ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ

كىرىشكە تىزىملاتمىدىڭىز
ئۆگىنىشنى باشلاش ۋە ئىلگىرىلىشىڭىزگە ئەگىشىش ۋە نومۇر توپلاش ۋە مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ھازىر Ta مۇنبىرىگە تىزىملىتىڭ، تىزىملاتقاندىن كېيىن، ئۆگەنگەن تېمىلىرىڭىزدا ئېلېكترونلۇق گۇۋاھنامە تاپشۇرۇۋالىسىز.

نۆۋەتتىكى بۆلەك :ئۆلۈم ۋە دەپنە

دەرس مېيىتنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈش ۋە ئۇنى دەپنە قىلىش

ئۆلۈكلەرنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈش مۇسۇلماننىڭ قېرىنداشلىرىغا بولغان ھوقۇقىنىڭ بىرى بۇلۇپ، ئۇ ئىسلامدىكى مۇسۇلماننى ھۆرمەتلەشنىڭ نامايەندىسىدۇر. بۇ دەرسلىكتە جىنازە نامىزنىڭ ۋە دەپنە قىلىشنىڭ بەزى ھۆكۈملىرىنى تۇنۇپ چقىسىز.

نىشان:

  • جىنازە نامىزىنىڭ سۈپىتىنى بىلىش
  • دەپنە قىلىشنىڭ بەزى ھۆكۆملىرىنى بىلىش

جىنازە نامىزىنىڭ ھۆكمى

جىنازە نامىزى كەلگەن بارلىق مۇسۇلمانلارغا پەرزدۇر، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ئۈچۈن ئەمەس. بۇ بىر جامائەت مەجبۇرىيىتى بۇلۇپ، ئەگەر ئۇلارنىڭ بەزىلىرى مېيتنىڭ نامىزىنى چۈشۈرسە، قالغانلىرىدىن گۇناھ ساقىت بۇلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىنازە نامىزىغا قاتناشقان كىشىگە كاتتا تاغدەك ساۋاپقا ئېرىشىدىغانلىقى توغرىسىدا خۇش خەۋەر بىرىپ مۇنداق دېگەن: «كىمكى جىنازىغا، ناماز ئۇقۇلغانغا قەدەر قاتناشسا، بىر قىرات ساۋاپقا ئېرىشىدۇ، كىمكى دەپنە قىلىنغانغا قەدەر قاتناشسا، ئىككى قىرات ساۋاپقا ئېرىشىدۇ. ئىككى قىرات دېگەن نېمە؟ دېيىلدى: ئۇ: ئىككى چوڭ تاغقا ئوخشاش» دېدى. (بۇخارى رىۋايتى:1325، مۇسلىم:945).

جىنازىغا قاتنىشىشنىڭ پەزىلىتى

جىنازىغا قاتنىشىش ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىشنىڭ نۇرغۇن پايدىسى بار بۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى: ئۆلگۈچىنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈش، ۋە ئۇنىڭغا شاپائەت قىلىش ۋە دۇئا قىلىش ئارقىلىق ھوقۇقىنى ئادا قىلىش، ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھوقۇقىنى ئادا قىلىش، ئۇلارنىڭ ئۈلۈم مۇسىبىتىدە سۇنغان كۈڭۈللىرىنى ياساپ قۇياش، ۋە جىنازىغا ۋە دەپنىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ كاتتا ساۋاپقا ئېرىشىشى، ۋە يەنە قەبرىستانلىقنى كۆرۈش ئارقىلىق ۋەز-نەسىھەت ۋە ئىبرەت قاتارلىق پايدىلار باردۇر.

جىنازا نامىزىنىڭ سۈپىتى

1-جىنازا نامىزى جامائەتتە ئوقۇلىشى مۇستەھەپدۇر، ئىمام جامائەت نامىزىغا ئوخشاش جامائەتنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ.

2-مەرھۇم جامائەت بىلەن قىبلە ئارىسىغا قويۇلۇدۇ، ئىمام ئەركىشىنىڭ بېشىدا، ئايالنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرىدۇ، (ئەبۇ داۋۇدنىڭ:3194) رىۋايتىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن شۇنداق نەقلە قىلىنغان

3- جىنازا نامىزىدا تۆۋەندىكىدەك تۆت تەكبىر بار:

-

بىرىنچى تەكبىر

ناماز ئۇقۇغۇچى قولىنى مۈرىسىگە ياكى قۇلىقىنىڭ يۇمشىغىغا قەدەر كۆتۈرۈپ بىرىنچى تەكبىرنى ئېتىدۇ، ئاندىن ئوڭ قولىنى سول قۇلىنىڭ ئالقىنىنىڭ ئۈستىگە قىلىپ كۆكرەكىگە قۇيۇدۇ، ئاندىن "ئەئۇزۇ بىللاھنى ئۇقۇيدۇ" فاتىھە سۈرىسىنى ئۇقۇسا مەخپىي ئوقۇيدۇ. سۇبھانەكەللاھۇممەنى ئۇقۇسا فاتىھەنى ئۇقۇمايدۇ.

ئىككىنچى تەكبىر

ئاندىن ئىككىنچى تەكبىرنى ئېتىپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسلامغا دۇرۇت ئۇقۇيدۇ مەسىلەن: «اللهم صل وسلم على نبينا محمد» دېگەندەك، ئەگەر ئۇ نامازدىكى دۇرۇتنى ئۇقۇسا ئەڭ مۇكەممەل تېخىمۇ تولۇق بولىدۇ. ئۇنىڭ تەسۋىرى: (ئاللاھۇممە سەللى ئالا مۇھەممەد ۋە ئالا ئالى مۇھەممەد، كەما سەللەيتە ئالا ئىبراھىم، ۋە ئالا ئالى ئىبراھىمە ئىننەكە ھەمىدۇن مەجىد. ئاللاھۇممە بارىك ئالا مۇھەممەد، ۋە ئالا ئالى مۇھەممەد، كەما بارەكتە ئالا ئىبراھىم ۋە ئالا ئالى ئىبراھىمە ئىننەكە ھەمىدۇن مەجىد)

ئۈچىنچى تەكبىر

ئاندىن ئۈچىنچى تەكبىرنى ئېتىپ، مەرھۇمغا ئاللاھ ئۇنىڭ قەلبىگە ئىلھام قىلغان تىلىغا جارى قىلغان رەھىم-شەپقەت، مەغپىرەت، جەننەت ۋە ئۇستۈن مەرتىبەلەر بىلەن دۇئا قىلىدۇ، ئەگەر ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن نەقىل قىلىنغان بىر قىسىم دۇئالارنى يادا بىلسە تېخى ياخشى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن نەقلە قىلىنغان دۇئالار ئىچىدە: «ئاللاھۇ ممەغفىرلە ۋەرھەمھۇ، ۋە ئافھى ۋەئفۇ ئەنھۇ، ۋە ئەكرىم نۇزۇلە، ۋەۋەسسىئمۇدخەلەھۇ، ۋەغسىلھۇ بىلمائى ۋەسسەلجى ۋەلبەرەد، ۋەنەققىھى مىنەلخاتايا كەما يۇنەققەسسەۋبۇل ئەبيەزۇ مىنەددەنەس، ۋەئەبدىلھۇ دارەن خەيرەن مىن دارھى، ۋە ئەھلەن خەيرەن مىن ئەھلىھى، ۋە زەۋجەن خەيرەن مىن زەۋجىھى، ۋە ئەدخىلھۇل جەننەتە، ۋە ئەئىزھۇ مىن ئازابىل قەبرى ۋە مىن ئازابىننار» مەنىسى: «ئى ئاللاھ! ئۇنى مەغپىرەت قىلغىن ۋە ئۇنىڭغا رەھىم قىلغىن، ئۇنى سالامەت قىلغىن ۋە كەچۈرۈم قىلغىن، ئۇنىڭ تۇرالغۇسىنى ئىززەتلىك قىلغىن، ئۇنىڭ قەبرىسىنى كەڭرە قىلىپ بەرگىن، ئۇنى سۇ قار ۋە مۆلدۈر بىلەن يۇيۇپ، گۇناھلاردىن پاك قىلغىن. مەينەت نەرسىلەردىن ئاق كىيىم پاكلانغاندەك، ئۇنى خاتالىقتىن پاكلىغىن، ئۇنىڭغا ئايرىلغان ئۆيېدىن ياخشىراق ئۆي، ۋە ئائىلىسىدىن ياخشى ئائىلە، ۋە تۇرمۇش ھاياتىدىكى ھەمراھىدىن ياخشى ھەمراھ بەرگىن. ئۇنى جەننەتكە كىرگۇزىپ قەبرى ئازابى ۋە دوزاخ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغىن» (مۇسلىم رىۋايتى:963).

تۆتىنچى تەكبىر

ئاندىن تۆتىنچى تەكبىرنى ئېتىپ، بىر مەزگىل تۇرۇپ، ئاندىن ئوڭ سول تەرېپىگە سالام بىرىدۇ.

جىنازا نامىزىنىڭ ئورنى

جىنازا نامىزى مەسچىتتە ياكى مەسچىتنىڭ سىرتىدا تەييارلانغان ئالاھىدە جايدا، ياكى قەبرىستانلىقتا ئوقۇلسا دۇرۇس. بۇلارنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كەلگەن.

مېيىتنى كۈتۈرۈش ۋە ئونى ئۇزۇتۇش

مېيىتنى تىز سۈرەتتە تەييارلاپ نامىزىنى چۈشۈرۈپ، قەبرىستانلىققا ئېلىپ بېرىپ دەپنە قىلىش سۈننەتتۇر. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دىگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «دەپنە مۇراسىمىنى تېز بىر تەرەپ قىلىڭلار، ئەگەر ئۇ سالىھ بولسا، ياخشىغا ۋاقتىدا يەتكۆزگەن بۇلىسىلە، ئەگەر باشقىچە بولسا بوينۇڭلارنى ئېغىر يۈكتىن يەڭگىتىسىلەر». (بۇخارى رىۋايتى:1315، مۇسلىم:944).

جىنازىغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ئۇنى كۈتۈرۈشكە قاتنىشىشى تەشەببۇس قىلىنىدۇ، ئاياللار ئەمەس، ئەرلەر كۈتۈرىدۇ، پىيادە جامائەتلەرنىڭ بىر بۈلىكى ئالدىدا ۋە بىر بۈلۈكى ئارقىسىدا بولۇشى سۈننەتتۇر.

مېيىتنى دەپنە قىلىشتا رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار.

١
مېيىتنى يۇيۇپ كىپەنلەپ بۇلغاندىن كېيىن، نامىزىنى چۈشۈرۈپ دەپنە قىلىشقا ئالدىراش مۇستەھەپدۇر.
٢
قەبرىنى ئىھتىياجغا ئاساسەن چۇڭقۇر ۋە كەڭرەك قىلىش مۇستەھەپدۇر. ئەمما دۇرۇسلىقى: جەسەتتىن پۇراق چىقمۇغىدەك، يېرىتقۇچىلار تىشەلمىگۈدەك، سۇ سەل جەسەتنى ئاپقاچمۇغىدەك بۇلسا بۇلىدۇ.
٣
قەبرە لەھەد شەكلىدە ياكى ئۇرا شەكلىدە بۇلسىمۇ بۇلىدۇ، ھەر يۇرتنىڭ زىمىن خاراكتىرىدا ۋە قاتتىقلىقىدا ئۈزىگە ماس كىلىدىغانلىرى باردۇر.
٤
مېيىتنى ئوڭ تەرىپىگە قۇيۇپ يۇزىنى قىبلەگە قىلىش مۇستەھەپتۇر.
٥
دەپنە قىلغۇچىغا مېيىتنى قۇيغاندا، (بىسمىللاھ ۋە بىللاھ ۋە ئالا مىللەتى رەسۇلىلاھ) دېيىش مۇستەھەپتۇر. يەنى: بۇمېيىتنى ئاللاھنىڭ نامى بىلەن، ۋە ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن، ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئېتى بۇيچە قەبرىدە قۇيمەن. دىمەكتۇر (تىرمىزى رىۋايتى:1046، ئىبنى ماجە:1550)
١
جەسەتنىڭ ئورنى مەيلى قەبرە لەھد بۇلسۇن ياكى ئۇرا بولسۇن، خام قىش ياكى قومۇش ياكى تاش قاتارلىقلار بىلەن يېپىش كېرەك.
٢
نامازغا قاتناشقانلارنىڭ توپا سېلىشقا قاتنىشىشى مۇستەھەپتۇر، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېيىتتىن بىرىگ قۇلى بىلەن ئۈچ چاڭگال تۇپا سالغان (دارەقۇتنى رىۋايتى:1565).
٣
قەبرىنى تونۇلۇش ئۈچۈن، ۋە كىشلەر ئۇنىڭ ئۈستىدە مېڭىپ مېيىتقا ئازا يەتكۈزۈشتىن ساقىلىنىش ئۈچۈن، بىر غېرىچتەك ئېگىز كۆتۈرۈش مۇستەھەپتۇر. ھەمدە ئۇنى ئۆي شەكلىدە مۇبالىغە قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ. چۈنكى ئاشۇرىۋىتىش ئۆلۈكلەرنى ئۇلۇغلاشقا ۋە ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرۈشكە ۋەسىلە بولغاچقا شەرىئەت ئۇنىڭدىن چەكلىدى.

دەپنە قىلىنغاندىن كېيىن

دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشقانلارنىڭ دەپنە دىن كېيىن مېيىتلاغا جاۋاپتا تېيىپ كەتمەسلىكىگە ۋە مەغپىرەتكە ئېرىشىشكە دۇئاقىلىشقا تەشەببۇس قىلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەپنە قىلىشنى تۈگەتكەندە، قەبرىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ: «قېرىندىشىڭلارغا مەغفىرەت تەلەپ قىلىڭلار، ۋە ئۇنىڭغا جاۋاپتا تەمتىرمەسلىكنى سۇراڭلار، ئۇ ھازىر سوراققا تارتىلىۋاتىدۇ» دېدى (ئەبۇ داۋۇد رىۋايتى:3221).

دەرسنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدىڭىز


سىناقنى باشلاڭ