نۆۋەتتىكى بۆلەك :مۇسۇلمان ئايال
دەرس ئاياللارنىڭ ئىسلامدىكى ھوقۇقى
توغرا ھەق ئىسلام دىنى - ئىلاھىي تەلىماتلىرى ۋە دانا يېتەكلىشى بىلەن مۇسۇلمان ئايالنىڭ ئەھۋالىغا كۈڭۈل بۆلۈپ ئۇنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلىدى، ۋە ئۇنىڭ شان-شەرىپى ۋە خۇشاللىقىنىڭ قولغا كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلدى، ۋە ئۇنىڭغا گۇمانلىق جايلاردىن، رەزىللىك ۋە پىتنە پاساتلاردىن يىراق، كۈڭۈللۈك تۇرمۇش ۋاسىتىلىرىنى تەييارلىدى.
شەرەپ ۋە يۇقىرى مەرتىۋە
ئۆمەر ئىبنۇل خەتتاب رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، «ئاللاھ تائالا ئاياللار ھەققىدە نازىل قىلغان ئايەتلەرنى نازىل قىلىپ، ئۇلارغا بۆلىدىغان نېسىۋىنى بۆلمىگەن قەدەر، بىز ئۇلارغا جاھىلىيەت قارشىدا، ئىتىبار سىز قارايتتۇق» (بۇخارى:4913، مۇسلىم:1479). ئىسلام دىنىنىڭ نۇرى 1400 نەچچە يىل ئىلگىرى پارقىراپ ئاياللارنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈردى، ۋە ئۇلاردىن نۇرغۇن خەلق ۋە مىللەتلەر سادىر قىلغان نۇرغۇن ئادالەتسىزلىكلەرنى چىقىرىپ تاشلىدى، جۈملىدىن ئايال كىشى مال-مۈلۈككە ۋە ياكى مىراس ئېلىشقا ھەقلىق بۇلالمايتتى، ئايال كىشى ئېرى ئۆلۈپ كەتسە مالنىڭ ئورنىدا مىراس بىرىلەتتى، ياكى كۆيدۇرۈلەتتى، شۇنداقلا ئېلىپ سېتىلاتتى، بۇ ئادەت تاكى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ئەنگىلىيەدە ئومۇملاشقان.
ئاياللار بىلەن ئەرلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئادالەت
كېلىپ چىقىشى
ئىسلام ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدا شەرىئەتنىڭ بۇيرۇقلىرىنى، ۋە ئۇنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى مۇكاپات ۋە جازالىرنى باراۋەر قىلدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «ئەر ئايال مۆمىنلەردىن كىمكى مۇئمىنلىك ھالىتىدە بىرەر ياخشى ئەمەلنى قىلسا، بىز ئۇنى ئەلۋەتتە ئەڭ ياخشى ھاياتتا ياشىتىمىز، ۋە ئەلۋەتتە ئۇلارنى قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسى بۇيچە مۇكاپاتلايمىز» [نەھل سۈرىسى:97]. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «ئەر-ئاياللاردىن مۇئمىنلىك ھالىتىدەتۇرۇپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بولسا، (ئاخىرەتتە) ئەنە شۇلار جەننەتكە كىرىدۇ، ئۇلارغا قىلچە ئۇۋال قىلىنمايدۇ» [نىسا سۈرىسى:124]. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇيقىدىن ئويغىنىپ تامبىلىدا ھۆللىكنى كۆرگەن، ۋە ئىھتىلامنى ئەسلىيەلمىگەن ئادەم ھەققىدە سورالدى. ئۇ: «ئۇ يۇيۇنۇشى كېرەك» دېدى. ھەمدە چۈشىدە ئىھتىلام بۇلۇپ چۈشەپ، ئۇيغانغاندا ھېچقانداق ھۆللۈك تاپالمىغان ئادەم ھەققىدە. ئۇ: «ئۇنىڭغا يۇيۇشنىڭ ھاجىتى يوق» دېدى. ئۇممۇ سۇلەيم رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېدى: ئايال كىشىمۇ ئاشۇنى كۆرسە، غۇسلى قىلىشى كېرەكمۇ؟ ئۇ: «شۇنداق، ئاياللار ئەرلەرگە ئوخشاشتۇر» دېدى: (ئەبۇ داۋۇد 236).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەلچىلىكىگە تۇنجى بولۇپ ئىشەنگەن، ئايالكىشى بۇلۇپ، ئۇ مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى خەدىچە رەزىيەللاھۇئەنھا ئىدى. ئاياللار تۇنجى بولۇپ ھەبەشىستانغا ھېجرەت قىلغانلارنىڭ ئىچىدە بار ئىدى، يەنە ئۇلار مەدىنەدىن تۇنجى بۇلۇپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بەيئەت قىلىشقا كەلگەن ۋەكىللەر ئۆمىكىدە بولغان.
ئاياللار ئىسلام تارىخىدا ئۆزلىرىنىڭ ياخشى خىسلىتى، ۋە مول بىلىمى، ۋە ئىسلامنىڭ ئۇچۇرىنى چۈشىنىشى بىلەن تونۇلۇپ پارلاق ئۆلگە قالدۇرغان، بەلكى ئۇلار كۈپۈنچە ئەھۋاللاردا دەئۋەت ساھەسىدە يىتەكچى بولغان، مۇسۇلمانلار نۇرغۇن دىنى مەسىلەلىرىنى بىلىمدە ۋە ئۈگۈتۈشتە ئۆرنەك ۋە يىتەكچى بولغان مۇسۇلمان ئالىمە ئاياللاردىن ئالغان، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولغىنى مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھا ئىدى.
ئاياللار- ئەرلەر بىلەن پەرز ياكى سۈننەت ياكى دۇرۇس بولغان كوللىكتىپ ئىبادەتكە قاتنىشىدۇ. مەسىلەن ئۆمرە ۋە ھەج، يامغۇر تىلەش نامىزى، ۋە ئىككى ھېيت نامىزى، ۋە جۈمە نامىزى، ۋە جامائەت نامازلىرى. يەنە ئايالكىشى ئىسلامغا چاقىرىشقا، ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن چەكلەشكە، ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئىككى جىنسنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئېنىق شەكىلدە باراۋەرلىككە بۇيرۇلغان شەرىئەت ئەھكاملىرىدا ئورتاق بۇلىدۇ. پەقەت خىلقەتكە مۇناسىۋەتلىك بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا بۇلىدۇ.
ئىسلام باراۋەرلىك پرىنسىپىنى ئومۇمىي قائىدە سۈپىتىدە قوللىغان بىلەن، ئىككى جىنسنىڭ ئارىسىدىكى مەسئۇلىيەت نەتىجىسىدە كېلىپ چىقىدىغان پەرقنى كۆزدە تۇتۇدۇ، شۇڭا بۇ ۋەزىپىلەرنى تەشكىللەپ، ھەر بىر شەخسنى ئۆز جايىغا قويدى، بۇئىش ھاياتنى مۇكەممەللىكە يەتكۈزىدۇ. ئەر- ئايالى ۋە بالىلىرىغا نەپىقە بىرىشكە مەسئۇلدۇر، ئۇلارنى قوغدىشى ۋە بارلىق ئائىلە ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. ئايال يولدىشىنىڭ ئۆيى ۋە بالىلىرىغا مەسئۇلدۇر، ئۇنىڭ ئۈستىگىمۇ ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەت باردۇر.
ئىسلام ئاياللارنىڭ پۇقرالىق ۋە ئىجتىمائىي ۋە شەخسىيلىك ئورنىغا كاپالەتلىك قىلدى، بۇ ھۇقۇق ئاياللارغا 1400 يىلدىن ئىلگىرى پەيغەمبەرلىك باشلانغاندىن تارتىپ- ھازىرقى دەۋرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەشەببۇس قىلىشتىن ئىلگىرى -كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان.
ئاياللارنىڭ پۇقرالىق ۋە ئىجتىمائىي ھوقۇقلىرى
ئاياللارنىڭ پۇقرالىقتىكى ۋە نىكاھتىكى ھوقۇقلىرى
يۇقىرىقىلار پەقەت ئىسلامدىكى ئاياللارنىڭ بىر قىسىم ھوقۇقىنى تەسۋىرلەيدىغان مىساللاردۇر، بولمىسا ئىسلام قانۇنىنىڭ ئاياللارغا بەرگەن ھوقۇقلىرى بەك كۆپتۇر.