ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ

كىرىشكە تىزىملاتمىدىڭىز
ئۆگىنىشنى باشلاش ۋە ئىلگىرىلىشىڭىزگە ئەگىشىش ۋە نومۇر توپلاش ۋە مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ھازىر Ta مۇنبىرىگە تىزىملىتىڭ، تىزىملاتقاندىن كېيىن، ئۆگەنگەن تېمىلىرىڭىزدا ئېلېكترونلۇق گۇۋاھنامە تاپشۇرۇۋالىسىز.

نۆۋەتتىكى بۆلەك :ساياھەت ھۈكۈملىرى

دەرس سەپەردە كۆپ ئۇچرايدىغان ئومۇم يۈزلۈك ھۈكۈملەر.

سەپەر ساياھەتكە مۇناسىۋەتلىك ئەھكاملار ناماز ۋە روزا بىلەن تۇختىماستىن باشقا ئەھۋاللارمۇ بار. بۇ دەرسلىكتە سىز ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى ئۆگىنىسىز.

سەپەردە بېلىۋەلىشقا كۆپ ئېھتىياجلىق بولىدىغان ئومۇم يۈزلۈك ھۈكۈملەر.

ئۇخلىغاندا ئوتنى ئۆچۈرۈش

ئۇخلاشتىن بۇرۇن، قىشلىق سەپەرلەردە كۈپۈنچە ھالدا يورۇلىدىغان ئوتنى ئۆچۈرۈش كېرەك. بولۇپمۇ چېدىرلار ۋە شۇنىڭا ئوخشاش يەرلەردە.

ئەبۇ مۇسەلئەشئەرىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دېدى: مەدىنەدىكى بىر ئۆي كېچىدە ئۆز خەلقىگە كۆيۈپ كەتتى، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بايان قىلىندى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «شۈبھىسىزكى، بۇ ئوت سىلەرگە دۈشمەندۇر.شۇڭا ئۇخلىغاندا ئۇنى ئۆچۈرۈۋېتىڭلار» (بۇخارى رىۋايتى:6294، مۇسۇلم رىۋايتى:2016) يەنە بىر ھەدىستە:«ئۇخلاۋاتقاندا ئۆيىڭىلاردا ئوتنى تاشلاپ قويماڭلار» (بۇخارى رىۋايتى:6293، مۇسۇلىم رىۋايتى:2015) ۋە باشقا بىر ھەدىستە: «چاشقان بەلكىم پىلىكنى سۆرەپ ئۆيگە ئوت قۇيۋىتىدۇ». (بۇخارى رىۋايتى:3316، مۇسۇلىم رىۋايتى:2012).

ئوۋ ئوۋلاش ئەھكاملىرى

ئاساسىي پرىنسىپتا ئوۋ ئوۋلاشقا رۇخسەت، ئەمما ئوۋ ئوۋلاش يۈرەكنىڭ ئۇنىڭغا باغلىنىپ، دىن ۋە ئائىلىنىڭ مەنپەئەتىدىن يىراقلىشىشىنىڭ سەۋەبى بولماسلىقى، ياكى ئۇيناش ۋە ئىسراپچىلىق ۋە ماختىنىشنىڭ سەۋەبى بولماسلىقى كېرەك. ھەدىس شەرىپتە مۇنداق دېيىلگەن: «سەھرادا ياشىغان كىشىنىڭ مىجەزى قۇپاللىشىدۇ، ئوۋ قۇغلىغان كىشى ھاڭ ۋاقتى بۇلىدۇ» (ئەبۇ داۋۇد رىۋايتى:2859)

ئاساسلىق پرىنسىپتا بارلىق ھايۋانلارنى ئوۋلاپ يېيىشكە بولىدۇ، لىكىن شەرىئەتتە چەكلىمە كەلگەنلەر مەسىلەن، ھەر خىل بۆرە، ۋە تۈلكە گە ئۇخشاش، يېرىتقۇچى ياۋايى ھايۋانلار، ۋە ھەر خىل: بۈركۈتكە ئۇخشاش پەنجىلىك قۇشلار، ۋە ھەر خىل: يىلان قاتارلىق زەھەرلىك ھايۋانلارنى يېىش چەكلىنىدۇ.

يىل بويى ياۋا ۋە دېڭىز ھايۋانلىرىنى ئوۋلاشقا بولىدۇ. بۇنىڭ جۈمە ياكى رامىزان ياكى مۇقەددەس ئايلار ۋە باشقا كۈنلەر ئارىسىدا ھېچقانداق پەرقى يوق، ئەمما مەككە ياكى مەدىنەنىڭ دائىرسدىكى ئوۋ ھايۋانلىرىنى ئوۋلاش مەنئى قىلىنىدۇ، ھەمدە باشقىلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى ھايۋانلارنى ئوۋلاشمۇ مەنئى قىلىنىدۇ. ئېھرامدىكى كىشىگىمۇ قۇرۇغلۇقتىكى ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلاش مەنئى قىلىنىدۇ.

ئوۋچىنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى، ۋە ئۇنى بىسمىللاھ دەپ، ئۈگۈتىلگەن ئىت ياكى قۇشلار تەرىپىدىن ئوۋلىشى، شەرىت قىلىنىدۇ. ئەگەر ئۇۋچى قۇش ئىگىسىنىڭ خەۋرىسىز ئۈزى ئۈچۇپ تۇتسا، ياكى قۇرالدىن مەقسەت سىز چىقىپ تەككەن ئوق بىلەن، تۇتۇلغان جانۋارنى ئۆلۈشتىن بۇرۇن، بوغۇزلىمىسىلا يېيىش توغرا ئەمەستۇر.

شۇنداقلا ئوۋنىڭ ئۆلۈمى ئۇنى يارىلاندۇرغانلىقتىن بۇلۇشى شەرت قىلىنىدۇ، ئۇنى بوغۇش، ياكى غەرق قىلىش، ياكى ئېغىر نەرسە بىلەن ئۇرۇش، ياكى ئېگىزدىن چۈشۈرۈۋېتىش بىلەن ئەمەستۇر. ئەگەر ئوۋغا يېتىشكەندە تىرىك بۇلسا، ئۇنى شەرىئەت بويىچە بوغۇزلىشى كېرەك.

ئوۋنى ئوۋلاپ يېمەيدىغان ئادەمگە ئوخشاش، ئوۋنى ئويناش ئۈچۈن ئۆلتۈرۈش مەنئى قىلىنىدۇ، ئوۋ ئاسۋاپلىرى بىلەن كىشىلەرنى قورقىتىش، ۋەشۇنداقلا قۇشلارنى باغلاپ ئوۋ ئوۋلاشنى مەشىق قىلىش گۇناھتۇر.

«ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قۇش سۇقۇۋاتقان قۇرەيشلىك ياشلارنىڭ يېنىدىن ئۆتتى، ئۇلار قۇشنىڭ ئىگىسىگە تەگمىگەن ئوقيانىڭ ھەممىنى بىرىشكە ۋەدە قىلىشىپتۇ، ئۇلار ئىبنى ئۆمەرنى كۆرۈپ تارقاقلاشتى. ئىبنى ئۆمەر مۇنداق دېدى: بۇنى كىم قىلدى؟ بۇ ئىشنى قىلغان كىشىگە ئاللاھ لەنەت قىلسۇن. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام جانلىق نەرسىنى نىشان قىلغان كىشىگە لەنەت ئوقۇدى» (بۇخارى رىۋايتى:5515، مۇسلىم رىۋايتى:1958).

چاقچاق قىلىپ بولسىمۇ، باشقىلارغا قورال تەڭلەش مەنئى قىلىنىدۇ. ھەدىس شەرىپتە: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار قېرىندىشىغا قۇرال بىلەن ئىشارەت قىلمىسۇن، شەيتاننىڭ ئۇنىڭ قۇلىغا سۈيقەست قىلىش ئىھتىمالى بار، ئۇنى تۇيماي قېلىپ دۇزاخنىڭ ئۇرىسىغا چۈشۈپ كەتمىسۇن» (بۇخارى رىۋايتى:7072، مۇسلىم رىۋايتى:2617) يەنە بىر ھەدىستە: «كىمكى ئۈزۈنىڭ قېرىندىشىغا تۇمۇر تەڭلىسە، ئۇنى تاشلىمىغۇچە پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا لەنەت قىلىدۇ، ئەگەرچە دادىسى ۋە ئانىسى بىر قېرىندىشى بولسىمۇ). (مۇسلىم رىۋايتى:2616).

ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى قوغداش ئۈچۈن، ئوۋ ئوۋلىغۇچى ئوۋ قائىدىسى ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى بىلىشى كېرەك. شەرىئەت بۇيچە ھايۋانلارنى تۇغرا بوغۇزلاش، ۋە ئوۋ ئىتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، ئوۋنىڭ ئۈلۈپ كىتىش ئەھۋاللىرىغا ئائىت ئالاھىدە ھۆكۈملەر بار، شۇڭا بۇ توغرىلىق بىلىم ئىگىلىرىگە باغلىق.

يېمەكلەر ھۈكۈملىرى

ئاساسلىق پرىنسىپتا، چەكلىگەنگە پاكىت بولمىسا، يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى ھالالدۇر.

چەكلەنگەن يېمەك-ئىچمەك لەردىن

١
ئۆلۈك ۋە ئۇنىڭ تۇغۇندى مەھسۇلاتلىرى
٢
چوشقا
٣
ھاراق ۋە زەھەرلىك چېكىملىك لەر، ۋە ھەر قانداق: كۆپ بۇلسا ئەقىلنى بۇلغايدىغان نەرسەنىڭ ئېزىمۇ ھارام بۇلىدۇ.
٤
بەدەنگە زىيانلىق نەرسىلەر
٥
شىر، ئىت ۋە مۈشۈك لەرگە ئۇخشاش ئۇ ئوۋلىيالايدىغان قۇزۇق تىشلىقلار، ياكى بۈركۈت، ۋە لاچىن قاتارلىق ئوۋ ئوۋلىيالايدىغان تىرناقلىقلار.
٦
ئوغرىلانغان ۋە بۇلانغان يېمەكلىكلەر

چۆلدە ياكى بازارلاردا تېپىلغان بارلىق ئۆسۈملۈك ۋە مېۋىلەرنى يېيىشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ، ئەمما مۇسۇلمان ئۆزىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ياكى بىخەتەر لىكىنى بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى يېمەسلىكى كېرەك.

دەرسنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدىڭىز


سىناقنى باشلاڭ