نۆۋەتتىكى بۆلەك :قۇرئان كەرىم
دەرس قۇرئان كەرىمنىڭ پەزىلەتلىرى
قۇرئان كەرىمنىڭ تۆۋەندىكىدەك نۇرغۇن ئېسىل پەزىلەتلىرى بار:
ئوسمان بىن ئەففان رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېدىگەنلىكى رىۋايەت قىلىندۇكى: «ئىچىڭلاردىكى ئەڭ ياخشى كىشى قۇرئان ئۆگەنگەن ۋە ئۇنى ئۆگەتكەن كىشىدۇر» (بۇخارى رىۋايتى:5027).
ئەنەس بىن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «ئاللاھنىڭ كىشىلەر ئىچىدە ئالاھىدە بەندىلىرى بار» دېدى. ساھابىلار ئۇلار كىم؟ ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دېدىلەر: پەيغەمبەر ئەلەيسسالام «ئۇلار قۇرئانغا بىرىلگەنلەر، ئاللاھنىڭ ئالاھىدە خاس بەندىلىرىدۇر» دېدى. (ئىبنى ماجە رىۋايتى:215).
ئابدۇللاھ بىن مەسئۇد رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەھۇسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھنىڭ كىتابىدىن بىر ھەرىپ ئوقۇسا، ئۇنىڭغا بىر ياخشىلىق بولىدۇ، بىر ياخشىلىققا ئۇنىڭدىن ئون ھەسسە ئارتۇق ساۋاپ بىرىلىدۇ، ئەلىف لام مىمنى بىر ھەرپ دېمەيمەن، بەلكى ئەلىف بىر ھەرپ، مىم بىر ھەرپ، لام بىر ھەرپدۇر» (تىرمىزى رىۋايتى:2910)
4-قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ۋە ئۆگىنىش يىغىلىشلىرىغا پەرىشتىلەرنىڭ چۈشىشى، خاتىرجەملىك ۋە رەھمەتنىڭ قاپلىشى:
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «قانداق كىشىلەر ئاللاھنىڭ ئۆيلىرىدىن بىر ئۆيگە يىغىلىپ، ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئوقۇسا ۋە ئۇنى ئۆز-ئارا ئۆگەنسە، ئۇلارغا خاتىرجەملىك چۈشىدۇ، ۋە ئۇلارنى رەھمەت قاپلايدۇ، ۋە پەرىشتىلەر ئۇلارنى ئورايدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى يېنىدىكى پەرىشتىلەرگە سۆزلەپ بىرىدۇ» (مۇسلىم رىۋايتى:2699).
5- قۇرئان ئۇقۇغانلارغا قۇرئاننىڭ شاپائەت قىلىشى.
ئەبۇ ئۇمامە ئەل باھلى رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن مۇنداق ئاڭلىغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇكى: ئۇزات «قۇرئان ئوقۇڭلار، ئۇ قىيامەت كۈنى ئۇقۇغانلارغا شاپائەت قىلىش ئۈچۈن كېلىدۇ» دېدى: (مۇسلىم رىۋايتى:804).
ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھادىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېدىگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «قۇرئانغا ماھىر كىشى ھۆرمەتلىك ياخشى پۈتۈكچى پەرىشتەلەر بىلەن بىر ماقامدا بۇلىدۇ، ۋە قۇرئاننى دۇدۇقلاپ قىيىنچىلىقتا ئوقۇيدىغان كىشى ئىككى ھەسسە ساۋابقا ئېرىشىدۇ». (مۇسلىم رىۋايتى:798).
7-قۇرئان ئۆزىنى ئۇقۇغانلارنى كۆتۆرىدۇ.
ئۆمەر ئىبنى خەتتابدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «ئاللاھ تائالا بۇ قۇرئان ئارقىلىق بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ مەرتىۋىسىنى يوقرى قىلىپ، يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ مەرتىۋىسىنى تۈۋەن قىلىدۇ» (مۇسلىم رىۋايتى:817).
ئابدۇللاھ بىن ئەمر بىن ئەلئاستىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «قۇرئان ئۇقۇغان كىشىلەرگە: ئوقۇ ۋە يۇقرى ئۆرلە، قۇرئاننى خۇددى بۇ دۇنيادا ئوقۇغاندەك چىرايلىق ئاھاڭغا سېلىپ ئوقۇغىن، چۈنكى سىنىڭ تۇرالغۇڭ ئوقۇغان ئايەتنىڭ ئاخىرىدا بۇلىدۇ» (ئەبۇ داۋۇد رىۋايتى:1464).
9-قۇرئان ئۇقۇغان كىشىنىڭ قىيامەت كۈنى بېشىغا تاج، ئۇچىسىغا تون كەيدۇرلىدۇ.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «قۇرئان قىيامەت كۈنى كېلىپ ئۇنى ئۇقۇغان كىشى ئۈچۈن، ئى رەببىم! ئۇنىڭغا زىنەت كىمى كەيدۈرسىلە، دەيدۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا ھۆرمەت تاجىسى كەيدۇرلىدۇ، ئاندىن يەنە ئى رەببىم! ئۇنىغا ئارتۇق بەرسىلە، دەيدۇ: ئۇنىڭغا قىممەت بىر تو كىيىم كەيدۇرلىدۇ، ئاندىن ئۇ: ئى رەببىم! ئۇنىڭدىن رازى بولغىن، دەيدۇ: ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بۇلىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭغا: ئوقۇ ۋە ئۆرلە، دىلىدۇ، ئۇ ھەر بىر ئايەت ئۇقۇسا بىر ياخشىلىق كۆپىيىدۇ» (تىرمىزى رىۋايتى:2915).
10-ئاللاھ تائالا قۇرئان ئۇقۇغان كىشىنىڭ ئاتا ئانىسىنى ھەر خىل كاتتا شەرەپلەر بىلەن ھۆرمەتلەيدۇ.
سەھل بىن مۇئاز رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن دادىسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «كىمكى قۇرئان ئوقۇسا، ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلسا. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىغا قىيامەت كۈنى ئۇلارغا نۇرى دۇنيانىڭ ئۆيلىرىگە چۈشكەن قۇياش نۇرىدىنمۇ ياخشىراق تاج كەيدۇرلىدۇ، ئەگەر ئۇ ئاراڭلاردا بولسا، بۇنىڭغا ئۆزى ئەمەل قىلغان كىشىنىڭ ساۋابى قانداق بۇلا دەپ قارايسىلەر؟» (ئەبۇ داۋۇد رىۋايتى:1453).
11-قۇرئاننى يادلاش ۋە ئۆگىنىش دۇنيا ۋە ئۇنىڭدىكى نەرسىلەردىن ياخشىدۇر.
ئۇقبەتەبنى ئامېر رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ مۇنداق دېدىگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىز سۈففەدىكى چېغىمىزدا چىقىپ مۇنداق دېدى: «قايسىڭلار ھەر كۈنى بۇتھانە ياكى ئەقىقكە بېرىپ ئۇ يەردىن گۇناھسىز ۋە تۇغقاندارچىلىق رىشتىنى ئۈزمەي تۇرۇپ، ئىككى تۆگە ئېلىپ كېلىشنى ياقتۇرىدۇ؟» بىز ئۇنى ھەممىمىز ياقتۇرىمىز ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! دېدۇق: «سىلەردىن بېرىڭلار سەھەردە مەسچىتكە بېرىپ، ئاللاھنىڭ كىتابىدىن ئىككى ئايەت ئۆگەنمەمدۇ؟ ياكى ئۇقۇمامدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىككى تۆگىدىن ياخشى ئىدى، ئۈچ ئايەت ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۈچ تۆگىدىن ياخشىدۇر، تۆتى ئۇنىڭ ئۈچۈن تۆت تۆگىدىن ياخشىدۇر، ئايەتنىڭ سانى قانچە كۆپ بۇلسا، شۈنچە تۆگىنىڭ سانىدىن ياخشىدۇر» (مۇسلىم رىۋايتى:803).