نۆۋەتتىكى بۆلەك :ئىمان
دەرس پەيغەبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش
پەيغەمبەرلەرگە ئىمان ئىتىشنىڭ مەنىسى
ئاللاھنىڭ ھەر بىر مىللەتتە ئۇلارنى شېرىكسىز يالغۇز ئاللاھنىڭ ئىبادىتىگە چاقىرىشقا ئەلچى ئەۋەتكەنلىكىگە قەتئىي ئىشىنىش. ئاللاھ ئېيتقاندەك: «بىز ھەقىقەتەن ھەربىر ئۈممەتكە: ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ساختا ئىلاھلاردىن يىراق تۇرۇڭلار دەپ پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق» [نەھىل سۈرىسى:36].
بىز بارلىق پيغەمبەرلەرنىڭ راستچىل، ئىشەنجىلىك، تەقۋادار، ساداقەتمەن، تۇغرا يۇلدا، يىتەكلىگۇچى ئىكەنلىكىگە، ۋە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ مۇكەللىپ قىلغان بۇيرۇقلارنى بىر ھەرپنىمۇ يۇشۇر ماستىن، ۋە ئۈزگەرتمەستىن، ۋە ئۇزلىرى تەرىپىدىن قۇشىۋالماستىن. ۋە كىمىتمەستىن تۇلۇق يەتكۈزگەنلىكىگە ئىشىنىمىز. ئاللاھ ئىتقاندەك: «پەيغەمبەرلەر ئاللاھنىڭ ئەمر- پەرمانلىرىنى يەتكۈزىدىغان، ئاللاھتىن قورقىدۇغان، ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمدىن قورقمايدىغان كىشىلەردۇر. ھېساب ئېلىشقا ئاللاھ يېتەرلىكتۇر» [ئەھزاب سۈرىسى:39].
كىشىلەرگە قانۇنلارنى چۈشەندۈرىدىغان ۋە ئۇلارنى توغرا ۋە ھەقىقەتكە يېتەكلەيدىغان ئىلاھىي ئەلچىلىك بولۇشى لازىم، بۇ ئەلچىلىك دۇنيانىڭ نۇرى روھى ۋە ھاياتىدۇر. ئالەمدە روھ ھايات ۋە نۇر بولمىسا تۇغرا بۇلغاننىڭ نىمىگە ئەھمىتى بولسۇن؟
بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى رۇھ دەپ ئاتىدى، رۇھ يۇقالسا ھاياتلىق تېپىلمايدۇ. ئاللاھ مۇنداق دېدى: «سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە ۋەھيى قىلغىنىمزدەك ساڭىمۇ ئەمرىمىز بىلەن قۇرئاننى ۋەھيى قىلدۇق، سەن كىتابنىڭ ۋە ئىماننىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيتتىڭ، لېكىن بىز ئۇ (قۇرئان)نى بەندىلىرىمىزدىن خالىغان كىشىلەرنى ھىدايەت قىلىشىمىز ئۈچۈن بىر نۇر قىلدۇق» [شۇرا سۈرىسى:52]. چۈنكى ئەقىل گەرچە يامانلىقتىن ياخشىلىقنى ئۇمۇمەن بىلسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تەپسىلاتلىرىنى بىلەلمەيدۇ. ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىش كەيپىياتلىرى پەقەت ۋەھيى ۋە ئەلچىلەر ئارقىلىقلا بىلىنىدۇ.
دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ سائادەتمەنلىكىگە ئىرىشىشكە پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋاستىسىز ھىچ قانداق يۇل يوقتۇر. پاكنى ناپاكتىن ئىنچىكلەپ بىلىشمۇ پەيغەمبەرلەر ئاقىلىق بۇلىدۇ. كىمكى ئەلچىلەردىن يۈز ئۆرۈسە، ئۇنىڭغا قارشى تۇرغان ۋە ئۇنىڭدىن يۈزئۆرىگەن قەدەر، پاراكەندىچىلىك ۋە غەم قايغۇ بەخىت سىزلىك تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. ئاللاھ مۇنداق دىدى: «بىز ئۇلارغا ھەممىڭلار جەننەتتىن چۈشۈڭلار، سىلەرگە مەن تەرەپتىن ھىدايەت كەلگەن چاغدا، مېنىڭ ھىدايىتىمگە ئەگەشكەنلەرگە (ئاخىرەتتە) قورقۇنچ يوقتۇر، ئۇلار ھەرگىز قايغۇرمايدۇ. كاپىر بولغان ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقارغانلار ئەنە شۇلار دوزاخ ئەھلىدۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، دېدۇق» [بەقەرە سۈرىسى:38-39]
ئىماننىڭ ئاساسلىرىنىڭ بىرى:
پەيغەمبەرلەرگە ئىشىنىش ئىماننىڭ ئالتە ئاساسىنىڭ بىرىدۇر. ئاللاھ مۇنداق دىدى: « (پەيغەمبەر رەببى تەرىپىدىن ئونىڭغا نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىمان كەلتۇردى، مومىنلەرمۇ ئىمان كەلتۇردى، ئولارنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا ۋە ئونىڭ پەرىشتلىرىگە، كىتابلىرىغا ۋە ئەلچىلىرىگە ئىمان كەلتۇردى. ئۇلار بىز (ئىمان ئېيتىشتا) ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ ھىچ بىرىنى ئايرىمايمىز دېدى» [بەقەرە سۈرىسى:285]. بۇ ئايەت بارلىق ئەلچىلەرگە ئايرىماى ئىمان ئىتىشنىڭ ۋاجىپلىغىنى كۆرسىتىپ بەردى. بىز يەھۇدىيلار ۋە خىرىستىيانلارغا ئوخشاش بەزى پەيغەمبەرلەرگە ئىشىنىپ، بەزىلىرىگە ئىشەنمەي قالمايمىز.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىمان ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھقا، ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا، ئەلچىلىرىگە، ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرىشىڭ، ۋە تەقدىرنىڭ ياخشى-يامانلىقىغا ئىمان كەلتۈرۈشىڭ» (مۇسلىم:8).
ئەلچىلەرنىڭ ئالامەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ مۆجىزىلىرى
ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئەلچىلىكىنى ۋە راسچىللىقىنى، ھەر خىل دەلىل ئىسپاتلار بىلەن قوۋەتلىدى، ئونىڭ ئىچىدە: ئىنسانلارنىڭ قابىلىيىتىدە بولمىغان مۆجىزە ۋە روشەن ئالامەتلەر باردۇر. ئۇنداق قىلىش، ئۇلارنىڭ سەمىمىيىتىنى دوكلات قىلىش ۋە پەيغەمبەرلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈندۇر. مۆجىزىلەر دىن مۇرات: پەيغەمبەرلەر نىڭ قولىدا ئىنسانلار ئونىڭغا ئوخشاشنى قىلالمايدىغان ئادەتتىن تاشقىرى پەۋقۇلئاددە بىر ئىشلارنى ئاللاھنىڭ ئاشكارا قىلىشىدۇر.
پەيغەمبەرلەرنىڭ مۆجىزىلىرىدىن:
پەۇغەمبەرلەرگە ئىمان ئىتىش نېمەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
1-ئۇلارنىڭ ئەلچىلىكى ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ھەق ئىكەنلىكىگە ئىمان كەلتۇرۇشنى، ۋە ئەلچىلەرنىڭ مەسئۇلىتى شىرىكسىز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا چاقىرىشقا بىرلىككە كەلگەنلىكىنى.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «بىز ھەقىقەتەن ھەر بىر ئۈممەتكە ئاللاھقا ئىبادەت قىلىپ باتىل ئىلاھتىن يىراق بۇلۇڭلار دەپ پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق» [نەھل سۈرىسى:36]
پەيغەمبەرلەرنىڭ قانۇنلىرى رۇخسەت قىلىنغان ۋە چەكلەنگەن نەرسىنىڭ شاخلىرىدا ئۇ مىللەتلەرگە ماس ھالدا ئوخشىماسلىقى مۇمكىن. ئاللاھ ئېيتقاندەك: ئى ئۈممەتلەر! «سىلەردىن ھەربىر ئۈممەتكە بىر خىل شەرىئەت ۋە ئوپئوچۇق يول تەيىن قىلدۇق» [مائىدە سۈرىسى:48].
2-بارلىق ئەلچىلەر ۋە پەيغەمبەرلەرگە ئىمان ئىتىش.
بىز ئاللاھ ئىسمى بىلەن ئاتىغان پەيغەمبەرلەرگە ئىمان ئىتىمىز، مەسىلەن: مۇھەممەد، ئىبراھىم، مۇسا، ئىسا، نۇھ، يەئقۇب، يۇسۇف، يۇنۇس، ۋە ئۇلاردىن باشقا پەيغەمبەرلەر ئەلەيھىمۇسسالاتۇ ۋەسسالام. بىز ئۇلارنىڭ ئىسمىنى بىلمەيدىغانلارغا كەلسەك، بىز ئۇلارغا ئومۇمەن ئىمان ئىتىمىز، كىمكى بىر پەيغەمبەرنىڭ ئەلچىلكىگە تانسا. ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە تانغان بولىدۇ.
3-ئۇلارنىڭ خەۋەرلىرى ۋە مۆجىزىلىرىنىڭ ساغلام يەتكەنلىرىگە ئىمان ئىتىش.
پەيغەمبەرلەرنىڭ قۇرئاندا كەلگەن، ۋە سۈننەتتە ساغلام كەلگەن مۆجىزىلىرىگە ئىشىنىمىز، مەسىلەن دېڭىزنىڭ مۇسائەلەيھىسسالامغا ئىككى پارچا بۇلغان قىسسىسىگە ئوخشاش.
4-بىزگە ئىبىرىلگەن پەيغەمبەرنىڭ شەرىئىتىگە ئەمەل قىلىش. ئو بۇلسا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ۋە ئاخىرقىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدۇر.
ئەلچىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىدىن:
1-ئۇلار ئىنسانلاردۇر.
پەيغەمبەرلەر بىلەن باشقىلارنىڭ پەرقى شۇكى، ئاللاھ تائالا ئولارنى ۋەھيى بىلەن ۋە پەيغەمبەرلىك بىلەن خاس قىلدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: ئى پەيغەمبەر! «بىز سەندىن ئىلگىرى پەقەت (ئىنسانلاردىن) ئەرلەرنىلا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىپ، ئۇلارغا ۋەھيى قىلدۇق» [ئەنبىيا سۈرىسى:7]. ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېدى: ئى پەيغەمبەر! «ئېيتقىنكى، مەن پەقەت سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنسانمەن، ماڭا: سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر دەپ ۋەھيى قىلىنىدۇ» [كەھف سۈرىسى:110]. ئۇلاردا ياراتقۇچىنىڭ ياكى ئىلاھلىقنىڭ ھېچ ئالاھىدىلىكى يوقتۇر، لېكىن ئۇلار تاشقى قىياپەتتە مۇكەممەللىككە، ئەخلاقنىڭ مۇكەممەللىكىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتكەن ئىنسانلاردۇر. شۇنداقلا ئولار نەسەب جەھەتتە ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى بۇلغىنىدەك، ئۇلارنىڭ ئەقىلى ساغلام ۋە تىللىرى پاساھەتلىك بولۇپ، ئۇلارنى ئەلچىلىكنىڭ ئاقىۋىتىنى ئۈستىگە ئېلىشقا ۋە پەيغەمبەرلىك يۈكىنى ئادا قىلىشقا لاياقەتلىك قىلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەرنى ئىنسانلاردىن قىلدى، ئۇلارنىڭ ئۈلگىسى ئۆز جنسىدىن بۇلسۇن ئۈچۈن، ئۇ ۋاقىتتا، ئەلچىگە ئەگىشىش ۋە ئۇنى ئۆلگە قىلىش، ئۇلارنىڭ كۇچى يىتىدىغان دائىرىدە بۇلىدۇ.
2- ئولارنى ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلىك بىلەن خاس قىلدى
ئاللاھ ئۇلارنى باشقىلار سىز ۋەھيى ئۈچۈن تاللىدى، ئا للاھ ئېيتقاندەك: «ئاللاھ پەرىشتىلەردىنمۇ، ئىنسانلاردىنمۇ ئەلچىلەرنى تاللايدۇ. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر» [ھەج سۈرىسى:75]. پەيغەمبەرلىك ۋە ئەلچىلىك رۇھنىڭ ساپلىغى ياكى ھۇشيارلىق ۋە ئەقلىي لوگىكا ئارقىلىق ئېرىشىدىغان ماقام ئەمەستۇر، بەلكى ئىلاھىي تاللاش بىلەندۇر، چۈنكى ئاللاھ تائالا بارلىق پەيغەمبەرلەرنى كىشلەرنىڭ ئارىسىدىن تاللىغان، ئاللاھ ئېيتقاندەك: «ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى قەيەرگە ئورۇنلاشتۇرۇشنى (يەنى كىمگە بېرىشنى) ئوبدان بىلىدۇ» [ئەنئام سۈرىسى:124].
3- ئۇلار ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن يەتكۈزىدىغان نەرسىلەردە خاتالىقتىن خالىيدۇر.
ئۇلار ئاللاھ تەرىپىدىن يەتكۇزگەن تەبلىغىدە خاتالاشمايدۇ، شۇنداقلا ئاللاھ ئۇلارغا نازىل قىلغانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا خاتالىق ئۆتكۈزمەيدۇ.
4- راسچىللىق
پەيغەمبەرلەر ئۆزلىرىنىڭ سۆزلىرىدە ۋە ئىشلىرىدا راسچىلدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «مىھرىبان ئاللاھ ۋەدە قىلغان (قىيامەت) مۇشۇدۇر، پەيغەمبەرلەر راست ئېيتقان» [ياسىن سۈرىسى:52].
5- سەبىر
ئۇلار ئاللاھنىڭ دىنىغا بىشارەت بەرگەن ۋە ئاگاھلاندۇرغان ھالەتتە چاقىردى. ئاشۇ سەۋەپلىك ئۇلارغا تۇرلۇك ئەزيەت ۋە ھەر خىل جاپا-مۇشەققەتلەر يەتتى، ئۇلار سەۋر-تاقەت قىلىپ، ئاللاھنىڭ سۆزىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن بەرداشلىق بەردى. ئاللاھ مۇنداق دېدى: ئى پەيغەمبەر! «سەن ئىرادىلىك پەيغەمبەرلەردەك چىداملىق بولغىن» [ئەھقاف سۈرىسى:35].
پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۇرۇشنىڭ كاتتا مىۋىلىرى بۇلۇپ. ئۇنىڭ ئىچىدە:
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «كىمكى مېنىڭ ھىدايىتىمگە ئەگەشسە، ئۇ ئازمايدۇ ۋە بەختسىزلىككە ئۇچرىمايدۇ. كىمكى مېنىڭ زىكرىم (بولغان قۇرئان) دىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇنىڭ ھاياتى جاپالىق بولىدۇ» [تاھا سۈرىسى:123-124].