نۆۋەتتىكى بۆلەك :ئىبادەت
دەرس شېرك
شېركنىڭ مەنىسى
شېركنىڭ مىساللىرى
شېركنىڭ خەۋىپى
شېرك ئاللاھ ئېيتقاندەك ئىبادەتلەرنى بۇزىدۇ ۋە بىكار قىلىدۇ. «ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن بولسا ئىدى، ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرى ئەلۋەتتە بىكار بولۇپ كېتەتتى» [ئەنئام سۈرىسى:88].
شېرك ئاللاھ ئېيتقاندەك دوزاخ ئوتىدا مەنگو قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ. «كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلىدۇ، ئۇنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ» [مائىدە سۈرىسى:72].
شېرىكنىڭ تۈرلىرى
ئو بەندىنىڭ قىلغان ئىبادەتلىرىدىن بىرىنى ئاللاھنىڭ غەيرىگە قارتىشى، ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان ھەر بىر سۆز ياكى ئىبادەتلەردىن بىرەر ئەمەل ئەگەر ئاللاھتىن باشقىغا سەرپ قىلىنسا، ئۇ شېرىك ۋە كۇپۇرلۇقتۇر. چوڭ شېرىكنىڭ مىسالى: بىر ئادەمنىڭ ئاللاھنىڭ غەيرىدىن بىر نەرسە تەلەپ قىلىشى، ۋەئۇنىڭ كېسىلىنى ساقايتىش ياكى ئوزۇق-تۈلۈكنى كېڭەيتىش ئۈچۈن دۇئا قىلىشى. چوڭ شېرىكنىڭ مىسالى: بىر ئادەمنىڭ ئاللاھنىڭ غەيرىگە تاينىشى، ياكى ئاللاھنىڭ غەيرى ئۈچۈن ناماز ئۇقۇشى، ياكى ئاللاھنىڭ غەيرى ئۈچۈن قان قىلىشى، قاتارلىقلاردۇر.
بۇ دۇئالار ۋە ئەمەللەرگە ئوخشىغان ئەمەللەرنى ئاللاھنىڭ غەيرىگە يۇزلەندۇرۇش شېرىك ۋە كۇپۇرلۇقتۇر. چۈنكى شىپا بىرىش ۋە رىزىق بىرىش ئاللاھنىڭ خۇسۇسيەتلىرىدىن بولۇپ، ئاللاھقا تايىنىش، ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن ناماز ئۇقۇش، ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن قان قىلىش، ئۇلۇھىيەت تەۋھېدىنىڭ جۈملىسىدىن دۇر.
كىچىك شېرىك
كىچىك شېرىكنىڭ مىسالى
كىشلەردىن بىر نەرسە سۇراش ۋە تەلەپ قىلىش شېرىك ھىسابلىنامدۇ؟
جانسىز ياكى ئۆلۈك ئادەمدىن بىر نەرسە سۇراش ئەقىلگە ئىسلامغا ۋە ئىمانغا زىت شېرىك دەپ قارىلىدۇ. چۈنكى ئۆلۈكلەر ۋە جانسىزلار بۇ تەلەپنى ئاڭلىيالمايدۇ، ۋە يا ئۇنىڭغا جاۋاب بىرىشكە قادىر بۇلالمايدۇ. دۇئا قىلىش ئىبادەت، ئۇنى ئاللاھنىڭ غەيرىگە سەرپ قىلىش شېرىكتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەلگەندە ئەرەبلەرنىڭ شېرىكى بولسا جانسىزلار ۋە ئۆلۈكلەرگە دۇئا قىلىش ئىدى.