نۆۋەتتىكى بۆلەك :پاكىزلىق
دەرس ئىستىنجانىڭ ۋە ھاجەت ئادا قىلىشنىڭ قائىدلىرى.
ھاجەت ئادا قىلىشنىڭ قائىدلىرى
مۇسۇلمان ھاجەت قىلغاندا ئۆزىنىڭ ئەۋرەت قىسىملىرىنى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن يېپىشى لازىمدۇر.
ھاجەت قىلغۇچىغا كىشىلەرگە زىيان سالىدىغان جايدا ھاجەت قىلىش چەكلىنىدۇ.
ئەگەر ئۇ چۆلدە بولسا بىرەر ھايۋانغا ئازا بىرىپ سالماسلىق يا ئۇنىڭدىن ئەزيەتكە ئوچراپ قالماسلىق ئۈچۈن تۆشۈككە پىشاپ قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.
ھاجەت قىلغۇچى بەدىنىگە ۋە كىيىم-كېچەكلىرىگە نىجاسەتلەرنىڭ چاشراپ كىتىشىدىن ئېھتىيات قىلىشى كىرەك، تىكىتىپ قالغاندا ئۇ نەرسىلەرنى يۇيۇشى كىرەك.
ھاجەت قىلىپ بۇلغاندا چوقۇم ئىككى ئىشنىڭ بىرىنى قىلىش ۋاجىپتۇر:
ئىستىنجا دىگەن: بەدەننىڭ چوڭ كىچىك تەرەت چىقىدىغان ئورنىنى سۇ بىلەن تازىلاش دىمەكتۇر.
ئىستىجمار دىگەن: بەدەننىڭ چوڭ كىچىك تەرەت چىقىدىغان ئورنىنى ئۈچ ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق تازلىق قەغىزى ياكى تاشلار ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش بەدەن تازالايدىغان نەرسىلەر بىلەن تازىلىماقتۇر.
تاھارەت سىزلىك
مۇسۇلمان پاكلىغۇچى سۇ بىلەن تاھارەت ئالسا ياكى يۇيۇنسا، تاھارەت سىزلىك يۇقىلىدۇ. پاكلىغۇچى سۇ دىگەن: ئۇنىڭغا نىجاسەت ئارىلىشىپ ئۇنىڭ رەڭگىگە ياكى تەمىگە ياكى پۇرىقىغا تەسىر يەتكۈزمىگەن سۇدۇر.
تاھارەت سىزلىك ئىككى قىسىمغا بۇلىنىدۇ
كىچىك ناپاكلىق ۋە ئۇنىڭدىن پاكلىنىش.
3-تۆگە گۆشى يېيىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: «تۆگە گۆشىدىن تاھارەت ئېلىشىمىز كېرەكمۇ؟» دەپ سورالدى. ئۇ: «ھەئەدېدى» (مۇسلىم رىۋايتى: 360). (بۇ ھەنبەلى مەزھەپنىڭ كۆز قارشى بۇلۇپ، ھەنەپى مەزھەپتە تۆگە گۆشى يېيىش تاھارەتنى سۇندۇرمايدۇ)
4-ئۇيقۇ ياكى ساراڭلىق ياكى ھوشىدىن كېتىش ياكى مەستلىك سەۋەبىدىن ئەقىلنى يوقىتىش.