ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ

كىرىشكە تىزىملاتمىدىڭىز
ئۆگىنىشنى باشلاش ۋە ئىلگىرىلىشىڭىزگە ئەگىشىش ۋە نومۇر توپلاش ۋە مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ھازىر Ta مۇنبىرىگە تىزىملىتىڭ، تىزىملاتقاندىن كېيىن، ئۆگەنگەن تېمىلىرىڭىزدا ئېلېكترونلۇق گۇۋاھنامە تاپشۇرۇۋالىسىز.

نۆۋەتتىكى بۆلەك :ناماز

دەرس يۇلۇچى بىلەن كىسەلنىڭ نامىزى.

ئىسلام دىنى ئاسانلىق ۋە كەڭچىلىك دىنى بۇلغانلىق ئۈچۈن، كىسەل بىلەن يۇلۇچىغا نامازنىڭ بەزى ئەھكاملىرىنى يېنىكلىتىپ بەردى. بۇ بۆلۈمدە يۇلۇچى بىلەن كېسەللەرنىڭ نامىزىنىڭ ئەھكاملىرىنى ئۆگىنىسىز.

نىشان: 

  • يۇلۇچىنىڭ نامىزىنىڭ ئەھكاملىرىنى بىلىش.
  • كىسەلنىڭ نامىزىنىڭ ئەھكاملىرىنى بىلىش.

ناماز مۇسۇلمانغا ئەقىل ھۇشىلا بۇلسا ھەر قانداق ئەھۋالدا پەرىز دۇر، لىكىن ئىسلام دىنى كىشىلەرنىڭ ئوخشىمىغان شارائىت ۋە ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتتى، ئۇنىڭ جۈملىسىدىن كېسەللىك ۋە سەپەر قىلىش ئەھۋاللىرى.

يۇلۇچىغا نېمە ئىش سۈننەت بۇلىدۇ؟

يۇلۇچىنىڭ يۆتكىلىش ئەھۋالىدا ياكى ۋاقىتلىق تۇرۇشى تۆت كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، تۆت رەكئەتلىك نامازنى ئىككىگە قىسقارتىپ ئۇقۇشى سۈننەتتۇر. پىشىن ئەسر خۈپتەننى تۆت رەكئەت ئۇقۇشنىڭ ئورنىغا ئىككى رەكئەت ئوقۇيدۇ، ئەگەر مۇقىم ئىمامغا ئىقتىدا قىلسا، نامازدا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئوخشاش تۆت رەكئەت ناماز ئوقۇيدۇ.

يۇلۇچىغا بامدات نامىزىنىڭ سۈننىتى بىلەن ۋىتىر نامىزىدىن باشقا ھەمىشە ئۇقۇلىدىغان سۈننەتلەرنى ئۇقۇمىسىمۇ بۇلىدۇ، تەھەججۈت نامىزىنى مۇھاپىزەت قىلسا رۇخسەت دۇر.

يۇلۇچى ئۈچۈن پىشىن بىلەن ئەسرنى، شام بىلەن خۈپتەننى بىرلەشتۈرۈپ بىرىنىڭ ۋاقتىدا ئۇقۇش رۇخسەتدۇر، بولۇپمۇ سەپەردە يۆتكىلىش جەريانىدا، ئاللاھ تائالا مۇشكۈللۇكنى ئاسان قىلىپ رەھىم قىلىپ يەڭگىللىتىپ بەردى.

بىمارنىڭ نامىزى.

ئۆرە تۇرالمايدىغان ياكى مۇشەققەت بىلەن تۇرىدىغان، ياكى ئۆرە تۇرسا ساقىيېىشى كىچىكىدىغان كىشى نامازنى ئولتۇرۇپ ئۇقىدۇ، ئولتۇرۇشقا قادىر بۇلالمىسا يېتىپ ئۇقىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «نامازنى ئۆرە تۇرۇپ ئۇقا، ئۇنىڭغا قادىر بۇلالمىساڭ ئولتۇرۇپ ئۇقا، ئۇنىڭغىمۇ قادىر بۇلالمىساڭ يېتىپ ئوقا» (بۇخارى رىۋايتى:1117)

كېسەللەرنىڭ نامىزىغا خاس ھۆكۆملەر.

١
كىم رۇكۇ ياكى سەجدە قىلالمىسا، ئىمكانقەدەر ئىشارەت قىلىدۇ.
٢
يەردە ئولتۇرۇش قىيىن بۇلغان كىشى، ئورۇندۇقتا ئولتۇرسا بۇلىدۇ.
٣
كېسەللىكى سەۋەبىدىن ھەر بىر ناماز ئۈچۈن تاھارەت ئېلىش تەس كەلگەن كىشى، پىشىن بىلەن ئەسر، شام بىلەن خۈپتەننى بىرلەشتۈرۈپ ئۇقۇسا بۇلىدۇ.
٤
كىمكى كېسەل سەۋەبىدىن سۇ ئىشلىتىش تەس بولسا، ناماز ئۈچۈن تەيەممۇم قىلسا بۇلىدۇ.

دەرسنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدىڭىز


سىناقنى باشلاڭ