دەرس قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش ۋە ماتەم تۇتۇش
قازا قىلغانلارغا ماتەم تۇتۇش ۋە تەزىيە بىلدۈرۈش ۋە قەبرىلەرنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن، مۇسۇلمان رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك قائىدە يوسۇنلار بار بۇلۇپ، بۇ دەرسلىكتە سىز ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى تۇنۇپ چىقىسىز.
نىشان:
- تەزىيە بىلدۈرۈش ۋە قەبرىلەرنى زىيارەت قىلىشنىڭ قائىدە يۇسۇنلىرىنى بىلىش
11,182 باشقا بىر ئوقۇغۇچى بۇ دەرسنى تاماملىدى
بۇ دەرسنىڭ تەرجىمىسى تۆۋەندىكى تىللاردا بار:
تەسەللى
مېيىتنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ۋە تۇغقانلىرىغا مۇسىبىەتلىرىدە ئۇلارغا قەيسەرلىك ۋە سەۋر-تاقەت بۇلىدىغان، ھەمدە ئۇلارغا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى ساۋاپنى ئەسلىتىدىغان، ۋە مېيىت ئۈچۈن دۇئا بۇلىدىغان، ھەر قانداق ياخشى سۆزلەر بىلەن ئۇلارغا تەسەللى بىرىش مۇستەھەپدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىزى زەينەپنىڭ ۋاپاتىدا تەسەللى بىرىپ مۇنداق دىگەن: «ئالغان نەرسىلەرمۇ، بەرگەن نەرسىلەرمۇ ئاللاھنىڭدۇر، ھەر بىر نەرسىنىڭ ئۇنىڭ يېنىدا بەلگىلەنگەن ۋاقتى بار، شۇڭا سەۋر قىلىپ ساۋاپقا ئېرىشسۇن» (بۇخارى رىۋايتى:1284، مۇسلىم:923).
مەرھۇمنىڭ تۇغقانلىرىغا دەپنە قىلىنىشتىن ئىلگىرى ۋە كېيىن، مەيلى مەسچىت، ياكى قەبرىستانلىق، ياكى ئۆي، ياكى خىزمەت ئۇرنى ۋە باشقا قانداق جاي بۇلسۇن تەسەللىي بېرەلەيدۇ.
ماتەم مۇراسىمى چېدىر تىكىش، ياكى زىياپەت ئۆتكۈزۈش ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەرنى يىغىش ئارقىلىق مۇبالىغە قىلىنماسلىقى كېرەك، چۈنكى ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ۋە ساھابىلىرىنىڭ سۈننىتىدىن ئەمەس، ئاندىن تەزىيە ۋە ماتەم خۇشاللىق پۇرسىتى بۇلمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ئىشلار قىلىنماسلىق كىرەك.
مېيىتقا قايغۇ ۋە ماتەم تۇتۇش
يىغلاش تەبىئىي رەھىم-شەپقەت ۋە ئايرىلىش قايغۇنىڭ ئىپادىسىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوغلى ئىبراھىمنىڭ ۋاپاتىدا ياش تۆككەن (بۇخارى رىۋايتى:1303، مۇسلىم:2315).
يولدېشى قازا قىلغان ئايالنىڭ ئىددەت مۇددىتى
تۆت ئاي ئون كۈن بولۇپ، ئەگەر ھامىلىدار بولسا، تۇغغىچە دۇر.
1- تەرغىپ قىلىنغان زىيارەت
قەبرىلەرنى زىيارەت قىلىش ئۆلۈمنى، ۋە قەبرىنى ۋە ئاخىرەتنى ئەسلەش مەقسەتتىكى زىيارەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «مەن سىلەرنى قەبرىلەرنى زىيارەت قىلىشتىن چەكلىگەن ئىدىم، ئەمدى زىيارەت قىلىڭلار». يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئۇ ئاخىرەتنى ئەسلىتىدۇ» دېدى. (مۇسلىم رىۋايتى:977، تىرمىزى:1054). ئۇ يۇرت ئىچىدىكى بىر قەبرىلەرنى زىيارەت قىلىش بولۇپ، ساۋاپ مەقسىتىدە سېرتقا چىقىپ ئۈچ مەسچىتتىن باشقىغا قىلىنمايدىغان سەپەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.
2. رۇخسەت قىلىنغان زىيارەت.
رۇخسەت قىلىنغان زىيارەت، ئۇنىڭدا ئۆلۈمنى ئەسلەش غەرىزى يوق، بىرەر ھارام ئىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، مەسىلەن: بىر تۇغقىنى ياكى دوستىنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىشتەك، ئۇنىڭ نىيىتىدە ئاخىرەتنى ئەسلەش يوق.
3. چەكلەنگەن زىيارەت
ئۇ نىڭغا بىر ھارام نەرسە ئارلاشقان زىيارەتتۇر. مەسىلەن: قەبرىدە ئولتۇرۇش ئۇنىڭ ئۈستىدە مېڭىش، ئۇ يەردە ئۈزىنى شاپىلاقلاپ ئۇرۇپ ۋارقىراپ يىغلاش. ياكى بىرەر بىدئەت يۇز بىرىدىغان، مەسىلەن: قەبرىدىكى مېيىتنى ئۈزى بىلەن ئاللاھنىڭ ئۇتتۇرسىدا ۋاستە قىلىش، ياكى قەبرىنى سىلاپ بەرىكەت تىلەش، ياكى شىرىككە يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى قىلىش. قەبرە ئىگىسىدىن ھاجەت ئادا قىلىشنى سۇراش، ۋە ئۇنىڭدىن ياردەم تىلەشتەك ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
قەبرىلەردە دۇئا قىلىش
قەبرىلەرنى زىيارەت قىلغاندا ئۇقۇلىنىدىغان دۇئالار ئىچىدە: «مۇئمىنلەر دىياردىكى جامائەتلەر، ئاللاھنىڭ سالامى سىلەرگە بۇلسۇن، بىز ئاللاھ خالىسا سىلەرگە قوشۇلىمىز» (مۇسلىم رىۋايتى:249). ياكى: «بۇ جايدىكى مۇئمىن ۋە مۇسۇلمانلارغا ئامانلىق بولسۇن، ئاللاھ ئارىمىزدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن كەلگەنلەرگە رەھىم قىلسۇن، ئاللاھ خالىسا بىز سىلەرگە قوشۇلىمىز» (مۇسلىم رىۋايتى:974). ياكى «بۇ جايدىكى مۆمىن ۋە مۇسۇلمانلارغا ئامانلىق بولسۇن، ئاللاھ خالىسا بىز ئارقاڭلىدىن يىتىشىمىز، ئاللاھتىن ئۈزىمىزگە ۋە سىلەرگە ساغلاملىق تىلەيمەن» (مۇسلىم رىۋايتى:975).