نۆۋەتتىكى بۆلەك :ئۆلۈم ۋە دەپنە
دەرس ئۆلۈكنى يۇيۇش ۋە كېپەنلەش
بىر مۇسۇلمان ئۆلۈپ كەتسە، نېمە قىلىشى كېرەك؟
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبۇ سەلىمەنىڭ يىنىغا كىرگەندە كۆزى ئوچۇق قالغان ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ كۆزىنى يۇمدۇرۇپ، «ئۆلۈكلىرىڭلەرنىڭ يېنىغا ھازىر بۇلساڭلار، كۆزۈنى يۇمدۇرۇڭلار» دېدى (ئىبنى ماجە رىۋايتى:1455).
2- سەۋرچان بۇلۇش ۋە ئۆزىنى كونترول قىلىش
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھۆرمەتلىك ھەمراھلاردىن بىرى بولغان ئەبۇ سەلەمە ۋاپات بۇلغاندا قىلغاندەك، ئۇ مۇنداق دېگەن: «جان چىققاندا كۆز ئۇنىڭغا ئەگىشىدۇ دەپ، ئاندىن ئى ئاللاھ! ئەبۇ سەلەمنى مەغپىرەت قىلغىن، ۋە ئۇنىڭ دەرجىسىنى ھىدايەت تاپقۇچىلارنىڭ ئىچىدە قىلغىن، ئۇنىڭدىن كېيىن قالغانلارغا سەن ئۇرۇن باسار بۇلغىن، بىزنى ۋە ئۇنى ئىككىل ئالەمدە مەغپىرەت قىلغىن، ۋە ئۇنىڭ قەبرىسىنى ئۇنىڭغا كەڭ ۋە نۇرلۇق قىلىپ بەرگىن» (مۇسلىم رىۋايتى:920).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جىنازىنى دەپنە قىلىشقا ئالدىراڭلار، چۈنكى ئۇ ياخشى بولسا، ئۇنى بالدۇر يەتكۈزگەن بۇلىسىلەر، ئەگەر ئۇنىڭدىن باشقا بولسا، بۇينۇڭلاردىن ئېغىر يۇكنى قۇيۋەتكەن بۇلىسىلەر» (بۇخارى رىۋايتى:944).
5-مىېتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ياردەم بېرىش.
مېيىتنى كېپەنلەش ۋە دەپنە قىلىشتىن ئىلگىرى يۇيۇش ۋاجىپتۇر، ئۇنى ئائىلىسىدىكىلەر ياكى تۇغقانلىرى ياكى باشقا مۇسۇلمانلاردىن بىرى يۇيۇدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندا پاك پاكىز تۇرۇغلۇق يۇيۇلغان.
مېيىتنى يۇيۇشتا پۈتۈن بەدەننى سۇ بىلەن يۇيۇش كۇپايە قىلىدۇ، نىجاسەت بۇلسا تازلىنىدۇ. يۇيۇش جەريانىدا ئەۋرەتلىرى يېپىق يۇيلىدۇ. ھەمدە تۆۋەندىكى ئىشلارغا كۈڭۈل بۆلۈش مۇستەھەپ بۇلىدۇ.
1- مېيىتنىڭ كىيىملىرىنى سالدۇرغاندىن كېيىن ئەۋرەت ھىساپلىنىدىغان كىندىك بىلەن تىزىنىڭ ئارسى يېپىلىدۇ.
2- مېىيتنىڭ ئەۋرىتىنى يۇيغاندا قۇلىغا پەلەي سېلىپ ياكى لاتا يوگەپ يۇيۇدۇ.
3-مېىيتنىڭ بەدىنىدىن تازىلاشقا تىگىشلىك نىجاسەت ۋە قۇلتوق ۋە شەرەمگاھ تىكى تۈكلەرنى يۇقۇتىش بىلەن باشلايدۇ.
4- ئاندىن تاھارەت ئەزالىرىنى تۇنۇلغان تەرتىپ بويىچە يۇيۇدۇ.
5- ئاندىن باش ۋە پۈتۈن بەدەننى يۇيدۇ، ئۇنى سىدرى (يەنى چىلاننىڭ يوپۇرمىقى) ياكى سوپۇن بىلەن يۇيۇپ، ئاندىن ئۈستىگە سۇ قۇيۇدۇ.
6- باشتا ئوڭ تېرىپىنى ئاندىن سولنى يۇيۇش مۇستەھەپتۇر.
7- زۆرۈر تېپىلغاندا يۇيۇشنى ئۈچ ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ قېتىم يۇيۇش مۇستەھەپتۇر.
8- رەخت ۋە پاختا قاتارلىقلارنى قىستۇرسا بۇلىدۇ.
يۇيۇش جەريانىدا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىزى زەينەپنى يۇيغانلارغا ئەڭ ئاخىردا كافور بىلەن يۇيۇشقا بۇيرۇغان (ئۇ بىر خىل ئەتىر) (بۇخارى رىۋايتى:1253، مۇسلىم:939).
مېيىتنى كىم يۇيدۇ؟
ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھا مۇنداق دېگەن: «ئەگەر مەن كېيىن بىلگەنلىرىمنى ئىلگىرى بىلگەن بولسام، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئاياللىرىدىن باشقىلار يۇيمىغان بۇلاتتى» (ئەبۇداۋد رىۋايتى:3141، ئىبنى ماجە:1464)
مېيىتنى يۆگەيدىغان نەرسە بىلەن كىپەنلەش ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ۋە مۇسۇلمانلار ئۆستىدىكى تېگىشلىك ھەقلىرىنىڭ بۇلۇپ، ئۇ پەرز كىپايە دۇر، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىيىمىڭلارنى ئاقتىن كىيىڭلار، ئۇ كىيىمڭلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر، ۋە ئۆلۈكلىرىڭلارنىمۇ شۇنىڭدا كېپەنلەڭلار» (ئەبۇ داۋۇد رىۋايتى:3878).