نۆۋەتتىكى بۆلەك :مۇسۇلمانلار ئائىلىسى
دەرس ئەر-ئايال تاللاشنىڭ ئاساسى
نىكاھ توختامى ئىسلامدىكى ئەڭ مۇھىم ۋە يۇقىرى توختاملارنىڭ بىرى بولۇپ، ئىسلام قانۇنى دەسلەپكى قەدەملەردە ئۇنىڭ ھەر ئىككى تەرەپكە توختامدىن پايدا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغانلىقىنى، ۋە ئەر ئاياللىقىنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىشىغا، ۋەمۇسۇلمان ئائىلەسىنىڭ مۇقىم لىشىشىغا ياردەم بىرىدىغانلىقىنى، تەل تۈكۈس بايان قىلدى.
ئائىلە قۇرۇشتىكى ئىككى ئاساسلىق تۈۋرۈك ئەر-ئايال بولۇپ، شەرىئەت ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ياخشى بۇلىشىغا ھېرىسمەن بولۇپ، خىزمەتكارلىرىغا ئاتا قىلغان ئايەت ۋە نېمەتلىرىنىڭ بىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «ئاياللار بىلەن ئۇنسى – ئۈلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ) ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتقانلىقى، ۋە ئاراڭلاردا (يەنى ئەر – خوتۇن ئارىسىدا) مېھر ـ مۇھەببەت ئورناتقانلىقى ئاللاھنىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن، شەك ـ شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار»[رۇم سۈرىسى:21].
ئەر-ئايالنىڭ ياخشى تاللىشى
ئەر-ئايالنىڭ تاللاشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئۆلچەم
بۇ پرىنسىپ مانا بۇ ئەر-ئاياللار ھايات ھەمراھىنى تاللىغاندا كۆڭۈل بۆلۈشكە تىگىشلىكتۇر. چۈنكى ئتىقادنىڭ دۇرۇسلىقى ۋە ئەخلاقنىڭ گۈزەللىكى ئاللاھ خالىسا، ئىككى ئالەمدە بەخىتلىككە ئېرىشتۈرۈشكە كىپىلدۇر.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سالىھ ۋە دىندار ئايالنى تاللاشقا دەۋەت قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئايال تۆت خىل سەۋەب بىلەن نىكاھلىنىدۇ: پۇلى ئۈچۈن، نەسەبى ئۈچۈن، گۈزەللىكى ئۈچۈن ۋە دىنى ئۈچۈن، دىندارنى تاللاش بىلەن غەلىبە قىلىڭ. بولمىسا خار بۇلىسىز» (بۇخارى:5090، مۇسلىم:1466).دىندار ئايال ئاللاھتىن قورقىدۇ، ۋە ئۆزىنىڭ ئۆيىنىڭ ھەققى ۋە ئېرىنىڭ ھۇقۇقىغا قېشىدا بولسا بولمىسا كۈڭۈل بۈلىدۇ.
ئەر تاللاشتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەگەر مىجەزى ۋە دىنى سىلەرنى رازى قىلىدىغان كىشى سىلەرگە ئەلچە بۇلۇپ كەلسە، ئۇنى كېيىئۇغۇل قىلىڭلار، ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار يەر يۈزىدە پىتنە پاسات ۋە كەڭ كۈلەمدە بۈزغۇنچىلىق يۈز بىرىدۇ» (ئىبنى ماجە:1967). ئىلگىركى بەزى ئۆلىمالار مۇنداق دېگەن: "قىزىڭىنى ياتلىق قىلماقچى بولسىڭىز دىندارغا ياتلىق قىلىڭ، ئەگەر ئۇ ئۇنى ياخشى كۆرسە ھۆرمەتلەيدۇ، ئەگەر يامان كۆرسە، ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلمايدۇ".
كۆڭۆل ئاراملىقى
شۇڭلاشقا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ئايالغا توي قىلماقچى بولغانلارغا: «ئۇنى كۆرۆڭ، تۇرمۇشۇڭلارنىڭ داۋاملىشىشىغا سەۋەپ بۇلىدۇ» دەپ بۇيرۇق قىلغان (تىرمىزى:1087). ئۇنىڭ مەنىسى: ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەتنىڭ داۋاملىشىشىدۇر. ئۇلار بىر-بىرى بىلەن تونۇشۇپ خاتىرجەم بۇلۇش ئۈچۈن، بۇ كۆرۆش ئەرنىڭمۇ-ئايالنىڭمۇ ھەققىدۇر.
براۋەرلىك
رازى بولۇش ۋە قوبۇل قىلىش
ئىسلام ئايال كىشىگە ھەقىقەتەن ئادىل مۇئامىلە قىلدى، ئۇنىڭ ياتلىق بۇلىدىغان يولدىشىغا رازىلىق بىلەن قوشۇلۇشىنى شەرت قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر توي قىلغان ئايال پىكرى ئېلىنماستىن، ياتلىق بولمىغان قىز رۇخسىتى ئېلىنماستىن ياتلىق قىلىنمايدۇ» دېگەن ئىدى، يېنىدىكىلار:«ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! قىزنىڭ رۇخسەت بېرىشى قانداق بولىدۇ؟» دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ: «ئۇنىڭ سۈكۈت قىلىشى رۇخسەت بېرىشىدۇر» دەپ جاۋاب بەردى (بۇخارى:5136. ۋە مۇسلىم:1418). ھەمدە خەنسا بىنتى خۇزام ئەل ئەنسارىيەنىڭ ھېكايىسىدە: «دادىسى ئۇنى چوكانلىق ھالىتىدە ياتلىق قىلغان، ئۇ يولدىشىنى ياقتۇرمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كەلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ نىكاھىنى بىكار قىلدى»(بۇخارى:5138).