ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ

كىرىشكە تىزىملاتمىدىڭىز
ئۆگىنىشنى باشلاش ۋە ئىلگىرىلىشىڭىزگە ئەگىشىش ۋە نومۇر توپلاش ۋە مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ھازىر Ta مۇنبىرىگە تىزىملىتىڭ، تىزىملاتقاندىن كېيىن، ئۆگەنگەن تېمىلىرىڭىزدا ئېلېكترونلۇق گۇۋاھنامە تاپشۇرۇۋالىسىز.

نۆۋەتتىكى بۆلەك :مۇسۇلمانلار ئائىلىسى

دەرس پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆرنەكلىك ئەرلىكى

بۇ دەرسلىكتە بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيېدىكى ئاياللىرى بىلەن بولغان ھاياتىنىڭ بىر بۆلۈكىنى تونوپ چىقىمىز

  • پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيېدىكى ئەھۋالىنى بىلىش
  • پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىگە تۇتقان گۈزەل ئەخلاقنى بىلىش.
  • ئاياللارغا مۇئامىلە قىلىشتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۈلگە قىلىش.

ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىنى ئىنسان قىلىشتىكى ھېكمىتىدىن كىشىلەرنىڭ ئۆز ئۈلگىسىگە ئەگىشىشى، ۋە ئەخلاقىنى قوبۇل قىلىشى، ۋە قىلغان ئىشلىرىغا ئوخشاش قىلىشقا ئۇلارغا ھۇججەت بۇلۇش ئۈچۈندۇر. مۇسۇلماننىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك سائادىتى كىتاب سۈننەتكە ئەگىشىش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىزىدىن مېڭىشتۇر. شۇڭلاشقا مۇسۇلمان پۈتۈن ئەھۋالىدا سۈننەت بۇيچە مېڭىشقا تىرىشىشى ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالىنى بىلىشكە ھېرىسمەن بولۇشى كىرەك.

پەيغەبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلىسىدىكى ئاياللىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن ھاياتى پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئەڭ ئالىي ئۈلگە بولۇپ، ئائىلىسىنىڭ بۇ دۇنيادا ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى ۋە ئاخىرەتتە جەننەتكە ئېرىشىشنى خالايدىغان ھەر بىر ئەر ئۇزاتنى ئۈلگە قىلىش كىرەك. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «ئاللاھنىڭ رەسۇلى سىلەرگە — ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە ئۈمىد باغلىغان ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر» [ئەھزاب سۈرىسى:21].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىغا تۇتقان ئەخلاقىدىن:

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئائىلىسىدىكىلەرگە ياخشىلىق قىلغۇچىلار، مەن ئائىلەمگە ئەڭ ياخشىلىق قىلغۇچى» (تىرمىزى:3895). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆممىتىدىكى ئەرلەرگە ئاياللىرىغا ياخشىلىق قىلىشنى بۇيرۇپ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغانلارنى ماختىغان، ئاندىن ئۆزىنىڭ بۇتوغرىدا ئۈلگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىنى خۇشال قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ يوللۇق ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كۈڭۈل بۈلۈشى.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن مەسچىتتە ئويناۋاتقان ھەبەشىستانلىقلارغا قاراۋاتقىنىمدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنى كۈرۈشتىن مالال بولغۇچە كىيىمى بىلەن يېپىپ تۇرغان ئىدى، شۇڭا ئۈيۈنغا ئامراق كىچىك قىزنىڭ كۆڭلۈنى ئاياپ قۇيۇڭلار» (بۇخارى:5236، مۇسلىم:892). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆلگە قىلىشنىڭ جۈملىسىدىن: ئەرنىڭ ئەقىللىق بولۇشى، ئايالىنىڭ ئارزۇسىغا كۆڭۈل بۆلۆشى، ۋە ئۇنىڭ يوللۇق پىسخىكا ئېھتىياجىنى قەدىرلەپ ئۇنى ئۇرۇنداپ بىرىشى كېرەك.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنساننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئوينىشىنى ئىزنى بىرىلگەن ئۇياندىن ھىساپلىدى، ۋە ئۇنىڭ ئەيىبلىك ئويۇن بۇلۇشىنى رەت قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئادەم ئەۋلادىنىڭ ئۈچ تۈرلۈك ئويۇنلىرىدىن باشقا ھەممىسى باتىل دۇر: ئۇنىڭ ئوقيا ئېتىشى، ۋە ئېتنى كۆندۈرۈشى ۋە ئايالى بىلەن ئوينۇشۇپ قۇيۇشى، ئۇلار ھەقىقەتەن ھەق ئىشلار دۇر» (ئەھمەد:17337)

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق ئېيتقانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە سەپەرگە چىققان، (ئۇيەردە) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن يۈگۈرۇشتە مۇسابىقىلىشىپ يېڭىۋالدىم، كېيىن بىر ئاز سەمىرىپ قالغىنىمدا مۇسىبىقىلەشكەن ئىدىم، بۇ قېتىم مىنى يېڭىۋېلىپ، ماۋۇ ئانىڭغا تەڭ بولسۇن دېدى» (ئەبۇ داۋۇد:2578) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللىرى بىلەن ئوينىشىپ قۇياتتى، ۋە چاقچاق قىلاتتى، ئەر- ئاياللىق ھايات بىر خىللا زېرىكىشلىك تۇرمايدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ھېكمەتلىرى

ھېچ بىر ئۆيدە ئۇنىڭ ئەزالىرى ئارىسىدا تۇقۇنۇش يۈز بىرىشتىن خالىي بولمايدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە بۇ تۇقۇنۇشلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئەڭ ئېسىل ئۆرنىكىنى بەردى. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەزى ئاياللىرى يېنىدا ئىدى، مۇئمىنلەرنىڭ ئانىلىرىدىن بىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بىر قاچا تاماق ئەۋەتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆيېدىكى مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى خىزمەتكارنىڭ قولىغا ئۇرىۋېدى، قاچا چۈشۈپ سۇنۇپ كەتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قاچا پارچىلىرىنى يىغدى، ئاندىن ئۇنىڭدىكى يېمەكلىكلەرنى يىغىشقا باشلىغاچ «ئاناڭلار كۆنداشلىق قىلدى» دېدى. ئاندىن خىزمەتكارنى تۇتۇپ تۇرۇپ چېقىۋەتكەن ئايالىنىڭ ئۆيىدىن ساغلام قاچا ئېلىپ تاماق ئەۋەتكەن ئايالىغا ئەۋەتتى، چېقىلغان قاچىنى چاققان ئايالىنىڭ ئۆيېدە تۇتۇپ قالدى» (بۇخارى 5225).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆكرىكى ئايالى ياكى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تەبىئى نۇرمال ھېسسىياتلىرى سەۋەبىدىن سادىر بولغان ھەرىكەتلىرى بىلەن سىقىلمايتتى، ئۇ بارلىق ئەھۋاللارنى تاكتىكا ۋە ئەقىل-پاراسەت بىلەن بىر تەرەپ قىلاتتى. ئەگەرچە بۇ ئەھۋال جېدەل-ماجىرانىڭ خەۋپىدىن دىرەك بەرسىمۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئەقىل-پاراسىتى بىلەن ھېسسىياتقا بېرىلمەستىن ۋە ئاچچىقلىماستىن ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتەتتى، ۋە جىددىيلىكنى پەسەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرگە ئادىللىق قىلاتتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئايالىنىڭ ئاچچىقلىنىپ ئۇنىڭغا بۇنى ئىزھار قىلىشىنى قوبۇل قىلاتتى، ھەمدە ئۇ بۇنى ياخشىلىق ۋە رەھىم-شەپقەت بىلەن قارشىلايتتى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قلىنىدۇكى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا مۇنداق دېدى: «مەندىن رازى ئىكەنلىكىڭىزنى، ۋە ماڭا ئاچچىقلانغانلىقىڭىزنى ئوبدان بىلىمەن» مەن بۇنى نەدىن بىلىلا؟ دېدىم: ئۇ: «سىز مەندىن رازى بولغاندا، مۇھەممەدنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن قەسەمكى دەيسىز، ماڭا ئاچچىقلانسىڭىز، ئىبراھىمنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن قەسەمكى دەيسىز. مەن دېدىم: «شۇنداق، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مەن پەقەت ئىسىملىرىنى تەرك ئىتىمەن» (بۇخارى:5228، مۇسلىم:2439).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاياللىرىغا ئۆي ئىشلىرىدا ئۇلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ ۋە ئۇلارغا رەھىم قىلىپ ياردەم قىلاتتى. ۋە گۈزەل ئەخلاقىدىن: شەخسىي ئىشلىرىنى ئۆزى قىلاتتى.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا دىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆيېدە بولغاندا نىمە ئىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقى توغرىسىدا سۇرالغاندا «ئائىلىسىنىڭ ئىشلىرىدا بۇلىدۇ، -يەنى: ئائىلىسىنىڭ خىزمىتىدە دېمەكچى- ناماز ۋاختى بولسا نامازغا چىقىدۇ، دېدى» (بۇخارى:676). ئۇ يەنە بىر ھەدىستە: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆيىدە ئىش قىلغانغا ئوخشاش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئايىغىنى ئوڭشاپ، كىيىملىرىنى تىكىپ ئۆيىدە ئىش قىلىدۇ» دېدى. (ئەھمەد:25341)

ئاياللارغا ئامراقلىق ئىپادىلىرىدىن:

١
ئۇلارنى ياخشى كۆرىدىغان سۆزلەر بىلەن چاقىرىش
٢
ئۇلارغا يېمەكلىك بېرىش.
٣
ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلىش
٤
ئۇلارنىڭ پاراڭلىرىنى ئاڭلاش ۋە ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۈلۈش.

ئاياللارنى سۆيۈملۈك سۆزلەر بىلەن چاقىرىش

ھەدىس شەرىپتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «ھەي ئائىشە! بۇ جىبرىئىل سىزگە سالام دەيدۇ» (بۇخارى:3768). ئۇ يەنە ئۇنى «ئەل-ھۇمەىرا» دەپ ئاتايتتى، ئۇ ھەمرانىڭ ئۆزگەرتىلمىسى بۇلۇپ، ئەكىلىتىش ئۈچۈن كچىكلىتىلگەن، ئاق پىشمىلاق دېمەكتۇر.

ئەرنىڭ ئايالىغا يېمەك يۈدۈرۈپ قۇيۇشى

سەئد بىن ئەبى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن: «ساخاۋەت ئۈچۈن نېمىنى خەجلىسەڭ، ئۇ سەدىقە دۇر، ھەتتا ئايالىڭنىڭ ئاغزىغا سەپ قۇيغان بىر لۇقما "يىمەكمۇ" شۇنداق»(بۇخارى:2742).

ئېرىنىڭ ئايالىغا بولغان مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلىشى

ئەمر بىن ئەلئاس رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنى زاتىسسالاسىل ئۇرۇشىنىڭ قۇشۇنىغا باش قىلىپ ئەۋەتكەن، ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كىلىپ، سىلە ئەڭ ياخشى كۇرىدىغان كىشى كىم؟ دېدىم، ئۇ: "ئائىشە" دېدى:» (بۇخارى:3662، مۇسلىم:2384)

ئۇلارنىڭ گەپلىرىگە قۇلاق سېلىش ۋە كۆڭۈل بۈلۈش.

بۇنىڭ دەلىلى ئۇممۇ زەرئنىڭ ئۇزۇن ھەدىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھانىڭ ئون بىر ئايالنىڭ ئولتۇرۇپ ھەر بىرىنىڭ ئېرى بىلەن بولغان ئەھۋالىنى سۆزلىگەنىلىكىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئېتىپ بېرىشى، ۋە ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىشلارنى ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھا تولۇق تۈگەتكۈچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىپ ئاڭلىشى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرى ئۈچۈن ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ چىرايلىق تۇرۇشى

ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھادىن «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆيىگە كىرگەندە نېمە ئىش بىلەن باشلايتتى؟ دەپ سۇرالدى، ئۇ: مسىۋاك ئىشىلتىش بىلەن دېدى» (مۇسلىم:253). يەنە ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى بېشى ۋە ساقاللىرىدىن ئەتىرنىڭ پارقىراقلىقىنى بايقىغۇچە، يېنىدىكى ئەڭ ياخشى ئەترە بىلەن خۇشپۇراق قىلاتتىم».(بۇخارى:5923)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىغا ۋاپادار لىقى.

بۇ ساداقەتمەنلىكنىڭ ئەڭ روشەن ئوبرازلىرىدىن بىرى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خەدىچە رەزىيەللاھۇئەنھا ۋاپات بولۇپ بىر نەچچە يىلدىن كېيىن ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرى. ۋە يەنە ئۇنىڭ جۈملىسىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى زەينەپ رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئەبۇ ئەلئاسنى خەدىجە رەزىيەللاھۇئەنھانىڭ زەنجىرى بىلەن قۇتۇلدۇرماقچى بولغاندا- ئۇ ئىسلامدىن ئىلگىرى ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغان ۋە بەدىردە ئەسىرگە چۈشكەن- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ زەنجىرنى كۆرۈپ ناھايىتى ئېچ ئاغرىتىپ «ئەگەر توغرا كۆرسەڭلار ئۇنىڭ تۇتقۇننى قويۇپ بىرىپ بەرگەن نەرسىسىنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەرسەڭلار» دېدى (ئەبۇ داۋۇد:2692). پەيغەمبەر ئەلەيھىىسسالامنىڭ ئۇ ئايالىغا بولغان ساداقەتمەنلىكى ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھانى ئۇنىڭدىن قورىلىدىغان قىلىپ قويدى، ۋە ھالەنكى ئۇ ئۇنى كۆرمىگەن ياكى ئۇنىڭ بىلەن زامانداش بولمىغان. ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قلىنىدۇكى، "مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىنىڭ بىرەسىگە خەدىجەگە كۆنداشلىق قىلغاندەك كۆنداشلىق قىلمىدىم، بولمىسا كۆرۇپ باققان ئەمەس. لىكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى كۆپ ئەسلەيتتى، قاچان قۇي بۇغۇزلىسا بىر قانچە پارچە قىلىپ خەدىجەنىڭ ئاداشلىرىغا ئەۋەتەتتى، بەزىدە مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇنيادا خەدىجەدىن باشقا ئايال يوقتەك قىلىپ كەتلە دەپ تاشلىدىم، «ئۇ: ئاشۇنداق پەزىلەتلىك ۋە ئەقىللىق ئايال ئىدى، ۋە مېنىڭ ئۇنىڭدىن پەرزەتلىرىم بار دېدى» (بۇخارى:3818، مۇسلىم:2435).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرى ئارىسىدىكى ئادالىتىنىڭ نامايەندىسى

١
ئۇزۇن قىسقا تۇرۇشتا ئەدلى قىلىش، شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كېچىلەرنى باراۋەر بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەرقلەندۈرمەي يوقلايتتى. ئەگەر ئۇنداق قىلالمايدىغان تاسادىبى ئىش يۈز بەرسە، ئۇلاردىن رۇخسەت ئالاتتى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇكى،"پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كىسىلى ئېغىرلىشىپ قالغاندا مېنىڭ ئۆيۈمدە داۋالىنىشقا ئاياللىرىدىن رۇخسەت سۇردى، ئۇلار رۇخسەت بەردى" (بۇخارى:198، مۇسلىم:418).
٢
سەپەرگە چىقىشتا ئۇلار ئوتتۇرىسىدا ئەدلى قىلىش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللىرى ئارىسىدا چەك تاشلايتتى، كىمنىڭ نېسىۋىسى چىقسا ئۇنى بىللە ئېلىپ چىقاتتى.
٣
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەگەر بىر توي قىلغان ئايال بىلەن توي قىلسا، ئۇنىڭ ئۈنسى ئۈلپىتى ئۈچۈن ئۈچ كېچە بىللە تۇراتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن بارلىق ئاياللىرىغا ئوخشاش ئۇنىڭغا تەقسىم قىلاتتى.
٤
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللىرىنىڭ ئارىسىدا نەپىقە پۇل ۋە بارلىق تەقسىم قىلىدىغان نەرسىلەردە قۇلىدىن كىلىشچە ئەدلى قىلاتتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىنى قەدىرلەپ ئۇلاردىن مەسلەھەت سۈرىشى.

پەيغەمبەرلەيھىسسالام ھۇدەيبىيە كۈنى مۇسۇلمانلاردىن قۇربانلىق جاڭۋالىرىنى بۇغۇزلاپ چاچلىرىنى ئالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغاندا بىر كىشىمۇ تۇرمىغاندا، ئايالى ئۇممۇ سەلىمە رەزىيەللاھۇئەنھادىن مەسلىھەت سۇرىشى ئەڭ ئۇچۇق پاكىتتۇر. شۇ ۋاقىتتا ئۇممۇ سەلىمەنىڭ قېشىغا كىرىپ كىشىلەرنىڭ قىلغانلىرىنى ئېتىپ بەرگەن، ئۇممۇ سەلىمە ئېتقان: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئاشۇنىڭ بۇلىشىنى ياختۇرامتىلە؟ چىقىپ ھېچ كىمگە بىر ئېغىز سۆز قىلماي تۆگۈلىرىنى بۇغۇزلاپ، سەتىراچ چاقىرىپ چاچلىرىنى ئالدۇرسىلا. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چىقىپ ھېچ كىمگە گەپ قىلماي ئاشۇنى قىلىپ، تۈگىلىرىنى بۇغۇزلاپ سەتىراچ چاقىردى. كىشىلەر ئۇنى كۆرۈپ جاڭۋالىرىنى بۇغۇزلىدى، ۋە بەزىلەر- بەزىلەرنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈپ قۇيدى» (بۇخارى:2731).

دەرسنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدىڭىز


سىناقنى باشلاڭ