نۆۋەتتىكى بۆلەك :ساياھەت ھۈكۈملىرى
دەرس سەپەردە ناماز ۋە روزا تۇتۇش
سەيلە گاھتا نامازنىڭ ۋاقتى بۇلۇپ يېنىدا مەسجىد بۇلمىسا، ھەر ناماز ئۈچۈن ئۈنلۈك ئەزان ئېتىدۇ.
ئابدۇللاھ بىن ئابدۇراھمان بىن ئەبى سەئسەئەنىڭ ھاۋالىسى بىلەن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئەبۇ سەئىدىلخۇدرى رەزىيەللاھۇئەنھۇ ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «قاراسام سەن قوي ۋە سەھرانى ياخشى كۆرىدىكەنسە. قۇيلىرىڭ قېشىدا ياكى سەھرايىڭدا بۇلۇپ، نامازغا ئەزان ئېتساڭ، ئۈنلۈك ئېتتقىن، مۇئەززىننىڭ ئاۋازىنى مەخلۇقلاردىن جىن، ۋە يا ئادەم ۋە ياكى قانداق بىر نەرسە ئاڭلاپلا قالسا، قىيامەت كۈنى ئۇلار ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ». ئەبۇ سەئىد. مەن بۇنى رەسۇلۇللاھتىن ئاڭلىدىم، دېدى:»(بۇخارى رىۋايتى:609).
بۇنىڭدىن نامازغا چاقىرىشنىڭ پەزىلىتى بىلىنىدۇ، سەپەرگە چىققانلار بۇنىڭدىن نومۇس قىلماسلىقى، ياكى ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلمەسلىك قىلماسلىقى كېرەك، ۋە يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: «مۇئەززىننىڭ ئاۋازى يەتكەن يەرگە قەدەر ئۇنىڭغا مەغپىرەت قىلىنىدۇ. ۋە ھەر قانداق ھۆل قۇرۇق نەرسىلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ» (ئىبنى ماجە رىۋايتى:24).
سەپەر ياكى ساياھەتتىكى كىشى قىبلەنىڭ يۆنىلىشىنى بىلىشكە تىرىشىشى كېرەك، ئۇنىڭدىكى مەقسەد مەككە تەرەپكە يۈزلىنىش، ئەگەر كەئبىنى كۆرەلمىسە، ئۇنىڭ تېرىپىگە يۈزلىنىش كۇپايە قىلىدۇ، ئىنچىكلەپ كەئبەنىڭ ئۈزىگە يۈزلىنىش زۆرۈر ئەمەس، چۈنكى بۇ قىيىن ھەم ساھابەلاردىن كەلمىگەن.
ئەگەر قىبلەنى تېپىشتا تىرىشىپ، نامازنى تاماملىغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ قىبلەدىن باشقا تەرەپكە قاراپ ئۇقۇغانلىقىنى گەرچە بىلسىمۇ ئۇكىشىنىڭ نامىزى دۇرۇس بولىدۇ، قايتا ئوقۇمايدۇ، ئەگەر ناماز جەريانىدا بىلسە، قىبلە تەرەپكە بۇرۇلۇدۇ. ئەمما ئۇ كىشى تىرىشماستىن نامازنى باشلاپ، تۈگىگەندە قىبلەدىن باشقا تەرەپكە ئۇقۇغانلىقىنى بىلسە، نامازنى قايتا ئۇقۇيدۇ.
قىبلەنى بىلىشتە زامانىۋى ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىش، ياكى قۇياش ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ ئىشەنچلىك كۆرسەتمىلىرى، ياكى يۇرت خەلقى ۋە ئۇلارغا ئۇخشاش ئىشەنچلىك كىشىلەرنىڭ ئېتىپ بىرىشى، ياكى قىبلەنى كۆرسىتىدىغان مىھراپلارنىڭ بولۇشى يېتەرلىكتۇر.
سەپەردە نامازغا رىئايە قىلىش ئەڭ چوڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى بۇلۇپ، ئۇ بەدىنىڭ ئېتىقادىنىڭ سەمىمىيلىكىنىڭ دەلىلىدۇر.
ھەدىس شەرىپتە مۇنداق كەلگەن: «جامائەتتىكى ناماز يىگىرمە بەش نامازغا باراۋەر بۇلىدۇ. ئەگەر بىر كىشى چۆل باياۋاندا، رۇكۇ ۋە سەجدە لەرنى تاماملاپ، ناماز ئۇقۇسا، ئۇ ئەللىك نامازغا باراۋەر بۇلىدۇ» (ئەبۇ داۋۇد رىۋايتى:560).
بۇ بەلكىم بەندىنىڭ ئاللاھقا باغلانغانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن قورققانلىقىنىڭ دەلىلى بولىدۇ. كىشىلەردىن ۋە ئۇلارنىڭ نەزەرىدىن يىراق بولغان ئەھۋالدىمۇ، بۇ نىڭ ئۈچۈن ھەدىس شەرىپتە مۇنداق كەلگەن «پەرۋەردىگارىڭ تاغ چوقىسىدا پادىچىلىق قىلىپ، ئەزان ئېتىپ ناماز ئۇقۇيدىغان بەندىدىن ئەجەپلىنىپ، ماۋۇ بەندەمگە قاراڭلار، مەندىن قۇرقۇپ ئەزان ئېتىپ ناماز ئۇقۇۋاتىدۇ، مەن ئۇنىڭغا مەغپىرەت قىلدىم، ۋە ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزىمەن، دەيدۇ» (ئەبۇ داۋۇد رىۋايتى:1203).
كىشىلەر سوغۇق جايلارغا قىلغان سەپىرىدە ئوت ياقىدۇ، ئۇ بەلكىم قىبلە تېرىپىدە بولۇشى مۇمكىن، ئۇتقا چۇقۇنىدىغان مەجۈسلارغا ئۇخشاپ قالماسلىق ئۈچۈن، ئەڭ ياخشىسى نامازنى ئوتقا قاراپ ئۇقۇماسلىق، بولۇپمۇ ئىمام، چۈنكى ئوت نامازدىكى كىشىنىڭ زھنىنى چېچىۋىتىدۇ، ئەگەر ئۇلار ئىسسىنىش ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولسا، ياكى بۇ يەرنى ئۆزگەرتىشتە قىيىنچىلىق بۇلسا، ئۇنىڭدا چاتاق يوق.
ئىككى نامازنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ مەنىسى شۇكى، پىشىن نامىزىنى ئەسر نامىزى بىلەن جۈغلاپ، ياكى شام نامىزىنى خۇپتەن نامىزى بىلەن بىللە جۈغلاپ ئۇقۇشتۇر. بىرلەشتۈرۈش ياكى ئالدىنقىسىنى ئارقىغا كىچۇكتۈرۈش، ياكى كېيىنكىسىنى ئالدىغا سۈرۈش بىلەن بۇلۇپ، ئىككى ناماز بىرىنىڭ ۋاقتىدا ئوقۇلىدۇ. بىرلەشتۈرۈشكە رۇخسەت قىلىدىغان ئۆزرە لەرنىڭ بىرەرسى يۈز بەرگەندە.
قىسقارتىشنىڭ مەنىسى شۇكى، تۆت رەكئەتلىك ناماز ئىككى ئۇقۇلىدۇ، يەنى پىشىن، ۋە ئەسر ۋە خۈپتەن، ئەمما شام بىلەن بامدات قىسقارتىلمايدۇ.
ساياھەتتە نامازنى بىرلەشتۈرۈش ۋە قىسقارتىشقا رۇخسەت قىلىدىغان ئۆزرە لەر ئىچىدە: سەپەر قىلىشدۇر، ئۇنىڭدىن مۇرات: يۇرتتىن ئايرىلىپ يىراق جايغا بېرىشدۇر. بەزى ئالىملار ئۇنى ھازىرقى زامان ئۆلچىمى بويىچە 80 كىلومېتىرغا يېقىن ئارلىق دەپ ئۆلچىگەن، مۇشۇنىڭغا ئاساسەن بىر كىشى شەھىرىگە يېقىن سەيلىگاھقا چىقسا، نامازنى قىسقارتماسلىقى كېرەك، ئەگەر سەپەر دەپ قارالغان ئارىلىققا چىقسا، كۈڭۈل ئېچىشقا چىقسىمۇ نامازنى قىسقارتىشى كېرەك.
نامازنى قىسقارتىش يۇلۇچى ئۈچۈن بىر سۈننەت بولۇپ، بىرلەشتۈرۈشكە كەلسەك، ئەگەر ئۇ سەپەر يۇلىدا بولسا، ئۇنىڭ مېڭىشىغا ماس ھالدا ئالدىغا سۈرۈپ ياكى كېچىكتۈرۈپ ئۇقىسا بولىدۇ. ئەگەر ئۇ بىر جايدا مۇقىم بولسا، ھەر بىر نامازنى ۋاقتىدا ناماز ئوقۇشى ئەۋزەلدۇر، بولۇپمۇ مەسچىتتە جامائەت بىلەن ئۇقۇسا.
سەپەردىكى كىشىلەر ساياھەتنىڭ ئالدىراشلىقى بىلەن، نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلىشقا سەل قارىماسلىقى كېرەك، ئاللاھ تائالا ئۇرۇش ھالىتىنى تىلغا ئالغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «خاتىرجەم بۇلغان چېغىڭلاردا نامازنى تۇلۇق ئادا قىلىڭلار، شەكسىزكى ناماز مۇئمىنلەرگە ۋاقتى بەلگىلەنگەن پەرزدۇر» (نىسا سۈرىسى:103)
سەپەردە نامازنى بىرلەشتۈرگەندە بىر ئەزان يىتەرلىك بۇلىدۇ، ئاندىن ھەر بىر نامازدغا ئايرىم ئىقامەت ئۇقۇلىدۇ. ئەمما نامازنىڭ زىكرى تەسبىھلىرى ئىككنجى نامازدىن كېيىن ئېتىلىدۇ.
سەپەرلەردە نامازنى جەملەپ ۋە قىسقارتىپ ئۇقۇشقا ئۆزرە بۇلىدىغان سەۋەبلەرنىڭ بەزىدە ئۇخشىماسلىق پەرقى بۇلىدۇ، ئاساسلىق پرىنسىپ شۇكى، ئىمام ۋە گۇرۇپ باشلىقى دادا غا ئۇخشاش مەسئۇل، شۇڭا ئۇ بىلىمى بولسا تىرىشىپ ھەمدە بىلىمى بارلار بىلەن مەسلىھەتلىشىشى كېرەك، دۇرۇس دەپ قارىمىسا، قىسقارتمايدۇ ۋە توپلىمايدۇ، جامائەت تالاش-تارتىش قىلماسلىقى كېرەك، چۈنكى ئىناقلىقمۇ ئىبادەتتۇر.
سەپەردە رۇزا تۇتۇش مەقسەت قىلىنمايدۇ، ئەمما كىمنىڭ روزا تۇتۇش ئادىتى بۇلۇپ، مەسىلەن دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى ئۇنىڭ سەپىرىگە توغرا كەلسە، ئۇنىڭ روزا تۇتۇشىغا ھېچ چەكلىمە يوق.
ئەنەسنىڭ ھاۋالىسى بىلەن رىۋايەت قىلىنىدۇكى ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە سەپەر قىلاتتۇق، روزا تۇتقۇچى ئاغزى ئۇچۇق كىشىنى، نە ئاغزى ئۇچۇق كىشى رۇزا تۇتقۇچىنى ئېيىپلىمىدى» (بۇخارى رىۋايتى:1947، مۇسۇلىم رىۋايتى:1118).