نۆۋەتتىكى بۆلەك :ھەج
دەرس مەككە ۋە ھەرەم مەسچىتنىڭ پەزىلىتى
ئابدۇللاھ بىن ئەدىي بىن ھەمرا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: مەن رەسۇلۇللاھنىڭ ھەزۇرەنىڭ ئۆستىدە [ئۇ مەككىدىكى بىر جاي] تۇرۇپ مۇنداق دىگەنلىكىنى كۆردۈم، «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى سەن ئاللاھنىڭ زېمىنىنىڭ ئەڭ ياخشىسى، ۋە ئاللاھقا ئەڭ سۈيۈملۈك زىمىن، ئەگەر مەن سەندىن قوغلانمىغان بولسام، چىقمىغان بولاتتىم» (تىرمىزى رىۋايتى:3925) يانا بىر رىۋايەتتە: «ئاللاھنىڭ مەن ئۈچۈن ئەڭ سۆيۈملۈك زېمىنى» دېيىلگەن. (ئىبنى ماجە رىۋايتى:3108).
2- ئو ئاللاھنىڭ ھەرىمى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «ئاللاھ تائالا مەككىنى مۇقەددەس قىلدى، كىشىلەر ئۇنى مۇقەددەس قىلمىدى. ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنگە ئېمان ئېتقان كىشىنىڭ ئۇنىڭدا قان تۆكۈشى ياكى ئۇنىڭ دەرەخنى يۆلۇشى دۇرۇس ئەمەس» (بۇخارى رىۋايتى:104، مۇسلىم رىۋايتى:1354)
ئۇلۇغ ساھابى ئەبۇ زەر ئەلغىفارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: «ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! يەرگە يۈزىگە تۈنجى سېلىنغان مەسچىت قايسى؟، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ھەرەم مەسچىتى» دېدى، مەن ئۇنىڭدىن كېيىن قايسى؟ دېدىم، ئۇ: «ئەقەسا مەسچىتى» دېدى، ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا قانچىلىك ۋاقىت بار؟ دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «قىرىق يىل دېدى، سىز قەيەردە بولغنىڭىزدا ناماز ۋاقتى كەلسە ئۇقۇڭ، شۇ يەر مەسچىت دېدى» (بۇخارى رىۋايتى:3366، مۇسلىم رىۋايتى:520).
2- بۇ نىڭدا ئولوغ كەئبە بار.
3- ئۇنىڭدا ئۇقۇلغان نامازنىڭ ھەسسەلەپ ئەجىرلىك بۇلىشى.
4- ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ئۆيىگە قادىر بۇلغانلارغا ھەج قىلىشنى پەرز قىلدى.
مەككە مۇكەررەمەنىڭ پەزىلىتى: بۇ ياخشى شەھەرنىڭ ناھايىتى كاتتا ئورنى ۋە نۇرغۇن پەزىلەتلەر باردۇر، ئونىڭ جۈملىسىدىن: