نۆۋەتتىكى بۆلەك :مالىيە سودىسى
دەرس ئۆسۈم
ئاللاھ تائالانىڭ ھىكمىتى ئۈسۈمنىڭ ئىسلام شەرىئىتىدە چەكلەنگەن چوڭ گۇناھلارنىڭ بىرى بولۇشىنى تەقەززا قىلدى، ئۇنىڭدا جەمئىيەتكە ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرىغا زور بۇزغۇنچىلىق ۋە بالايىئاپەت بولغانلىقى ئۈچۈن، ۋە ئۇ بىزدىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگىمۇ چەكلەنگەن، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «يەھۇدىلارنىڭ قىلغان يولسىزلىقى، ۋە كۆپ كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يۇلىدىن توسقانلىقى، چەكلەنگەن تۇرۇغلۇق جازانىنى ئالغانلىقى..» [نىسا سۈرىسى:160-161]
ئۆسۈمنىڭ خەتەرلىكىنى ئايدۇڭلاشتۇرىدىغان ئامىلنىڭ بىرى، ئۇنىڭ ھەققىدە ئېغىر تەھدىدنىڭ كىلىشى، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «ئى مۆمىنلەر! ئەگەر ھەقىقى ئىمان ئېيتقان بولساڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە (جازانىنىڭ كىشىلەر ئۈستىدە) قالغانلىرىنى ئالماڭلار، ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، سىلەرگە ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى تېرىپىدىن جەڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلىپ قۇيۇڭلار» [بەقەرە سۈرىسى:278-279]. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئۆسۈمنى ھارام قىلىپ جازانىخۇرغا ئۇرۇش بىلەن تەھدىد سالغان.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ھاراملىقىنى ۋە ئۇنىڭغا قىلىنغان ئېغىر تەھدىدنى تەكىتلىدى. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جازانە ئالغۇچىغا، ۋە جازانى بەرگۈچىگە، ۋە ئۇنى خاتىرلىگۈچىگە، ۋە ئىككى تەرەپكە گۇۋاھچى بولغۇچىغا لەنەت قىلدى، ۋە ئۇلار (گۇناھتا) ئۇخشاش دېدى» (مۇسلىم رىۋايتى:1598)
جازانىنىڭ ئۇقۇمى:
جازانە دېگەن سۆز مەنا جەھەتتە: كۆپىيىش ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش دېگەن بۇلۇپ، ئۇنىڭ جۈملىسىدىن ئاللاھنىڭ سۆزى: «سىلەر بىر جامائەتتىن سان جەھەتتە كۆپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن» [نەھىل سۈرىسى:92] يەنى سان جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ.
جازانەنىڭ ئۇقۇمى
ئىستىلاھى مەناسىگە كەلسەك، <جازانە> بىر تۈركۈم نەرسىلەردە پەرقلەندۈرۈش دېمەكتۇر، يەنى: مالنى مالغا ئالماشتۇرغاندا ئىككى تەرەپنىڭ بىرىنىڭ مېلىنى بەدەلسىز ئېلىۋېلىشنى كۆررسىتىدۇ، ۋە يەنە بىر تۈركۈم نەرسىلەردە ئارقىغا سۈرۈش دېمەكتۇر، يەنى: مالنى مالغا ئالماشتۇرغاندا ئىككى تەرەپنىڭ بىرىنىڭ مېلى نەخ بۇلۇپ يانا بىرىنىڭ مېلى نىسى دېمەكتۇر. ئۇلار شەرىئەت چەكلىگەن بىر تۈركۈم نەرسىلەرگە خاستۇر.
جازانىنىڭ تۈرلىرى
نەرسىنىڭ بەدىلىنى ئارتۇق ئېلىش جازانىسى.
ئۇ بەلگىلەنگەن تۈرلەردە ۋە ئۇنىڭ ھۆكمىدە قىلىنغان تۈلەردە زىيادە بۇلۇش دېمەكتۇر، بۇ ئارتۇقلۇق جازانە بۇلۇدىغان ماللارنى ئۆزىنىڭ ئوخشىشىغا ئالماشتۇرۇشتا يۈزبىرىدۇ. بىر سا (ئۈچ كىلو) ياخشى خورمىنى ئىككى سا (ئالتە كىلو) ناچار خورمىغا ساتقانغا ئوخشاش.
نىسى جازانە قىلىش.
سېتىلىدىغان نەرسە بىلەن پۇل نەخ- نەخ قولغا تەگمىسە بولمايدىغان -ئاشۇرۇش جازىنىسىنىڭ ئىللىتى تېپىلغان - ھەر قانداق ئىككى تۇرلۇك نەرسىنى سېتىستا پۇلنى نەخ ئېلىپ نەرسىنى تاپشۇرۇش ۋاقىتنى ئۇزارتىشدۇر، بىر سا (ئۈچ كىلو) بۇغداينى بىر سا (ئۈچ كىلو) ئارپاغا سېتىشقا ئوخشاش.
جازىنىنىڭ ھۆكمى
جازانە خورلۇق قۇرئان ۋە سۈننەت ۋە ئۇممەتنىڭ بىرلىككە كىلىشى بىلەن ھارام قىلىنغان، ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمانلار جازانىنىڭ ھاراملىقىغا ۋە بۇنىڭ چوڭ گۇناھلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكى توغرىسىدا بىرلىككە كەلدى».
جازانىنى چەكلەشنىڭ ھېكمىتى
1- ھەقىقىي ئىقتىسادىي پائالىيەتكە ئىلھام بېرىش: جازانىخور پۇلىنى ئۆزىگە ياكى جەمئىيەتكە پايدىلىق: دېھقانچىلىق، ياكى سانائەت، ياكى تىجارەت، ياكى باشقا ئىشلاردا مەبلەغ سالمايدۇ.
2- بەدەلسىز كىرىم قىلىشنى چەكلەش: ئىسلام پۇل-مۇئامىلە سودىسىنى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە يەتكۈزىدىغان ئۇسۇلدا كونترول قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى بىر نەرسە بىلەن تەمىنلەيدۇ ۋە ئۇنىڭ بەدىلىگە ئالىدۇ، بۇ جازانىخورلۇق بىلەن ئەمەلگە ئاشمايدۇ.
3- جازانە خورلۇق خەلق ئارىسىدىكى ياخشىلىقنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ: بۇ ئىسلامنىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا خەيرى ئېھسان تارىتىش مەقسىتىگە زىتدۇر.
4- پۇرسەت پەرەسلىككە قارشى تۇرۇش: قەرز بەرگۈچى ئادەتتە قەرز ئالغۇچىنىڭ ئېھتىياجىدىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭغا جازانە قۇيدو.
5- زۇلۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش: جازانە ئىككى تەرەپنىڭ بىرسىگە بولغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تالا ئۇنىڭ بارلىق تۈرىنى چەكلىدى.
جازانىنىڭ زىيانلىرى
جازانىنىڭ زىيىنى ۋە خەۋىپى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، شەخس ۋە جەمئىيەتنىڭ ھاياتىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغۇدەك كېڭەيدى.
1- ئەخلاقى ۋە رۇھانى زىيانلار
جازانە جازانەخورنى ئاچ كۆز، ۋە قاتتىق دىل، ۋە پۇلنىڭ قۇلى قىلىپ كۆرسىتىدۇ. ئاندىن ئۇ باشقىلارغا زۇلۇم قىلىشنى، ۋە ئۇلارنىڭ ئېھتىياجلىقى، ۋە ئاجىزلىقى ۋە نامراتلىقىدىن پايدىلىنىشنى دۇرۇس دەپ قارايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ پۇلغا ئېھتىياجلىق كىشىنىڭ يۈرىكىنى ئىزىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ جېنى سىقىلىپ كەڭ زىمىن تارلىق قىلىدۇ.
جازانە جەمئىيەتنى بەربات قىلىدىغان ئامىل بولۇپ، ئۇلارنى پارچىلاپ چېچىۋىتىدۇ. كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى يەپ، ھېچكىم مەنپەئەتنى كۆزلىمەي باشقىلارغا ياردەم قىلمايدىغان بۇلۇپ كىتىدۇ.
3- ئىقتىسادىي زىيان
جازانە ھەر دەرىجىلىك ئىقتىسادىي سىستېمىنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ قەرز شەخسلەرگە دۆۋلىنىدۇ، جەمئىيەتتىكى ھەقىقىي مەنپەئەتلىك ئىشلەپچىقىرىش توختىتىلىدۇ ياكى تۆۋەنلەيدۇ.