نۆۋەتتىكى بۆلەك :ناماز
دەرس نامازنىڭ شەرتلىرى ۋە ھۆكۈملىرى
نامازنىڭ شەرتلىرى
تاھارەتسىزلىك ۋە نىجاسەتلەردىن پاك بولۇش. ئابدۇللاھ بىن ئۆمەر رزىيەللاھۇئەنھۇما دىن مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن "تاھارەتسىز ناماز قۇبۇل قىلىنمايدۇ" دېگەن سۈزىنى ئاڭلىدىم» (مۇسلىم رىۋايتى:224).
ئەۋرەتلەرنى قىسقا ياكى نىپىزلىك سەۋەبىدىن ئەزالارنىڭ تەپسىلاتلىرىنى كۆرسەتمەيدىغان كىيىم بىلەن يېپىش شەرتتۇر.
كىندىكتىن تىزغىچە
يۈزى ۋە قولىدىن باشقا پۈتۈن بەدىنى ئەۋرەتتۇر. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «ئاللاھ تائالا ھەيز باسقۇچىغا يەتكەن ئايالنىڭ نامىزىنى ياغلىق سىز قوبۇل قىلمايدۇ»، يەنى: قۇرامىغا يەتكەنلەر. (ئەبۇ داۋۇد رىۋايتى:641- تىرمىزى رىۋايتى:377)
ئاللاھ تائالا مۇنداق دىدى «قەيەردىن سەپەرگە چىقساڭ نامىزىڭدا يۇزۇڭنى مەسجىدى ھەرەم 'كەبە' تەرەپكە قىلغىن» [بەقەرە سۈرىسى:149]
مۇسۇلمانلارنىڭ قىبلىسى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاتىسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرىپىدىن ياسالغان شەرەپلىك كەئبە بولۇپ، ئۇيەرگە پەيغەمبەرلەر ھەج قىلىشقا بارغان، بىز ئۇنىڭ پايدا زىيان يەتكۈزلمەيدىغان تاش ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، ئەمما ئاللاھ بىزگە نامازدا ئونىڭ تەرىپىگە يۇزلىنىشكە بۇيرۇدى، بارلىق مۇسۇلمانلار بىر تەرەپكە يۇزلىنىشتە ئىتتىپاقلىشىشى ئۈچۈن، بىز بۇ يۆزلىنىش بىلەن ئاللاھقا ئىبادەت قىلىمىز.
قىبلىگە قانداق يۈزلىنىش
كەبىگە يۇزلىنىشتىن ئاجىز كەلسە ۋاجىب لىق ساقىت بۇلىدۇ. بارلىق ۋاجىب ئىشلار قىلالماسلىق سەۋەبىدىن ساقىت بۇلغاندەك. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «كۇچۇڭلارنىڭ يىتىشچە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار» [تەغابۇن سۈرىسى:16]
ۋاقتىنىڭ كىرىشى نامازنىڭ دۇرۇس بۇلۇشىنىڭ شەرتى بولۇپ، ۋاقتى كىرىشتىن بۇرۇن دۇرۇس بۇلمايدۇ، ئۇنى كېچىكتۈرۈشمۇ مەنئى قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا ئېيتقاندەك: «شۆبھىسىزكى ناماز مۆمىنلەرگە ۋاقتى بەلگىلەنگەن ھالدا پەرز قىلىندى» [نىسا سۈرىسى:103]
نامازنى بىرىنچى ۋاقتىدا ئوقۇغان ئەۋزەل دۇر. ئۇممۇ فەرۋ رەزيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دىگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەمەللەرنىڭ قايسى ئەڭ ئەۋزەل دەپ سورالدى. ئۇ بىرىنچى ۋاقتىدا ئۇقۇغان ناماز دېدى». ئەبۇ داۋۇد رىۋايتى:426)
نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلىش پەرىزدۇر، ئىككى نامازنى بىرلەشتۈرۈشكە رۇخسەت قىلىنغان ئەھۋاللارنىڭ باشقىسىدا، ئۇلارنى كېچىكتۈرۈش مەنئى قىلىنىدۇ.
قاچان ئىسىگە كەلسە قازاسىنى قىلىشقا ئالدراش ۋاجىپ بۇلىدۇ. ئەنەس رەزيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دىگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ. «كىمكى نامازنى ئۇنتۇپ قالسا ياكى ئۇنىڭدىن ئۇخلاپ قالسا ئونىڭ كەففارىتى ئىسىگە كەلگەن ھامان ئوقۇشتۇر» (مۇسلىم رىۋايتى:648)
نامازنىڭ پەرىز بۇلىشى
تۆۋەندىكى ئالامەتلەرنىڭ بىرى تېپىلغاندا بالىغ دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ:
پەرىز قىلىنغان بەش ناماز ۋە ئولارنىڭ ۋاقتى.
بامدات نامىزى: ئۇ ئىككى رەكئەت بولۇپ، ئۇنىڭ ۋاقتى ئىككىنچى تاڭدىن باشلىنىدۇ، ئۇ شەرقتىن ئۇپۇقتا نۇرنىڭ باشلىنىشىدۇر، كۈن چىقىش بىلەن ۋاقتى ئاخىرلىشىدۇ.
ئۇنىڭ پەرزى تۆت رەكئەت بولۇپ، ۋاقتى قۇياشنىڭ قەرلىشى بىلەن باشلىنىدۇ - يەنى قۇياش ئاسماننىڭ ئوتتورسىدا تۇرغاندىن كېيىن غەربكە قاراپ تۆۋەنلىشى - ۋە ھەممە نەرسىنىڭ سايىسى ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقىغا تەڭ بولغاندا ئاخىرلىشىدۇ.
ئۇ تۆت رەكئەت بولۇپ، ئۇنىڭ ۋاقتى پىشىن نامىزىنىڭ ۋاقتىنىڭ چىقىشى بىلەن باشلايدۇ، يەنى ھەر نەرسىنىڭ سايسى ئۆزىگە ئوخشاش بولغاندا، ۋە كۈن ئولتۇرۇش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. مۇسۇلمان قۇياش نۇرى ئاجىزلاش ۋە سېرىق رەڭگە كىرىشتىن بۇرۇن ئالدىراپ ئوقوۋەلىشى كېرەك.
ئۇ ئۈچ رەكئەت بولۇپ، ئۇنىڭ ۋاقتى كۈن پېتىپ ۋە ئۇنىڭ دىسكىسى ئۇپۇقتا غايىب بولۇش بىلەن باشلىنىدۇ، ۋە كۈن ئولتۇرغاندىن كېيىن پەيدا بولغان قىزىل شەپەقنىڭ يوقىلىشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
ئۇ تۆت رەكئەت بولۇپ، ئۇنىڭ ۋاقتى قىزىل شەپەقنىڭ يوقىلىشىدىن باشلىنىپ يېرىم كېچىدە ئاخىرلىشىدۇ، مەجبۇر قالغاندا تاڭ يۇرىغىچە ئوقوۋالسا بۇلىدۇ.