ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ

كىرىشكە تىزىملاتمىدىڭىز
ئۆگىنىشنى باشلاش ۋە ئىلگىرىلىشىڭىزگە ئەگىشىش ۋە نومۇر توپلاش ۋە مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ھازىر Ta مۇنبىرىگە تىزىملىتىڭ، تىزىملاتقاندىن كېيىن، ئۆگەنگەن تېمىلىرىڭىزدا ئېلېكترونلۇق گۇۋاھنامە تاپشۇرۇۋالىسىز.

نۆۋەتتىكى بۆلەك :مۇسۇلمانلار ئائىلىسى

دەرس نىكاھ قائىدىسى

بۇ دەرسلىكتە بىز بىر قاتار نىكاھ قائىدىلىرىنى ئۆگىنىمىز.

  • يېڭى توي قىلغان ھەر بىر قىز-يېگىتنىڭ نىكاھ قائىدىسىنى بىلىپ ئەمەل قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى بايان قىلىش.
  • ئىسلام يېتەكلەيدىغان بىر قانچە مۇھىم نىكاھ قائىدىسىنى تونۇشتۇرۇش.

نىكاھقا مۇناسىۋەتلىك شەرىئەتنىڭ بىر تۈركۈم ھۆكۈملىرىنىڭ، بەزىلىرى نىكاھتىن بۇرۇن، ۋە بەزىلىرى نىكاھ مەزگىلىدە، يەنە بەزىلىرى ئۇنىڭدىن كېيىن بولىدىغان ئەھكاملارنى قوشۈپ، ئىسلام ئاللاھتىن ساۋاپ كۈتكەن ۋە ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىنى كۈچلۈك ساقلىماقچى بولغان ئەر-ئايالنىڭ ھەر بىرى ئەمەل قېلىشقا تېگىشلىك نىكاھنىڭ بىر يۈرۈش قائىدە-يوسۇنلىرىنى بايان قىلدى.

1- نىيەت

نىيەتنىڭ ئىسلامدا ناھايىتى چوڭ ئورنى باردۇر، بۇخارى(1) نۇمۇردا مۇسلىم(1907) نۇمۇردا رىۋايەت قىلغان، ۋە ھەممىگە ئايان بولغان «ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق بۇلىدۇ، ھەر كىم ئەمىلىدە نىمىنى نىيەت قىلسا شۇنىڭغا ئېرىشىدۇ» دىگەن ھەدىس بۇنى ئىسپاتلايدۇ: شۇڭا ئەر-خوتۇنلار توي قىلىشتا ياخشى نىيەت قىلىشى كېرەك. بەلكى نىكاھنىڭ ھەقىقىتىنى چۈشۈنۈپ ياخشى نىيەتلەرنى كۆپ قىلىش ئارقىلىق كاتتا ساۋاپقا ئېرىشىش كىرەك، نىكاھتىكى ياخشى نىيەتلەر ئىچىدە، ئاللاھنىڭ بىرلىك- ۋە بارلىقنى كۆرستىپ بېرىدىغان ئالامەتلىرىنى ئىزھار قىلىش، ۋە شەرىئەتنىڭ توي قىلىشتا ئاللاھنى بىر دەپ ئىتىقاد قىلىپ ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدىغان سالىھ پەرزەنت قالدۇرۇش ئارزۇسىدا قىلىشقا قىززىق تۇرغان ئۈندىشىگە ئەمەل قىلىش ھەمدە ئەر-ئايالنىڭ ھەر بىرى ھەمراھىنىڭ ئىپپىتىنى ساقلاش، ۋە پىتنە پاسات قاتارلىق نەرسىلەردىن قوغداشنى قىلىش.

2- (توي قىلغان) كېچىدە سۈننەتكە ئەمەل قىلىش.

١
يېقىنچىلىق جەريانىدا ئېرىنىڭ ئايالىغا مۇلايىملىق قىلىشى.
٢
ئېرى قولىنى ئايالىنىڭ پېشانىسىگە قويۇپ (بېشىنىڭ ئالدى قىسمى) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە تەلىم بەرگەن دۇئانى ئۇقۇيدۇ، «ئى ئاللاھ مەن سەندىن ئۇنىڭ ياخشىلىقىنى تىلەيمەن. ھەمدە ئۇنىڭ يارىتىلىنغان ياخشى تەرىپىنى تىلەيمەن، مەن ئۇنىڭ يامانلىقىدىن ۋە يارىتىلىغان يامانلىق تەرەپلىرىدىن پاناھ تىلەيمەن» (ئىبنى ماجە:1918).
٣
بەزى ساھابىلەر تەۋسىيە قىلغاندەك، ئېرىنىڭ ئايالىغا ئىمام بۇلۇپ ئىككى رەكئەت ناماز ئۇقۇشى.
٤
جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ئىلگىرى دۇئا قىلىش، ئەر مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، ئى ئاللاھ! بىزنى شەيتاندىن ساقلىغىن، ۋە شەيتاننى بىزگە پۈتكەن ئىشلاردىن ۋە پەرزەنتىلەردىن يېراق قىلغىن» دېيىشى كېرەك (بۇخارى:3271، مۇسۇلىم:1434)، شۇنداقلا ئايالنىڭ دېيىشىمۇ دۇرۇستۇر.
٥
يېقىنچىلىق قىلغاندا ئاللاھ چەكلىگەن ئىشلاردىن ساقلىنىش، ئەرنىڭ ئايالىنىڭ ئارقىسىغا كىلىش ياكى ھەيز مەزگىلىدە ئايالىنىڭ يېنىغا كېلىشى چەكلىنىدۇ.
٦
ئەگەر بىر ئەر ئايالى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىپ، ئاندىن قايتا قىلماقچى بولسا، ھەدىسكە ئاساسەن ئۇنىڭ تاھارەت ئېلىشى سۈننەتتۇر. ھەدىستە مۇنداق كەلگەن «ئەگەر بىرىڭلار ئايالىغا يېقىنچىلىق قىلىپ، ئاندىن قايتا قىلماقچى بولسا، تاھارەت ئالسۇن» (مۇسلىم:308).
٧
ئەر ياكى ئايال ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىدىكى جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ سىرىنى سىرىتقا تارقاتماسلىقى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئىنسانلارنىڭ ئەڭ رەزىلى جىنسى سىرلارنى ئاشكارىلىغان ئەر-ئايالدۇر»(مۇسلىم:1437).

3- توي زىياپىتى

توي زىياپىتى تەكىتلەنگەن سۈننەتتۇر، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئابدۇراھمان بىن ئەۋفكە مۇنداق دېگەن: «بىر قوي سۇياپ بولسىمۇ زىياپەت بەرگىن» بۇخارى:2048، مۇسۇلىم:1427).

زىياپەتتە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

١
پەقەت بايلارنىلا چاقرىماسلىق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «زىياپەتنىڭ ئەڭ ناچارى توى يېمەكلىكى بايلار تەكلىپ قىلىنىپ كەمبەغەللەر تاشلىنىدۇ» (بۇخارى:5177، مۇسلىم:1432)
٢
زىياپەت بىر قوى بىلەن ياكى ئىمكانىيەت بولسا ئۇنىڭدىن كۆپرەكتە بۇلىشى ياخشى، لىكىن ئىسراپ قىلماسلىق كىرەك.
٣
زىياپەت گۆشسىز بولسىمۇ بۇلىدۇ.

4- تويلاردا ئاياللارنىڭ ناخشا ئېيتىشى

پەقەت ئاياللارنىڭ ئەرلەردىن ئايرىپ تۇرۇپ، چالغۇ ئەسۋابلىرىنى ئىشلەتمەي ياخشى دۇرۇس سۆزلەر بىلەن داپ چېلىپ ناخشا ئېيتىشى دۇرۇستۇر. بۇ ياخشى پەيتتە خۇشاللىقنى ئىزھار قىلىش ئىسلامدا دۇرۇستۇر.

5- ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈش.

نىكاھنىڭ جەزملەشتۈرۈلگەن قائىدە-يوسۇنلىرىنىڭ بىرى ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن ياشاش، ئۇنىڭ بىلەن ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدا مېھىر-مۇھەببەت داۋاملىشىپ، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن بەختلىك ياشايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «ئۇلار بىلەن ئاق كۆڭۆللۈك بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈڭلار» [نىسا سۈرىسى:19]

دەرسنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدىڭىز


سىناقنى باشلاڭ