نۆۋەتتىكى بۆلەك :مالىيە سودىسى
دەرس پۇل-مۇئامىلە سودىسىدىكى ئىسلام قائىدىسى
ئەخلاق بارلىق ھاياتلىق ئىشلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بۇلۇپ، بەلكىم ئىسلام پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ ئەخلاقنى كۆزدە تۇتۇپ مېڭىشى بۇ ئالاھىدىلىكلەرگە يەتكۈزگەن بولۇشى مۇمكىن. بۇ بۇلسا ئىسلام پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىنى باشقا پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىدىن ئايرىپ تۇرىدىغان نەرسە دۇر.
شەرىئەت ھالال كەسىپ قىلىش ئۈچۈن ئىشلەشكە رۇخسەت قىلغانلارنىڭ ھەممىسى بۇلۇپ. پۇل-مۇئامىلە سودىسى پۇلنى ئاساس قىلغان ياكى ئىقتىسادىي ھوقۇقنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان بارلىق توختاملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن ئېلىم سېتىم، ۋە ئىجارە، ۋە ئورتاقلىق ۋە باشقا توختاملار. ۋە ئىسلام سودىسىغا مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملەر كىشىلەرنىڭ ئۆز-ئارا پۇل-مۇئامىلە ۋە ئىقتىسادىي ئالاقىسىنى قېلىپلاشتۇرىدىغان قانۇنىي قائىدەلەر.
ئىسلامدىكى پۇل-مۇئامىلىرىنىڭ نىشان ۋە مەقسەتلىرى
ئىسلام دىنى ھەق دىن بولۇپ، ئۇ كىشىلەرگە ياخشىلىق بۇلىدىغان، ۋە ئۇلارنى مەنپەئەتلەتتۇردىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ كەلدى، چۈنكى ئۇ ئىنسانلارنى ياراتقۇچى ھەممىدىن ئۈستۈن ئۇلۇغ ئاللاھ تېرىپىدىن دۇر، چۈنكى ئۇ ئۇلارنى ۋە ئۇلارغا نېمىنىڭ پايدىسى بارلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «نازۇك ئىنچىكى نەرسىلەرنى بىلگۈچى زات، ياراتقان مەخلۇقاتىنىڭ ئەھۋالىنى بىلمەمدۇ؟» [مۇلك سۈرىسى:: 14]. باشقا دىنلارنىڭ قانۇن ۋە تۈزۈملەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئىسلام دىنى تەننىڭ ئېھتىياجى ۋە دۇنيانىڭ ئىشلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىنى ئېلىپ كەلدى، ۋە شۇنداقلا روھنىڭ ئېھتىياجىنى ۋە ئاخىرەت كۈنىنىڭ ئىشلىرىنىمۇ كۆزدە تۇتقان.
بىرىنچى- دۇنياۋى تەرەپ: ئىسلام دىنى كىشىلەرنىڭ پۇل-مۇئامىلە ئىشلىرىنى تۈزۈملىك قىلىپ، بارلىق ئېلىم سېتىم قىلغۇچىلار ئارىسىدا ئادالەتنى بەرپا قىلدى، ۋە ھەر بىر ئادەمگە ئۆزىنىڭ ھەققىنى بېرىپ، ھەممەيلەنگە يېتەرلىك دەرىجىدە يەتكۈزىشنى ئىشقا ئاشۇردى. شۇنداقلا ئۇ مۇئامىلەدە ھالالنى كېڭەيتتى، ھەمدە ئىككى تەرەپنىڭ بىرىگە زىيان سالىدىغان ھەممە نەرسىنى چەكلىدى.
ئىككىنچىدىن- دىنىي تەرەپ: شەرىئەتنىڭ بارلىق ھۆكۈملىرىنىڭ ئالى مەقسىتى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ جەننەتكە ئېرىشىشدۇر. ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، ئىسلام يولغا قويغان سودىنىڭ بەلگىلىمىلىرى مۇئمىنلەر ئارىسىدا ئادالەتنى تارقىتىش ۋە خەير-ساخاۋەتنى تەشەببۇس قىلىش ئارقىلىق قېرىنداشلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. مەسىلەن، يوقسىزغا مۇھلەت بەرگەندەك، ۋە ئۆسۈم جازاينە ۋە قىمارغا ئۇخشاش كۆكسىنى غەزەپلەندۈرىدىغان ھەممە نەرسىنى چەكلىگەندەك.
بىرىنچى- ئادالەت: ئۇ ئىككى تەرەپنىڭ پۇل-مۇئامىلە سودىسىدىكى ھوقۇقىنى ئاشۇرماي كىمىتماي ساقلايدۇ، ئوخشاش باھادا سېتىش، ۋە ئىجارىگە بېرىش قاتارلىقلاردەك. ئاللاھ تالا مۇنداق دېدى: «ئاللاھ ودا سېتىقنى ھالال قىلدى» [بەقەرە سۈرىسى:275] ئىككىنچىدىن- ياخشىلىق: ئۇ ئىھساندۇر. يوقسىزغا مۇھلەت بىرىش ياكى ئۇنىڭدىن قەرىزنى ئۆتۈۋەتكەندەك، ئاللاھ مۇنداق دېدى: «ئەگەر قەرىز دارنىڭ قۇلى قىسقا بولسا ئۇنىڭ ھالى ياخشىلانغۇچى مۇھلەت بىرىڭلار، ئەگەر بىلسەڭلار (ئۇ قەرىزنى ئۇنىڭدىن ئالماي كەچۈرۋەتكىنىڭلار) سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر» [بەقەرە سۈرىسى:280]. مەسىلەن: بىر ئىشچى بىلەن ئىش ھەققىگە كىلىشىپ ئاندىن ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بەرگەندەك، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئېھسان قىلىڭلار، ئېھسان قىلغۇچىلارنى ئاللاھ شەكسىز ياخشى كۆرىدۇ» [بەقەرە سۈرىسى:195]
ئۈچىنچىسى- ئادالەتسىزلىك: بۇ بىر ئادەمنىڭ ھەققىدىن كۆپ ئېلىۋېلىشى، كىشىلەرنىڭ پۇلىنى ناھەق ئىستېمال قىلىش. مەسىلەن ئۆسۈم، قىمار، ۋە ئىشچىنىڭ ھەققىنى بەرمەسلىك تەك قاتارلىقلار، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «ئى ئىمان ئېتقانلار! ئەگەر (ھەقىقى) مۇئمىن بولساڭلار، (كىشىلەرنىڭ زىممىسىدا) قېلىپ قالغان ئۈسۈمنى ئالماڭلار، ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، بىلىڭلاركى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى سىلەرگە ئۇرۇش ئاچىدۇ، ئەگەر تەۋبە قىلساڭلار، سەرمايەڭلار قۇلاڭلارغا قايتىدۇ، زىيانغا ئۇچرىمايسىلە، باشقىلارغىمۇ زىيان يەتكۈزمەيسىلە» [بەقەرە سۈرىسى:278-279]. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ئېتتىكى: قىيامەت كۈنى مەن ئۈچ تۈرلۈك كىشى بىلەن داۋالىشىمەن، ئۇلارنىڭ بىرىنچىسى: مىنىڭ نامىم بىلەن ۋەدە بىرىپ، ئاندىن ۋاپا قىلمىغان ئادەم. ئىككىنچىسى: ھۆر ئادەمنى سېتىپ پۇلىنى يەۋالغان ئادەم. ئۈچىنچىسى: بىر ئەمگەكچىنى ئوبدان ئىشلىتىپ، ئىش ھەققىنى بەرمىگەن ئادەم» (بۇخارى رىۋايتى:2227).