ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ

كىرىشكە تىزىملاتمىدىڭىز
ئۆگىنىشنى باشلاش ۋە ئىلگىرىلىشىڭىزگە ئەگىشىش ۋە نومۇر توپلاش ۋە مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ھازىر Ta مۇنبىرىگە تىزىملىتىڭ، تىزىملاتقاندىن كېيىن، ئۆگەنگەن تېمىلىرىڭىزدا ئېلېكترونلۇق گۇۋاھنامە تاپشۇرۇۋالىسىز.

نۆۋەتتىكى بۆلەك :ناماز

دەرس نامازنىڭ سۈپىتى

ناماز ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا قۇبۇل بۇلۇش ئۈچۈن، ئىسلام ئونى توغرا ئادا قىلىش يولىنى ئايدىڭلاشتۇردى، بۇ بۆلۈمدە نامازنىڭ ماھىيىتىنى ۋە ئۇنى قانداق ئادا قىلىشنى ئۆگىنىسىز.

نىشان: 

  • ناماز نىڭ ماھىيىتىنى بىلىش.

1- نىيەت

نىيەت نامازنىڭ دۇرۇس بولۇش شەرتىدۇر، يەنى ناماز ئۇقۇغۇچى قەلبىدە ناماز بىلەن ئاللاھقا قۇل چىلىق قىلىشنى - ئو نامازنى ئەسلەپ تەيىن قىلغان ھالدا مەسىلەن شام ياكى خۇپتەن - مەقسەت قىلىشتۇر. بۇ نىيەتنى تەلەپپۇز قىلىش شەرىئەتتە خاتادۇر. بەلكى قەلىبدە مەقسەت قىلىش ۋە زىھنىدا خاتىرلەش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئونى تىلغا ئىلىش تۇغرا ئەمەس. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ۋە ئۇنىڭ ساھابلىرىدىن نەقىل قىلىنمىغان.

2- تەكبىر

ئۇ نامازغا ئورنىدىن تۇرۇپ قولىنى مۈرىسىگە ياكى قۇلىقنىڭ ئۈستىگە قەدەر كۆتۈرۈپ، بارمىقىنى سوزۇپ، قولنىڭ ئالقىنىنى قىبلىگە قاراتقان ھالدا (ئاللاھۇ ئەكبەر) دەيدۇ."مەنىسى: ئاللاھ ھەممىدىن بۇيۇك دىمەكتۇر.

تەكبىرنىڭ مەنىسى

ناماز (ئاللا ھۇ ئەكبەر) دېگەن بۇ سۆزدىن باشقىسى بىلەن دۇرۇس بۇلمايدۇ. ئونىڭ مەنىسى: ئاللاھنى ئىززەتلەش ۋە ئولوغلاشتۇر. ئاللاھ ھەممىدىن بۇيۇكتۇر، دۇنيا ۋە ئونىڭدىكى پۈتۈن شەھۋەت ۋە ھۇزۇر بىغىشلايدىغان نەرسىلەردىن بۇيۇكتۇر، شۇڭا بىز بۇ ھەشەمەتچىلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ھەممىدىن ئۈستۈن ۋە بۇيۇك بۇلغان ئاللاھقا قەلبىمىز ۋە زېھنىمىز بىلەن كەمتەرلىك ھالدا ئاللاھقا يۇزلىنىشىمىز كىرەك.

3-تەكبىردىن كېيىن ئوڭ قولىنى سول قۇلۇنىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ كۆكرەك قىسمىغا قويىدۇ، ھەمدە قىيامدا تۇرغاندا دائىم شۇنداق قىلىدۇ.

4-نامازنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئىسپاتلانغان باشلاش دۇئالىرىنىڭ بىرى بىلەن باشلايدۇ، جۈملىدىن: بۇ دۇئا بىلەن. "سۇبھانە كەللاھۇممە ۋە بىھەمدىكە، ۋە تەبارە كەسمۇكە ۋە تائالا جەددۇكە، ۋە لا ئىلاھە غەيرۇك". (ئى ئاللاھ! بىز سىنى بارلىق نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئىتىقاد قىلىمىز، پۈتۈن ھەمدۇ سانا ساڭا خاستۇر، نامىڭ ئولوغ، شەنىڭ ئوستۈندۇر، ۋە سەندىن باشقا ھىچ بىر ئىلاھ يۇقتۇر).

5- ئاللاھقا سىغىنىپ قۇغلاندى شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن. دەيدۇ. مۇشۇ پاناھ تىلىمەكتۇر. مەنىسى: شەيتاننىڭ شەررىدىن ۋە يامان ئىشلارغا قۇتۇر تىشىدىن ئاللاھقا يىلىنىپ ساقلىنىمەن دىمەكتۇر.

6- ناھايتى شەپقەتلىك مىھرىبان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن، دەيدۇ. بىسمىللاھ نىڭ مەنىسى: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن ياردەم ۋە بەرىكەت تەلەپ قىلىپ باشلايمەن دىمەكتۇر.

7-فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇيدۇ، فاتىھە بولسا ئاللاھنىڭ كىتابىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ سۈرە دۇر.

فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇيدۇ، فاتىھە بولسا ئاللاھنىڭ كىتابىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ سۈرە دۇر.ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىگە ئۇسۈرىنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق مىننەتدار لىق قىلىپ مۇنداق دېدى: «شۇبھىسىزكى بىز ساڭا نامازدا تەكرار لىنىپ تۇرىدىغان يەتتە ئايەتنى ۋە ئولۇغ قۇرئاننى ئاتاقىلىپ بەردۇق» [ھىجر سۈرىسى: 87]. تەكرار لىنىپ تۇرغۇچى يەتتە ئايەتتىن فاتىھە مۇراتتۇر، ئونداق دەپ ئاتىلىشى، ئو يەتتە ئايەت بۇلۇپ كىشىلەر ئۇنى كۈندە بىر نەچچە قېتىم تەكرارلىغانلىقتىن دۇر.

مۇسۇلماننىڭ ئۇنى ئۆگىنىشى ۋاجىپتۇر. چۈنكى ئۇنى ئوقۇش ئىمام ئۈنلۈك ئوقۇمايدىغان نامازدا يالغۇز ياكى جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇغان كىشى ئۈچۈن ئاساستۇر.

فاتىھە سۈرىسى

8-فاتىھەنى ئوقۇغاندىن كېيىن ياكى ئىمامنىڭ تىلاۋىتىدە ئۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا (ئامىن) دىش كىرەك. ئۇنىڭ مەنىسى: ئى ئاللاھ دۇئايىمنى ئىجابەت قىل دىمەكتۇر.

9-فاتىھەدىن كېيىن، بىرىنچى ۋە ئىككىنچى رەكئەتتە باشقا بىر سۈرىنى ياكى بىر سۈرىدىن بىر قانچە ئايەتلەرنى ئوقۇيدۇ. ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى رەكئەتلەردە، پەقەت فاتىھە بىلەنلا كۇپايىلىنىدۇ.

فاتىھە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئوقۇلىدىغان ئايەتلەر بامدات نامىزىدا ۋە شام نامىزىدا ۋە خۇپتەننىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى رەكئەتلىرىدە يۇقىرى ئاۋازدا ئوقۇلىدۇ، پىشىن ۋە ئەسىردە قىرائەت ئاۋاز سىز ئوقۇلىدۇ. نامازنىڭ قالغان زىكر تەسبىھلىرىمۇ ئاۋاز سىز ئېيتىلىدۇ.

10-ئاندىن رۇكۇ ئۈچۈن قولىنى مۈرىسىگە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئالقىنىنى قىبلە تەرەپكە توغرىلاپ بىرىنچى تەكبىردە قىلغانغا ئوخشاش قىلىپ تەكبىر ئېتىدۇ. (بۇنى رەفئۇل يەدەين يەنى نامازدا قۇل كۈتۈرۈش دىيىلىدۇ، ھەنەپى مەزھەپتە بۇنى قىلماسلىق ئەۋزەل دەپ قارىلىدۇ)

11-دۈمبىسىنى قىبلە تەرەپكە ئەگكەن ھالدا رۇكۇ قىلىدۇ. دۈمبىسى بىلەن بېشىنى تەكشە قىلىدۇ، قوللىرىنى تىزىغا قويۇپ، بارماقلار ئارىسىنى يېيىپ تۇتۇپ (سۇبھانە رەببىيەل ئەزېم) دەيدۇ، مەنىسى: (ئۇلۇغ رەببىمگە شان-شەرەپ بولسۇن)، ئۇنى بىر قېتىم دىمەك پەرز، ئۈچ قېتىم تەكرارلاش مۇستەھەبدۇر، رۇكۇ ھالىتى بولسا ئاللاھنى ئۇلۇغلاش ۋە مەدھىيىلەش جايېدۇر.

(سۇبھانە رەببىيەل ئەزىم) نىڭ مەنىسى: ئۇلۇغ ئاللاھنى كەمتۈكلىكتىن پاكلاپ ئولۇغلايمەن، ئۇ سۈزۈمنى مەن ئۇلۇغ ئاللاھقا بوي سۇنۇپ ئىگىلگەن ھالەتتە دەيمەن، دىمەكتۇر.

12-ھەمدە ئۇ قوللىرنى ئىككى مۈرىسى بىلەن تەڭ كۆتۈرۈپ، ئىلگىركىدەك قۇلىنىڭ ئالقىنىنى قىبلىگە قارىتىپ، مەيلى ئۇ ئىمام بولسۇن ياكى يالغۇز بولسۇن، (سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدەھ) دەيدۇ. مەنىسى: ئاللاھ ئونىڭغا ھەمدۇسانا ئېتقۇچىنى ئاڭلۇغۇچىدۇر، دىمەكتۇر. ئاندىن ھەممەيلەن (رەببەنا ۋە لەكەل ھەمد) دەيدۇ. مەنىسى: رەببىمىز ساڭا كۆپلەپ ھەمدۇسانا ئېتېمىز. دىمەكتۇر.

ئونىڭدىن كىيىن بۇ دۇئانى قۇشاش مۇستەھەب بۇلىدۇ. (..ھەمدەن كسېرا تەييىبەن مۇبارەكەن فېھى، مىلئەسسماۋاتى ۋە مىلئەلئەرزى ۋەمىلئە ماشىئتە مىن شەيئىن بەئدۇ) يەنى: «رەببىمىز ساڭا بىز ئەڭ ئىسىل مەدھىيەلەرنى ئاسمان زىمىن توشقىچە ۋە ئونىڭدىن كىېىن ئۆزەڭ خالىغان نەرسىلەر تولغىچە ئېتېمىز»

13-ئونىڭدىن كىېىن تەكبىر ئېتقان ھالەتتە يەتتە ئەزاسىنى يەرگە قۇيۇپ سەجدىگە بارىدۇ. يەتتە ئەزالار: پىشانە بىلەن بۇرۇن، ئىككى قول، ئىككى تىز، ئىككى پوتتىن ئىبارەتتۇر. سەجدە قىلغاندا ئىككى قولنى بىقىندىن، قورساقنى ئىككى يۇتىدىن، ۋە يۇتىنى پۇتىدىن ئايرىپ، ۋە ئىككى بىلىكىنى زىمىندىن كۆتۈرۈش مۇستەھەپ بۇلىدۇ.

14-ھەر سەجدە قىلغاندا (سۇبھانە رەببىيەل ئەئلا) نى بىر قېتىم دىش ۋاجىپتۇر، ۋە ئۈچ قېتىم دىش مۇستەھەپتۇر. ئۇنىڭ مەنىسى: «ھەممىدىن ئۈستۈن ئولوغ كاتتا ئاسمانلىرىنىڭ ئۈستىدە بولغان رەببىم ئاللاھنى بارلىق ئىېىپ ۋە نۇقسانلاردىن پاكلايمەن دىمەكتۇر» ئونىڭدا ئۈزى بىلەن ھەەمىدىن ئۇستۈن بولغان ياراتقۇچىسىنىڭ ئارىسىدىكى پەرىقنى ئەسلەش ئۈچۈن بويسۇنۇپ تۈۋەنلىكتە زىمىنغا چاپلىشىپ سەجدە قىلغوچى ئۈچۈن بىر ئاگاھلاندۇرۇش باردۇر.

سەجدە قىلىشنىڭ پەزىلىتى

سەجدە قىلىش ئاللاھقا دۇئا قىلىدىغان ئەڭ ئۇلۇغ جايلارنىڭ بىرى بۇلۇپ، شۇڭا مۇسۇلمان فەرز بۇلغان زكرى (سۇبھان رەببىيەل ئەزىم) نى دىگەندىن كىېىن، بۇ دۇنيانىڭ ۋە ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىدىن نېمىنى ئىرادە قىلسا ئونى تەلەپ قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن «بەندىنىڭ رەببىگە ئەڭ يېقىن بولىدىغان ۋاقتى سەجدە قىلغاندا، شۇڭا دۇئانى كۆپ قىلىڭلار» (مۇسلىم رىۋايتى:482).

15-ئاندىن (ئاللاھۇئەكبەر) دەپ ئىككى سەجدىنىڭ ئوتتۇرىدا ئولتۇرىدۇ، ۋە قولىنى يوتىسنىڭ ئۈستىدە تىزىغا يېقىن قۇيۇپ ئوڭ پۇتىنى تىكلەپ سول پۇتىدا ئولتۇرۇش مۇستەھەپدۇر.

نامازدا ئولتۇرۇشنىڭ سۇپىتى.

نامازنىڭ بارلىق ئولتۇرۇشلىردا ئالدىنقى ئۇسۇل بۇيچە ئۇلتۇرۇش ياخشى سانىلىدۇ، پەقەت ئاخىرقى ئولتۇرۇش ئوخشىمايدۇ، ئونىڭدا ئوڭ پۇتنى تىكلەش ئوخشاش، لىكىن سۇل پۇتىنى ئونىڭ ئاستىدىن چىقىرىپ ساغىرىنى يەرگە قۇياپ ئولتۇرۇدۇ. (ھەنەپى مەزھەپتە ئاخىردىمۇ باشتىكى ئىككى رەكئەتىكى ئولتۇرۇشقا ئۇخشاش نۇرمال ئولتۇرىدۇ)

ئىككى سەجدە ئارىسىدىكى زىكرى

16- ئىككى سەجدە ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرغاندا (رەببىم مېنى مەغپىرەت قىلغىن) دەيدۇ ئۇنى ئۈچ قېتىم تەكرارلاش مۇستەھەپتۇر.

17- ئاندىن تۇنجى قېتىم سەجدە قىلغانغا ئوخشاش ئىككىنچى قېتىم سەجدە قىلىدۇ.

18- ئاندىن ئۇ ئىككىنچى سەجدىدىن قىيامغا (ئاللاھۇئەكبەر) دىگەن ھالدا ئورنىدىن تۇرۇدۇ.

19- ئىككىنچى رەكئەتنى بىرىنچىگە ئوخشاشلا ئوقىدۇ.

20-ئىككىنچى رەكئەتتىكى ئىككىنچى سەجدىدىن كېيىن، ئىككى سەجدىنىڭ ئوتتۇرسىدا ئولتۇرغاندەك تەشەھھۇد ئۈچۈن ئولتۇرىدۇ، ۋە ئوڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن قىبلە تەرەپكە ئىشارەت قىلىپ تەشەھھۇد دۇئاسىنى ئۇقۇيدۇ، (ئەتتەھەيياتۇ لىللاھى، ۋە سسەلەۋاتۇ ۋە تتەييىبات، ئەسسالامۇ ئەلەيكە ئەييۇھەننەبىييۇ ۋە رەھمەتۇلاھى ۋەبەرە كاتۇھۇ، ئەسسالامۇ ئەلەينا ۋە ئالا ئىبادىللاھى سسالھىن، ئەشھەدۇ ئەللائىلاھە ئىللاھۇ، ۋە ئەشھدۇ ئەننە مۇھەممەدەن ئەبدۇھۇ ۋە رەسۇلۇھ) مەنىسى: «بارلىق زىكر تەسبىھ مەدھىيەلەر، بەش ۋاخ ناماز ۋە دۇئالار، باشقا جىسمانى ئىبادەتلەر ۋە خەير ئىھسانلار ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھنىڭ سالامى رەھمىتى ۋە بەرىكىتى سىلىگە بۇلسۇن ئى ئۇلۇغ پەيغەمبەر! بىزگە ۋەبىز بىلەن نامازغا ھازىر بۇلغان ئاللاھنىڭ سالىھ بەندىلىرىگە ئاللاھنىڭ ئامانلىقى بولغاي. ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقلىقىغا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە بەرھەق پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە چىن قەلبىمدىن گۇۋاھلىق بىرىمەن» دىگەن بۇلىدۇ.

21-ئەگەر ناماز بامداتقا ئۇخشاش ئىككى رەكئەتلىك بولسا، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئۇقۇپ ئاندىن سالام بىرىدۇ، ئەمما ئەگەر ناماز ئۈچ رەكئەتلىك ياكى تۆت رەكئەتلىك بۇلسا، نامازنىڭ قالغىنى تۇلۇقلاشقا تۇرىدۇ، لىكىن كىېىنكى ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى رەكئەتتە پەقەت سۈرە ڧاتىھەنىلا ئوقىدۇ.

22- ئاندىن ئاخىرقى رەكئەتتە ئىككىنچى سەجدىدىن كېيىن ئاخىرقى تەشەھھۇد ئۈچۈن ئولتۇرىدۇ، ئۇنىڭ سۈپىتى ئوڭ پۇتىنى تىكلەپ سول پۇتىنى ئۇنىڭ ئاستىدىن چىقىرىپ ساغىرسىدا ئولتۇرۇپ بىرىنچى تەشەھھۇتتا ئۇقۇغاننى ئۇقۇيدۇ. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئۇقۇيدۇ. (ئاللاھۇممە سەللى ئالا مۇھەممەدىن ۋە ئالا ئالى مۇھەممەد، كاما سەللەيتە ئال ئالىا ئىبراھىم، ئىننەكە ھەمىدۇن مەجىد. ۋە بارىك ئالا مۇھەممەد ۋە ئالا ئالى مۇھەممەد، كاما بارەكتە ئالا ئالى ئىبراھىم ئىننەكە ھەمىدۇن مەجىد) مەنىسى: «ئى ئاللاھ! ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋە ئونىڭ ئائىلىسىگە رەھمەت ئاتا قىلغاندەك مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋەئونىڭ ئائىلىسىگە رەھمەت ئاتا قىلغىن. سەن ھەقىقەتەن مەدھىيەگە لايىق ئۇلۇغ زاتسەن. ئى ئاللاھ! ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋە ئونىڭ ئائىلىسىنىڭ شەنىنى كۆتۈرگىنىڭدەك مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەئونىڭ ئائىلىسىنىڭ شەنىنى يۇقىرى قىلغىن. سەن ھەقىقەتەن مەدھىيەگە لايىق ئۇلۇغ زاتسەن»

دۇرۇتتىن كىېىن تۇۋەنىكى دۇئانى ئوقۇش مۇستەھەپ بۇلىدۇ: (ئە ئۇزۇ بىللاھى مىن ئازابى جەھەننەمە، ۋە مىن ئازابىل قەبرى، ۋە مىن فىنەتىل مەھيا ۋەلمەمات، ۋە مىن فىتنتىل مەسىھىدەججال) مەنىسى: «ئى ئاللاھ! ساڭا سىغىنىپ دۇزاخ ئازابىدىن، قەبرى ئازابىدىن، ھايات ۋە ماماتلىقنىڭ پىتنىسىدىن، دەججال نىڭ پىتنىسىنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن» ئاندىن ئۆزى خالىغان دۇئانى قىلسا بۇلىدۇ.

23-ئاندىن ئوڭ تەرەپكە بۇرۇلۇپ، (ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھ) دەيدۇ، ئاندىن سول تەرەپكە سالام بىرىپ ئۇنىڭغا ئوخشاشنى دەيدۇ. سالام بىرىش بىلەن مۇسۇلمان ئۈزىنىڭ نامىزىنى تۈگەتكەن بۇلىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېتقاندەك «ئونىڭ باشلىنىشى تەكبىر بىلەن تۈگەنجىسى سالام بىلەن» (ئەبۇ داۋۇد: رىۋايتى61، تىرمىزى: رىۋايتى:3) يەنى: نامازغا تەكبىر بىلەن كىرىپ ئۇنىڭدىن سالام بىلەن چىقىدۇ.

24- پەرىز نامازدىن سالام بەرگەندىن كىېىن تۇۋەندىكىلەرنى دىش مۇستەھەپ بۇلىدۇ.

١
ئۈچ قېتىم (ئەستەغفىرۇللاھ) دەيدۇ.
٢
(ئاللاھۇممە ئەنتەسسالام، ۋە مىنكەسسالام، تابارەكتە يازەل جەلالى ۋەلئىكرام) مەنىسى: «ئى ئاللاھ! سەن ئامانلىق بەرگۇچى سەن، ئامانلىق سەندىن كىلىدۇ، ئى ئۇلۇغلۇق كەرەم ئىگىسى ئاللاھ سەن ھەقىقەتەن بۇيۇكتۇرسەن»
٣
(ئاللاھۇممە لا ما نىئە لىما ئەئتەيتە، ۋە لا مۇئتيە لىما مەنەئتە، ۋە لا يەنفئۇ زەلجەددى مىنكەلجەد) مەنىسى: «ئى ئاللاھ! سەن ئاتا قىلغاننى تۇسۇۋالغۇچى يوق ۋە سەن تۇسقاننى بەرگۈچى يۇق، ھەممە بايلىق سىنىڭ تەرىپىڭدىن، شۇڭا سىنىڭ دەرگاھىڭدا بايلارنىڭ بايلىقى ئەسقاتمايدۇ»
٤
ئاندىن (سۇبھانەللاھ) نى 33 قېتىم (ئەلھەمدۇلىللاھ) نى 33 قېتىم، (ئاللاھۇئەكبەر) نى 33 قېتىم ئېتىدۇ.
٥
يۈزنى(لا ئىلاھە ئىللاھۇ ۋەھدەھۇ لا شەرىكە لەھ، لەھۇل مۇلكۇ ۋە لەھۇل ھەمدۇ ۋەھۇۋە ئالا كۇللى شەيئىن قەدىر) ئېتىش بىلەن مۇكەممەل قىلىدۇ. مەنىسى: «بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ يالغۇزدۇر، ئونىڭ ھىچ شىرىكى يوقتۇر، پۇتۇن ھەمدۇسانالار ئونىڭ ئۈچۈندۇر، ئو ھەممىگە قادىر دۇر»

فاتىھەنى ۋە نامازنىڭ ئەزكارلىرنى يادىلىمىغان ئادەم قانداق قىلىدۇ؟

ئۇ نامازدىكى ۋاجىپ دۇئالارنى ئەستە ساقلاشقا تىرىشىشى كېرەك، چۈنكى ئۇلار پەقەت ئەرەب تىلىنىڭ غەيرىدە دۇرۇس بۇلمايدۇ. ئولار: فاتىھە ۋە تەكبىرلەر، سۇبھان رەببيەلئەزىم، سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە، رەببەنا لەكەلھەمد، ۋە سۇبھانە رەببيەلئەئلا، رەببىغفىرلى، ئەتتەھەيياتۇ، ئاللاھۇممە سەللى ئالا، ئاللاھۇممە بارىك ئالا، ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھ.

تېخى ياد قىلالمىغان ئادەم ياد قىلغۇچە بىلگەن تەسبىھ ۋە ھەمد تەكبىرلەرنى نامازنىڭ ئىچىدە قايتىلايدۇ، ياكى بىلگەن ئايەتنى قايتىلايدۇ. ئاللاھ ئېيتقاندەك: «كۈچۈڭلارنىڭ يىېتىشچە ئاللاھتىن قورقۇڭلار» [سۈرە تەغابۇن؛16]

يېڭى مۇسۇلمان.

بۇ ھالەتتە ئۇ كىشى كۇچىنىڭ يىتىشچە نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇشقا ئىنتايىن ھېرىسمەن بولۇشى كېرەك، چۈنكى ئىمام جامائەتنىڭ مەلۇم دەرىجىدە يېتەرسىزلىكلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

دەرسنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدىڭىز


سىناقنى باشلاڭ