ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ

كىرىشكە تىزىملاتمىدىڭىز
ئۆگىنىشنى باشلاش ۋە ئىلگىرىلىشىڭىزگە ئەگىشىش ۋە نومۇر توپلاش ۋە مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ھازىر Ta مۇنبىرىگە تىزىملىتىڭ، تىزىملاتقاندىن كېيىن، ئۆگەنگەن تېمىلىرىڭىزدا ئېلېكترونلۇق گۇۋاھنامە تاپشۇرۇۋالىسىز.

نۆۋەتتىكى بۆلەك :مالىيە سودىسى

دەرس كەسىپ قىلىش ۋە رىزق ئىزدەش

بۇ دەرسلىكتە بىز كەسىپ قىلىش ۋە رىزق ئىزدەشنىڭ ئۇقۇمىنى، ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك قائىدە-يوسۇنلارنى ئۆگىنىمىز.

نىشان:

  • كەسىپ ۋە رىزق ئىزدەشنىڭ ئۇقۇمىنى بېلىش.
  • كەسىپ قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك قائىدە-يوسۇنلارنى بىلىش.

مال-مۈلۈكنىڭ مۇھىملىقى

ئىنسان ئۆزىنىڭ ئاساسلىق ئېھتىياجى بولغان يېمەك ئىچىمەك، تۇرالغۇ، كىيىم-كېچەك قاتارلىقلار ئۈچۈن پۇلغا موھتاجدۇر. ئۇ نەرسىلەرگە ئوخشاش ئىنسان يەنە پۇلنى ئۆزىنىڭ ھاياتىنىڭ خاراكتېرىنى ياخشىلايدىغان نۇرغۇن پايدا مەنپەئەتلىك نەرسىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىشلىتىدۇ. ئىسلام دىنى ئىختىساتقا چوڭ ئەھمىيەت بىرىپ، ئۇنى كىرىم قىلىش ۋە سەرپ قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ھۆكۈملەرنى چىقاردى.

كەسىپ قىلىش ۋە رىزق ئىزدەشنى ئېنىقلاش

كەسىپ قىلىش ۋە رىزق ئىزدەش دېگىنىمىز، بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ھاياتىنى كەچۈرۈش ئۈچۈن پۇل تېپىش يۇلىدا ئېلىپ بارىدىغان بارلىق ۋاسىتە ۋە ھەرىكەتلىرنى قىلىش دېمەكتۇر، ئۇ مەيلى تىجارەت،ياكى سانائەت، ياكى دېھقانچىلىق ۋە باشقا ئىشلار ئارقىلىق بولسۇن.

كەسىپ قىلىش ۋە رىزق ئىزدەشنىڭ ھۆكمى

١
كەسىپ قىلىش ۋە رىزق ئىزدەش مۇسۇلمانغا بەزى ئەھۋاللاردا ۋاجىپ بۇلىدۇ، مەسەلەن: ئۆزىگە ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە كۇپايە قىلغۇدەك نەرسىلەرنى توپلاش، ھەمدە ئۇكىشىگە نەپىقىسى ۋاجىپ بولغان كىشىلەرگە خەجلەش ئۈچۈن يىغىش، ياكى قەرز تۆلەش ئۈچۈن يىغىش، ياكى باشقىلارنىڭ قولىدىكى نەرسىلەرگە كۆز سېلىشتىن ئۆزىنى ساقلاشتەك ئىشلار ئۈچۈن.
٢
تۇققانلارغا سىلە رەھمە قىلىش، ياكى يوقسىز لارغا ياخشىلىق قىلىشتەك، نەپلە ئەمەللەرنى ۋە ساۋاپلارنى قىلىش ئۈچۈن پۇل تېپىش مۇستەھەپ بۇلىدۇ.
٣
پۇل تېپىشتىكى مەقسەت ئەگەر ئاللاھ تائالا ھالال قىلغان ئاساسلىق ھاجەت بولغان يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك لەر ۋە باشقا ئېھتىياجدىن ئارتۇق نەرسىلەردىن بەھرىمەن بولۇش ئۈچۈن بولسا دۇرۇستۇر.
٤
ئەگەر پۇل تېپىش مەنئى قىلىنغان ئۇسۇللار بىلەن بولسا، ياكى پەرز ئەمەللەرنى زايا قىلىشقا يەتكۈزۈپ قۇيسا، ياكى ھارام قىلىنغان ئىشلارنى قىلدۇرۇپ قۇيسا، بۇ ئەھۋال ئاستىدا پۇل تېپىش مەنئى قىلىنىدۇ.
٥
ئەگەر كەسىپ يۇقارقىنىڭ سىرتىدا بۇلۇپ، نەپلە ئىبادەتلەردىن مەشغۇل قىلغاندەك ئەھۋالدا بولسا مەكرۇھ بۇلىدۇ.

ئەگەر كەسىپ قىلىشتىكى مەقسەت كۆپ يېغىپ ماختىنىش بولسا، ئۇمۇ مەكروھ بولىدۇ، ھارام دېگەن ئۆلىمالار بار.

تۇرمۇش قامداش ئۈچۈن كەسىپ قىلماقچى بولغان مۇسۇلمان، ئاللاھ چەكلىگەن ئىشلارغا چۈشۈپ قالماسلىغى ئۈچۈن، مالىيە سودىسىدىكى بەلگىلىمىلەرنى بىلىش بىلەن بىرگە، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئىگىلىشى كېرەك. مەسىلەن سېتىش، ئىجارىگە بېرىش، شىركەت قۇرۇش، ئۆسۈم، ۋە باشقا قىلىپ تۇرىدىغان مۇئامىلەلەرنىڭ ھۆكۈملىرىگە ئوخشاش.

كەسىپ قىلىش ۋە رىزق ئىزدەشنىڭ قائىدىلىرى

1- تىرىكچىلىك قىلىشتا زۆرۈر بولغان قائىدە-يوسۇنلارنىڭ بىرى: ئاللاھ پەرز قىلغان ئەمەللەرنىڭ ھېچ بىرسىنى ۋاقتىدىن كېچىكتۈرمەسلىك، ياكى ئۇنى تاشلىماسلىقتۇر، بۇ پەرزلەر مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ ۋاقىتىنى ۋە ئىش -ھەركەتلىرىنى رەتكە سالىدىغان ئاساس بولۇشى كېرەك.

2- يۇقارقىغا ئوخشاش زۈرۈر قائىدە-يوسۇنلارنىڭ بىرى: مۇسۇلماننىڭ تىرىكچىلىك قىلىشى باشقىلارغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەسلىك كىرەك، چۈنكى ئىسلامدا زىيان تارتىشمۇ يوق، ۋە زىيان يەتكۈزۈشمۇ يوقتۇر.

3- ئىنسان قىلماقچى بولغان كەسپىدە ياخشى ئىشلارنى مەخسەت قىلىشى كىرەك، مەسىلەن، ئۆزىنى ۋە زىممىسىگە نەپىقىسى ۋاجىپ بولغان كىشىلەرنى باشقىلاردىن سوراشتىن ساقلاپ قېلىش، ۋە پۇلنى تائەت - ئىبادەتكە ئىشلىتىش دېگەندەك، ئۇنىڭدىكى مەقسىتى كۆپلەپ توپلاپ پەخرىلىنىشتەك، ۋە ئۇنىڭدىن باشقا بۈزۈق مەقسەتلەردە بولماسلىق لازىم.

ئەگەر بىر مۇسۇلمان تىرىكچىلىك قىلىشتا سەمىمىي بۇلۇپ تاپقان نەرسىسىنى كىشىلەرگە سەدىقە بېرىش ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى بىر بايا شاتلىققا ئېرىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلسا، ئۇنىڭ قىلغان بۇ ئىشى ئىبادەت ھېساپلىنىپ، ئۇ كىشى قىلغان بۇ ئىشى بىلەن يۇقىرى ئورۇنغا ئېرىشىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىنسانلارنىڭ ئاللاھقا ئەڭ سۈيۈملىكى كىشىلەرگە كۆپ مەنپەئەت يەتكۈزگەن كىشىلەردۇر». (تەبرانىنىڭ ئەلئەۋسەت كىتابىدا رىۋايەت قىلىنغان:6026)

4- ئىنسان رىزق ئىزدەش بىلەن باشقا ئېھتىياجلار ئوتتۇرسىدا ئوتتۇراھال ۋە تەڭپۇڭ بۇلۇشى كىرەك، بۇنداق بولغاندا پۇل تېپىش ۋاستىلىك ئورنىدىن غايەتكە ئۆزگەرمەيدۇ، سەلمان -رەزىيەللاھۇئەنھۇ - ئەبۇدەردائ -رەزىيەللاھۇئەنھۇ- غا مۇنداق دېگەن: «سېنىڭ ئۈستۈڭدە رەببىڭنىڭ ھەققى بار، ۋە بەدىنىڭنىڭمۇ ۋە ئەھلىنىڭمۇ ھەققى بار، ھەر بىر ھەق ئىگىسىگە ھەققىنى ئۆزجايىدا بەرگىن» دېدى. ئەبۇدەردائ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كىلىپ بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سەلمان راست ئېيتىپتۇ» دېدى. (بۇخارى رىۋايتى:1968).

5- تىرىكچىلەك قىلىشتا ئاللاھقا تايىنىش: تايىنىشنىڭ رېئاللىقى بولسا، ئىنسان قەلبىنى ئاللاھقا باغلاش بىلەن بىرگە يوللۇق سەۋەبلەرنى قىلىش لازىمدۇر.

6- ئىنسان رىزىقنىڭ پەقەت بىر ئاللاھ تېرىپىدىن كېلىدىغانلىقىغا، ۋە كەسىپنىڭ ئۆزىدىن ئەمەسلىكىگە ئىشەنچ قىلىشى كىرەك، چۈنكى بەندە بەزىدە رىزىقنىڭ سەۋەپلىرىنى قىلسىمۇ، ئاللاھ بىلىدىغان بىر ھىكمەت ئۈچۈن بەندىگە ئۇ رىزق كەلمەيدۇ.

7- ئاللاھ بۆلگەن قىسمەتكە رازى بولۇش، ۋە رىزىقنى كېچىكتى دېمەسلىك. چۈنكى ئۇنىڭ ۋاقىتى ۋە مىقدارى ئاللاھ تائالا تېرىپىدىن ئالدىن بەلگىلىگەن، شۇڭا مۇسۇلمان ھالالنى تەلەپ قىلىپ ھارامدىن ساقلىنىپ، ئاللاھ ئۇنىغا پۈتكەننى سىپايىلىق ۋە قانائەتلىك بىلەن تەلەپ قىلىشى كىرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئى ئىنسانلار! ئاللاھتىن قورقۇپ رىزقنى چىرايلىق يول بىلەن تەلەپ قىلىڭلار، ھەقىقەتەن بىر جان ئۆزىگە پۈتۈلگەن رىزقنى -ئەگەرچە كىچىكىپ قالسىمۇ- تۇلۇق يىمىگىچە جان ئۆزمەيدۇ، ئاللاھتىن قورقۇپ رىزقنى چىرايلىق يول بىلەن تەلەپ قىلىڭلار، ھالال بولغىنىنى ئېلىڭلار، ۋە ھارام بولغىنىنى تەرك ئىتىڭلار» (ئىبنى ماجە رىۋايتى2144).

دەرسنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدىڭىز


سىناقنى باشلاڭ