ۋە ئۇنىڭغا مۇھتاج لىقنى ئىزھار قىلىش بىلەن ئازاب-ئوقۇبەتنى كۆتۈرۈۋىتىشىگە دۇئا قىلىش، چۈنكى دۇئا مۇسۇلماننىڭ قورغىنى ۋە ئۇنىڭ قورالىدۇر. بالا ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن چۈشۈدىغان نەرسە بۇلۇپ، ئۇنى پەقەت دۇئا قايتۇرالايدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قازا ۋە قەدەرنى دۇئادىن باشقا ھېچ نەرسە قايتۇرالمايدۇ» (تىرمىزى رىۋايتى:2139).
ئۇنىڭ بىلەن شىپالىق تىلەش، چۈنكى ئۇ بارلىق ھىسسى ۋە مەنىۋى كېسەللىكلىرىنىڭ داۋاسىدۇر. ئاللاھ ئېتقاندەك: «بىز قۇرئاندىن مۇئمىنلەرگە شىپا ۋە رەھمەت بۇلىدىغان ئايەتلەرنى نازىل قىلىمىز» (ئىسرا سۈرىسى:82) ئىمان ۋە ئىشەنچ ۋە سەمىمىيلىك بىلەن ساقىيىش سەۋەبلىرى كۆپىيىدۇ، ئاللاھ ئېيتقاندەك: «ئېيتقىنكى ئۇ قۇرئان ئىمان ئېيتقانلار ئۈچۈن ھىدايەت ۋە شىپادۇر» (فۇسسىلەت سۈرىسى:44).
قۇرئاننىڭ ھەممىسى شىپادۇر، ئەمما بەزى سۈرە ۋە ئايەتلەردە ئالاھىدە پەزىلەتلەر بار. فاتىھە سۈرىسى، ۋە پەلەق سۈرىسى بىلەن ناس سۈرىسى ۋە ئايەتۇ لكۇرسى غا ئۇخشاش، ئىبنى قەييىم رەھمەتلىك مۇنداق دېگەن: «ئەگەر بىر كىشى فاتىھە نى كېسەلدىن ساقىيىش ئۈچۈن ياخشى ئۇقۇسا، ساقىيىشقا مۆجىزە كۆر سەتكەنلىكىنى كۆرەتتى. مەن مەككىدە بىر مەزگىل تۇرۇپ كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغۇنۇمدا، دوختۇر ياكى دورا تاپالماي ئۆزۈمنى فاتىھە بىلەن داۋالاتتىم، ئۇنىڭ ھەيران قالارلىق ئۈنۈمىنى كۆردۈم، ئاندىن بىتاپ بولغان كىشىلەرگە بۇنى تەسۋىرلەپ بېرەتتىم، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى تېزلا ساقىيىپ كىتەتتى».
بۇلۇپمۇ بامدات نامىزى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «كىم ئەتىگەنلىك نامازنى ئوقۇسا، ئۇ ئاللاھنىڭ ھىمايىسىدە بولىدۇ» دىگەنلىكى ئۈچۈن (مۇسلىم رىۋايتى:657).
مۇھىم ساقلىغۇچىلارنىڭ بىرى: كېسەللەرنى ۋە بالابىلەن سىنالغانلارنى كۆرگەندە دۇئا قىلىشتۇر. ھەدىس شەرىپتە مۇنداق رىۋايەت قىلىندى: «كىم بالابىلەن سىنالغان ئادەمنى كۆرسە، سىنى سىنىغان بالادىن مېنى ساقلىغان ئاللاھقا چەكسىز ھەمدۇسانالار بۇلسون! ئۇ مېنى ياراتقان نۇرغۇن كىشىلەردىن ئۈستۈن قىلدى، دىسە، ئۇ بالا ئۇنىڭغا يەتمەيدۇ» (تىرمىزى رىۋايتى:3432).
ئاللاھنى ئەسلەشكە رىئايە قىلىشتا، بۇ ھاياتتا كۆپ ياخشىلىق، ئاخىرەتتە كاتتا مۇكاپات باردۇر، ئەتىگەن ۋە كەچتىكى زىكرى لەر مۇسۇلمان رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم زىكرى لەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ پايدىسى: كۆكسىنىڭ ئوچۇقلىقى ۋە قەلبنىڭ خاتىرجەملىكى، ۋە بەندىنى ئاللاھنىڭ ھەمراھلىقىغا ئېرىشتۈرگۈچىدۇر، ھەمدە ئاللاھنىڭ بەندىنى پەرىشتەلەر قېشىدا تىلغا ئېلىشنىڭ تۈرۈتكۈسىدۇر.
دۇئا ۋە زىكرى ۋە شەرىئەت رۇيى بۇيچە ساقلىنىدىغان دۇئالار ئىچىدە:
ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئايەتۇل كۇرسىنى ئوقۇش:
ھەدىستە بىرەيلەننىڭ ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇغا «ئۇخلاش ئۈچۈن كۆپىڭىزگە كەلگەندە، ئايەتۇل كۇرسىنى ئوقۇسىڭىز، ئاللاھ تېرەپتىن سىزگە قوغدىغۇچى بۇلۇپ، تاڭ ئاتقۇچە سىزگە شەيتان يېقىنلىشالمايدۇ، دېدىگەنلىكى رىۋايەت قېلىندى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبۇ ھۇرەيرەگە «ئۇ ساڭا راس سۆزلەپتۇ، ئەمما ئۇ يالغانچى شەيتاندۇر» دېدى: (بۇخارى رىۋايتى:3275).
بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئاخىرقى ئىككى ئايىتىنى ئوقۇش:
ئەبى مەسئۇد رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قېلىندى: «كىمكى بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئاخىرقى ئىككى ئايىتىنى كېچىدە ئوقۇسا ئۇنىڭغا "قۇغدۇلۇشقا" كۇپايە قىلىدۇ» (بۇخارى رىۋايتى:5008، مۇسۇلىم رىۋايتى:808).
كۆپ تەسبىھ ۋە ئىستىغپار ئېتىش.
بەندە تەسبىھ ۋە ئىستىغپارنى داۋاملاشتۇرسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىن يامانلىق ۋە بالالارنى قايتۇرۇدۇ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: « ئاللاھ تائالا ئۇلارغا سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى چاغدا ئازاپ قىلمايدۇ، يەنە ئۇلار ئىستىغپار ئېتىپ تۇرغان چاغدىمۇ ئاللاھ ئازاپ قىلمايدۇ» (ئەنفال سۈرىسى:33)