نۆۋەتتىكى بۆلەك :مالىيە سودىسى
دەرس ۋەخپە
ئاللاھ تائالا پۇل مال ئىنئام قىلىپ كەڭچىلىك ۋە باياشاتلىققا ئېرىشتۈرگەن بەزى كىشىلەر بىر قىسىم پۇللىرىنى كۈتۈگىنى ساقلاپ قېلىپ پايدىسىنى ساۋاپلىق يوللىرىغا سەرپ قىلىدىغان بىر ۋەخپە قالدۇرۇشقا قىزىقىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن ھاياتىدا ۋە ئۆلگەندىن كېيىن ساۋاپقا ئېرىشىدۇ، ھەمدە ۋەخپە بىلەن ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە چوڭ پايدا مەنپەئەت يىتىدۇ.
ئۇ مالنىڭ ئەسلىنى تۇتۇپ قېلىپ، ئاللاھ تائالادىن ساۋاپنى تىلەپ، ئۇنىڭ پايدىسىنى يەتكۈزۈشدۇر.
ۋەخپەنىڭ ھۆكمى
ۋەخپە قىلىش مۇستەھەپدۇر، ئۇ سەدىقەلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر، شۇنداقلا ساۋاپلىق ۋە ياخشىلىق ئەمەللىرنىڭ ئەڭ ئۇلۇغىدۇر، ئۇنىڭ پايدىسى ئەڭ ئومومى، مەنپەئىتى ئەڭ كۆپتۇر، چۈنكى ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن توختاپ قالمايدىغان ئەمەرلەرنىڭ بىرىدۇر.
ۋەخپە قىلىشتىكى ھېكمەت.
ۋەخپە قىلىشتا دىن ۋە دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك مەنپەئەتلەر بولغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا يولغا قۇيدى، بەندىگە مېلىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ۋەخپە قىلغىنىغا بۈيۈك ئەجرى بىرىلىدۇ، ئۇنىڭ ياخشى ئىشلىرى ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدۇ. ۋەخپە قىلىنغان كىشى ئۇ مالدىن پايدىلىنىپ ۋەخپە ئىگىسىگە دۇئا قىلىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن جەمىيەت تېخىمۇ ئۇيۇشۇشچان بولىدۇ.
ئۇ سەدىقەلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر، چۈنكى ئۇ مەڭگۈلۈك ياخشىلىق يوللىرىدىكى مۇقىم خەير-ساخاۋەتتۇر.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «ياخشى كۆرگەن نەرسەڭلاردىن سەدىقە قىلمىغۇچە، ھەرگىزمۇ ساۋاپلىق ئىشنى قىلغان بولمايسىلەر، (ئاللاھ يولىدا) نېمىنى سەرپ قىلماڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر» [ئال ئىمران سۈرىسى:92].
ئىبنى ئۆمەر رەىيەللاھۇ ئەنھۇما دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ كىشى ئېتتى: ئۆمەرگە خەيبەردىن بىر يەر تەگدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قېشىغا كىلىپ، قەتئى قۇلامغا كىرىپ باقمىغان قىممەتلىك بىر زىمىنغا ئېرىشتىم، ئۇنى قانداق قىلىشىمغا بۇيرىلا؟ دېدى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئەگەر خالىساڭ ئەسلىسىنى ساقلاپ قېلىپ، ئۇنىڭ كىرىمىنى سەدىقە قىلغىن» دېدى: ئۆمەر ئۇنى ئەسلى سېتىلمايدۇ، ۋە سۇۋغات قىلىنمايدۇ، ۋە مىراس بىرىلمەيدۇ دەپ، پەقىرلارغا، تۇققانلارغا، قۇل ئازات قىلىشقا، ئاللاھ يولىغا، مىھمان كۈتۈشكە، يۇلى ئۈزۈلۈپ قالغانلارغا، سەدىقە قىلدى، ئۇنىڭغا مەسۇل بولغان كىشى يولى بىلەن يىسە گۇناھ بولمايدۇ، ياكى بىر دوستىغا ئارتۇق بىرىۋەتمەستىن يۆدۈرسە بۇلىدۇ.(بۇخارى رىۋايتى:2772، مۇسلىم:1632)
ۋەخپە تۈرلىرى
مەسىلەن، بىر ئادەمنىڭ مەسچىت ۋەخپە قىلىشى، ياكى ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپ، ياكى ئاجىزلار، كەمبەغەللەرگە، يېتىملارغا، تۇل ئاياللارغا ئۆي ۋەخپە قىلغانغا ئۇخشاش.
ئۇ بىر كىشىنىڭ ئۆي سېلىپ، ۋارىسلىرىغا ۋەخپە قىلغاندەك، ياكى تېرىلغۇيەرنى ۋەخپە قىلىپ، ھوسۇلىنى ئۇلار ئۈچۈن قىلغاندەك.
ۋەخپە ئىككى ئىشنىڭ بىرى بىلەن دۇرۇس بولۇپ ئىمزالىنىدۇ.
ۋەخپەنىڭ شەرتلىرى
ۋەخپەنىڭ بەلگىلەنگەن مىقدارى يوق، ئەمما ئۇ كىشىلەرنىڭ بايلىق ۋە باياشات ئەھۋالىغا بېقىپ ئوخشىمايدۇ. كىم باي بۇلۇپ، ۋارىسى بولمىسا، بارلىق پۇلىنى ۋەخپە قىلسا بولىدۇ، كىم باي بۇلۇپ ۋە ۋارىسىلىرى بولسا، ئۇ بىر قىسىم پۇلنى ۋەخپە قىلىپ، قالغانلىرىنى ۋارىسلارغا قالدۇرسا بۇلىدۇ.
ۋەخپە مۇتلەق مەڭگۈلۇق ئاللاھ ئۈچۈن بۇلىدۇ، ئۇنىڭ مۇددىتىگە چەكلىمە يوقتۇر، كىمكى زىمىن ياكى ئۆي ياكى دېھقانچىلىق يېرىنى ئاللاھقا ئاتاپ ۋەخپە قىلسا، ئۇنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىن چىقىپ كىتىدۇ. ئۇ سېتىلمايدۇ، ئىئانە قىلىنمايدۇ، ۋارىسلىق قىلىنمايدۇ ۋە قايتۇرۇۋېلىنمايدۇ، ۋارىسلارنىڭ ئۇنى سېتىش ھوقۇقى بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ مىراسخورنىڭ ئىگىدارچىلقىدىن چىقىپ كەتتى.
ئەگەر بىر ئادەم ۋەخپە قىلىش فورمۇلاسىنى سۆزلىسە، ياكى ۋەخپەلىكنى كۆرستىدىغان بىر ئىشىنى قىلسا، ۋەخپە بۇلۇپ كىتىدۇ، ۋەخپىنىڭ ئىسپاتلىنىشى ئۈچۈن ۋەخپە قىلىنغان كىشىنىڭ قوبۇل قىلىشى تەلەپ قىلىنمايدۇ، شۇنداقلا ھاكىمنىڭ رۇخسىتىگە موھتاج ئەمەس، ئەگەر ۋەخپە بىكىتىلسە ئۇنىڭ ۋەخپەلىكىنى چىقىرىپ تاشلايدىغان ئۇسۇلدا تەسەررۇپ قىلىشقا بولمايدۇ.
ئاللاھ مۇبارەك ۋە پاكدۇر، ئۇ پاكتىن باشقىنى قوبۇل قىلمايدۇ. شۇڭا ئەگەر بىر مۇسۇلمان ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەش ئۈچۈن بىرەر نەرسە ۋەخپە قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى ۋە ئەڭ قىممەتلىكىنى، ۋە ئەڭ سۆيۈملۈكىنى تاللاش ياخشىدۇر، ئۇ خەير-سەخاۋەتنىڭ مۇكەممەل لىكىدىندۇر.
ۋەخپەنىڭ ئەڭ ياخشى بابلىرى، ھەر ۋاقىت ۋە ھەر يەردە مۇسۇلمانلارغا ئۇمى مەنپئەتلىك بولغىنىدۇر، مەسىلەن: مەسچىتلەرگە، ئوقۇغۇچىلارغا، ئاللاھ يولىدىكى مۇجاھىدلارغا، تۇغقانلارغا، مۇسۇلمانلارنىڭ كەمبەغەل ۋە ئاجىزلىرىگە ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلار.