ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ

كىرىشكە تىزىملاتمىدىڭىز
ئۆگىنىشنى باشلاش ۋە ئىلگىرىلىشىڭىزگە ئەگىشىش ۋە نومۇر توپلاش ۋە مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ھازىر Ta مۇنبىرىگە تىزىملىتىڭ، تىزىملاتقاندىن كېيىن، ئۆگەنگەن تېمىلىرىڭىزدا ئېلېكترونلۇق گۇۋاھنامە تاپشۇرۇۋالىسىز.

نۆۋەتتىكى بۆلەك :مۇسۇلمانلار ئائىلىسى

دەرس سىلە رەھىمە قىلىش

بۇ دەرسلىكتە بىز ئىسلامدىكى تۇغقاندارچىلىقنىڭ ئۇقۇمى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بەزى مەسىلىلەرنى ئۈگۈنىمىز.

  • ئىسلامدىكى تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى ئۇقۇمىنى ئۆگىنىش.
  • تۇغقاندارچىلىقنىڭ مۇھىملىقىنى بايان قىلىش ۋە ئۇنى ئۈزۈشتىن ئاگاھلاندۇرۇش.
  • تۇغقاندارچىلىقنىڭ بەزى ۋاسىتىلىرىنى بايان قىلىش.
  • تۇغقاندارچىلىقنىڭ بەزى پەزىلىتىنى بايان قىلىش.

تۇغقاندارچىلىقنىڭ ئۇقۇمى

ئۇ تۇغقانلار بىلەن ياخشى ئىشلاردا ئورتاقلىشىش، ۋە ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش، ئۇلارغا كۈيۈنۈش، ۋە ئۇلارغا مۇلايىم بۇلۇش، ۋە ئۇلارنى يوقلاش ۋە ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم قىلىش.

قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپنىڭ تېكىستلىرىدە تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋەتلىرىنى باغلاشقا دەۋەت قىلىش ۋە ئۇنى ئۈزۈشنى چەكلەشتە دەلىللەر كەلگەن. ئاللاھ تائالا كاپىرلارنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دېدى: «پاسىقلار شۇنداق كىشىلەركى، ئاللاھقا مۇستەھكەم ۋەدە بەرگەندىن كېيىن ۋەدىسىنى بۇزىدۇ، ئاللاھ داۋاملاشتۇرۇشقا بۇيرۇغان قېرىنداشلىق رىشتىسىنى ئۈزىدۇ، ۋە يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر» [بەقەرە سۈرىسى:27]. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «ئەگەر سىلەر بىرەر ھۇقۇققا ئىگە بولساڭلا، يەر يۈزىدە بۇغۇنچىلىق قىلىپ تۇغقاندارچىلىق رىشتىسىنى ئۈزۈشنى ئارزۇ قىلامسىلە؟» [مۇھەممەد سۈرىسى:22]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېتسا، تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قالسۇن» (بۇخارى:6138). ئۇ: ھەم مۇنداق دېدى: «ئاللاھ تائالا پۇتۇن مەخلۇقاتلارنى يارىتىپ بولغاندا، سىلە رەھىم مۇنداق دېدى: (ئى ئاللاھ!) بۇ ئۇرۇن سىلە رەھىمنى ئۇزۇپ قۇيۇشتىن پاناھ تىلەپ ساڭا سېغىنغۇچىنىڭ ئورنىمۇ؟ دېدى: ئاللاھ تائالا شۇنداق، سىنى ساقلىغان كىشىگە رەھمىتىمنى يەتكۈزسەم، سىنى ئۈزۈپ قۇيغان كىشىدىن رەھمىتىمنى ئۈزسەم رازى بۇلامسەن؟ دېدى: ئۇ: ھەئە رازى بۇلىمەن دېدى. ئاللاھ تائالا: بۇ مەرھەمەت سڭا خاستۇر دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەگەر خالىساڭلار بۇ ئايەتنى ئۇقۇڭلار: {ئەگەر سىلەر بىرەر ھۇقۇققا ئىگە بولساڭلا، يەر يۈزىدە بۇغۇنچىلىق قىلىپ تۇغقاندارچىلىق رىشتىسىنى ئۈزۈشنى ئارزۇ قىلامسىلە؟}[مۇھەممەد سۈرىسى:22]» (بۇخارى:5987، مۇسلىم:2554).

شەرىئەت تۇغقاندارچىلىقنىڭ رىشتىسى بۇيىچە ئۇلاشقا بۇيرۇدى.

ۋاجىپ تۇغقاندارچىلىق

ئۇ: نىكاھلىنىش دۇرۇس بولمايدىغان تۇغقاندارچىلىق بۇلۇپ: ئاتا-ئانا، ئوغۇل-قىز، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىل، تاغا-ھاممالارغا ئۇخشاشلاردىن ئىبارەتتۇر.

مۇستەھەپ تۇغقاندارچىلىق

ئۇ: ئارىدا نىكاھلىنىش چەكلەنمەيدىغان تۇغقاندارچىلىق بۇلۇپ، نەۋرە تۇغقانلار قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر.

تۇغقاندارچىلىقنى قانداق ساقلاش

سىلە رەھىمە قىلىش قۇدرەتنىڭ يىتىشچە قىلالىغان تۈرلۈك ياخشىلىقلارنى يەتكۈزۈش، ۋە تۈرلۈك يامانلىقلارنى تۇساش بىلەن بۇلىدۇ، ئۇ: سالام قىلىش بىلەن ۋە گەپ سۆز بىلەنمۇ بۇلىدۇ، ياكى پۇل بىرىش بىلەن ۋە ئېھتىياجىغا ياردەم بىرىش بىلەن، ياكى زىياندىن قۇغداش بىلەن، ياكى ئۇچۇق چىراي بىلەن، ياكى دۇئا قىلىش بىلەن، ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئىشلار بىلەن بولۇشى مۇمكىن.

تۇغقاندارچىلىقنى ساقلاشنىڭ مىسالى

١
تېلېفون قىلىش، ياكى قۇل تېلېفوندا ئۈچرا يوللاش، ياكى تور پروگراممىلىرى ئارقىلىق كۈرۈشۈش.
٢
ۋاجىپ نەپىقىنى بىرىش، ياكى سىلە رەھىمە قىلغۇچىغا نەپىقىسى ۋاجىپ بولمايدىغانلارغا زاكات بېرىش، ياكى خەير-ساخاۋەت قىلىش، ياكى سوۋغات بېرىش، ياكى كېپىل بۇلۈش، ياكى ۋەسىيەت قىلىش.
٣
خۇشاللىققا ئورتاقلىشىش، قايغۇغا تەسەللى بېرىش.
٤
زىيارەت قىلىش.
٥
چاقرىسا بېرىش
٦
كېسەل يوقلاش
٧
دەپنە مۇراسىمىغا ئەگىشىش.
٨
ئارىنى ياراشتۇرۇش.

تۇغقاندارچىلىقنى ساقلاشنىڭ پەزىلىتىنىڭ بىرى

١
بۇ تۇغقانلارنى سۆيۈش ۋە ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئائىلە رىشتىنى كۈچەيتىشنىڭ سەۋەبىدۇر.
٢
ئۇ رىزقنى كېڭەيتىپ، ئۆمرىنى ئۇزارتىدۇ.
٣
ئاللاھ سىلە رەھىم قىلغۇچىغا رەھمتىنى يەتكۈزىدۇ.
٤
ئۇ جەننەتكە كىرىشنىڭ سەۋەبىدۇر.
٥
سىلە رەھىمە قىلىش ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ۋە ئۇنىڭ رازلىقىنى ھاسىل قىلىشتۇر.

1- سىلە رەھىمە قىلىش تۇغقانلارنى سۆيۈش ۋە ئائىلە ئالاقىسىنى كۈچەيتىشنىڭ سەۋەبىدۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتىڭلارنى ساقلاپ قالالىغۇدەك نەسەبىڭلارنى بىلىۋېلىڭلار، چۈنكى تۇغقاندارچىلىق رىشتىسى ئائىلىگە بولغان مۇھەببەت، پۇل-مالغا بەرىكەت، ئۆمىرگە زىيادلىقتۇر»(تىرمىزى:1979).

2- ئۇ رىزىقنى كېڭەيتىپ ئۆمرىنى ئۇزارتىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى رىزقىنىڭ كەڭ بۇلۇشىنى، ياكى ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بۇلۇشىنى خالايدېكەن تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قالسۇن» (بۇخارى:2067، مۇسلىم:2557).

3- ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ تۇغقاندارچىلىقنى ساقلىغۇچىغا رەھمىتىنى يەتكۇزىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «ئاللاھ تائالا پۇتۇن مەخلۇقاتلارنى يارىتىپ بولغاندا، سىلە رەھىم مۇنداق دېدى: (ئى ئاللاھ!) بۇ ئۇرۇن سىلە رەھىمنى ئۇزۇپ قۇيۇشتىن پاناھ تىلەپ ساڭا سېغىنغۇچىنىڭ ئورنىمۇ؟ دېدى: ئاللاھ تائالا شۇنداق، سىنى ساقلىغان كىشىگە رەھمىتىمنى يەتكۈزسەم، سىنى ئۈزۈپ قۇيغان كىشىدىن رەھمىتىمنى ئۈزسەم رازى بۇلامسەن؟ دېدى: ئۇ: ھەئە رازى بۇلىمەن دېدى. ئاللاھ تائالا: بۇ مەرھەمەت سڭا خاستۇر دېدى. (بۇخارى:5987، مۇسلىم:2554).

4- تۇغقاندارچىلىق رىشتىنى باغلاش جەننەتكە كىرىشنىڭ سەۋەبىدۇر.

بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن جەننەتكە كىرگۈزىدىغان ئەمەل توغرىسىدا سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شىرىك كەلتۈرمەي ئىبادەت قىلغىن، نامازنى (ۋاقتى قارايىدا مۇكەممەل) ئۇقۇغىن، ۋە زاكات بەرگىن ۋە تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرغىن»(بۇخارى:1396، مۇسلىم:13).

دەرسنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدىڭىز


سىناقنى باشلاڭ