ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ

كىرىشكە تىزىملاتمىدىڭىز
ئۆگىنىشنى باشلاش ۋە ئىلگىرىلىشىڭىزگە ئەگىشىش ۋە نومۇر توپلاش ۋە مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ھازىر Ta مۇنبىرىگە تىزىملىتىڭ، تىزىملاتقاندىن كېيىن، ئۆگەنگەن تېمىلىرىڭىزدا ئېلېكترونلۇق گۇۋاھنامە تاپشۇرۇۋالىسىز.

نۆۋەتتىكى بۆلەك :ناماز

دەرس جامائەت نامىزى

ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارغا ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش ئۈچۈن جامائەت بۇلۇپ ناماز ئۇقۇشقا بۇيرۇدى. بۇ بۆلۈمدە سىز جامائەت نامىزىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ھۈكۈملىرىنى بىلىپ چىقىسىز.

  • جامائەت نامىزىنىڭ پەزىلىتىنى بىلىش.  
  • ئەگىشىشنىڭ مەنىسىنى بىلىش.
  • ئىمام ۋە جامائەتنىڭ ئەھكاملىرىنى بىلىش. 

ئاللاھ تائالا ئەرلەرگە بەش نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇشقا بۇيرۇدى، ئۇنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە كاتتا ساۋاپلار بايان قىلىندى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «جامائەت بىلەن ئۇقۇلغان ناماز يالغۇز ئۇقۇلغان نامازدىن يىگىرمە يەتتە ھەسسە ئارتۇق بۇلىدۇ» دېدى (بۇخارى رىۋايتى:645، مۇسلم رىۋايتى:650).

جامائەتنىڭ ئەڭ ئاز بولغىنى ئىككى كىشىدۇر: ئىمام ۋە بىر ئىقتىدا قىلغۇچى، جامائەت قانچە كۆپ بولسا، ئاللاھقا شۇنچە سۈيۈملۈكتۇر.

ئىقتىدا قىلىشنىڭ مەنىسى.

ئىقتىدا قىلىغۇچىڭ نامىزىنى ئىمامىغا باغلاپ، ئۇنىڭغا رۇكۇ ۋە سەجدىدە ئەگىشىپ، ۋە قىرائىتىگە قۇلاق سىلىپ، نامازنىڭ ھەركەتلىرىنىڭ ھىچ بىرىدە ئىمامغا قارشىلىق قىلماي ياكى ئالدىغا ئۆتۆۋالماي، ئىمام قىلغاننىڭ ئۈزىنى ئارقىدىنلا قىلىشدۇر.

ئىمامغا ئەگىشىش.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىمام پەقەت ئەگىشىش ئۈچۈن تەيېنلەندى، تەكبىر ئېتمىغىچە سىلە ئالدىرماي، تەكبىر ئېتقاندا تەكبىر ئېتىڭلار، رۇكۇغا بارمىغۇچە سىلە ئالدىرماي، رۇكۇ قىلغاندا رۇكۇ قىلىڭلار، "سەمىئەللاھۇلىمەن ھەمىدە" دىگەندە "ئاللاھۇممە رەببەنا لەكەلھەمد" دەڭلا.سەجدە قىلمۇغىچە سىلە ئالدىرماي، سەجدە قىلغاندا سەجدە قىلىڭلار» (بۇخارى رىۋايتى:734، مۇسلىم رىۋايتى:411، ئەبۇداۋۇد رىۋايتى:693)

ئىماملىققا قانداق ئادەم تەقدىم قىلىنىدۇ؟

ئىماملىققا ئاللاھنىڭ كىتابىنى پۇختا يادئالغان ۋە ياخشى ئۇقۇيدىغان ئادەم تەقدىم قىلىنىدۇ، بىر قانچە ئادەملەر بۇ سەۋىيەدە باراۋەر بۇلسا ئەڭ پەزىلەتلىكى تەقدىم قىلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېتقاندەك: «جامائەتكە ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئەڭ ياخشى ئۇقۇيدىغان ئادەم ئىمام بۇلىدۇ، ئەرگەر ئۇلار قۇرئان ئوقۇشتا ھەممىسى ئۇخشاش سەۋيىە دە بۇلسا، سۈننەتنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغانلىرى ئىمام بۇلىدۇ» (مۇسلىم رىۋايتى:673).

ئىمام بىلەن جامائەت قەيەردە تۇرىدۇ؟

ئىمام جامائەتنىڭ بىر سەپ ئالدىدا تۇرىدۇ، جامائەتلەر ئىمامنىڭ ئارقىسىدىكى سەپنى تۇلدۇرۇپ تۈپتۈز تۇرىدۇ، ئاندىن كېىنكىلەر كېىنكى سەپنى تولدۇرىدۇ، ئەگەر ئىقتىدا قىلغۇچى بىر ئادەم بۇلسا ئىمامنىڭ ئۇڭ تەرىپىدە تۇرىدۇ.

ئىمامغا تۇلۇق يىتىشەلمىگەن كىشى نامازنى قانداق تۇلۇقلايدۇ.

كىمكى بىر قىسىم ناماز ئۇقۇلۇپ بۇلغاندىن كېيىن ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ نامازغا كىرسە، ئىمام سالام بەرگۈچە ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرىدۇ، ئاندىن قالغان نامىزىنى تاماملايدۇ. نامازنىڭ ئىمامغا يىتىشكەن رەكئەتنى ئەۋۋىلىسى ھېساپلاپ تۇلۇقلايدىغىنىنى ئاخىرسى ھېسابلايدۇ.

نىمە بىلەن رەكئەتكە يىتىشكەن بۇلىدۇ.

كىم ئىمامغا رۇكۇدا يېتىشىۋالسا ئۇ بىر رەكئەتكە پۈتۈن يىتىشكەن بۇلىدۇ، كىمكى ئىمامغا رۇكۇدا يىتىشەلمىسە بۇ رەكئەت ۋە ئىلگىرىكى رەكئەتلەرگە يىتىشەلمىگەن بۇلىدۇ، ساقلىماستىن چوقۇم ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ نامازغا كىرىشى كېرەك، ئەگەر ئىمام سالام بەرسە، ئورنىدىن تۇرۇپ ئىمام بىلەن ئۇقۇيالمىغاننى تۇلۇقلايدۇ.

ئىمام بىلەن نامازنىڭ ئەۋۋىلىسىنى قولدىن بېرىپ قويغانلارنىڭ مىسالى.

كىمكى بامدات نامىزىدا ئىمامغا ئىككىنچى رەكئەتتە يىتىشسە، ئىمامنىڭ سالىمىدىن كېيىن قالغان رەكئەتنى تاماملاشقا تۇرۇىدۇ. ۋە ئۇنى تۈگەتمىگۈچە سالام بەرمەيدۇ، چۈنكى بامدات نامىزى ئىككى رەكئەت بولۇپ ئۇ پەقەت بىرگىلا يىتىشكەن.

كىمكى ئىمامغا شام نامىزىنىڭ ئاخىرقى تەشەھھۇتىدا يىتىشسە، ئۇ ئىمامنىڭ سالىمىدىن كېيىن ئۈچ رەكئەت ناماز ئوقۇشى كېرەك. چۈنكى ئۇ ئىمامغا ئەڭ ئاخىرقى تەشەھھۇتتا يېتىشتى، رەكئەتكە يىتىشىش پەقەت ئىمام بىلەن بىللە رۇكۇ قىلغاندا بۇلىدۇ.

كىمكى ئىمامغا پىشىن نامىزنىڭ ئۈچىنچى رەكئەتنىڭ رۇكۇسىدا يىتىشسە، ئىمام بىلەن ئىككى رەكئەتنى بىللە ئۇقۇغان بۇلىدۇ، ئۇ ئىككى رەكئەت ئونىڭغا نىسبەتەن پىشىننىڭ ئەۋۋەلقى ئىككى رەكئەتى بۇلىدۇ، ئىمام سالام بەرگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ قالغىنىنى تۇلۇقلايدۇ، ئۇ ئىككى رەكئەت تۆت رەكئەتلىك پىشىننىڭ نامىزىنىڭ ئۈچنچى تۆتىنچى رەكئىتى ھېساپلىنىدۇ.

دەرسنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدىڭىز


سىناقنى باشلاڭ