نۆۋەتتىكى بۆلەك :ئىمان
دەرس ئاللاھنىڭ ياراتقۇچى ۋە پەرۋىش قىلغۇچى ئىكەنلىكگە ئىشىنىش
ئاللاھنى يارىتىشتا يېگانە دەپ ئېتىقاد قىلىشنىڭ مەنىسى.
ئاللاھ تائالا كائىناتتىكى ھەممە نەرسىنى يالغۇز ياراتقۇچى ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ياراتقۇچى يوقتۇر، ئاللاھ تائالا ئېيتقاندەك: «ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر» [زۈمەر سۈرىسى:62] ئىنساننىڭ ياسىشىغا كەلسەك، ئۇ بىر سۈپەتتىن يەنە بىر خۇسۇسىيەتكە ئۆزگەرتىش، ياكى يىغىش ۋە قۇراشتۇرۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ ھەقىقىي يارىتىىش ۋە يۇقتىن ئىجات قىلىش ۋە يا ئۈلگەندىن كيين تىرىلدۇرۇش ئەمەستۇر.
ئۇ بارلىق مەخلۇقاتلارنى ئۇزۇق بىلەن تەمىنلىگۈچىى، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق رىزىق بەرگۈچى يوقتۇر، ئاللاھ تائالا ئېيتقاندەك: «يەر يۈزىدىكى ھەربىر جانلىقنىڭ رىزىقى ئاللاھ تائالانىڭ ئۈستىگە دۇر» [ھۇد سۈرىسى:6]
ئۇ ھەممە نەرسىنىڭ ئىگىسىدۇر، ھەقىقەتتە ئۇنىڭدىن باشقا ئىگە يوقتۇر، ئاللاھ مۇنداق دېدى: «ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلاردىكى پۈتكۈل مەۋجۇداتنىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر» [مائىدە سۈرىسى:120]
ئۇ ھەممە نەرسىنى ئىدارە قىلغۇچىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھىچ ئىدارە قىلغۇچى يوقتۇر، ئاللاھ ئېيتقاندەك: «ئاللاھ تائالا ئاسماندىن زېمىنغىچە بولغان ئىشلارنى ئىدارە قىلىپ تۇرىدۇ» [سەجدە سۈرىسى:5]
ئاللاھىنىڭ ئىدارە قىلىشى ۋە ئىنساننىڭ ئىدارە قىلىشى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىكى ئەرەپ مۇشرىكلىرى ئاللاھنىڭ ياراتقۇچى ئىكەنلىكنى ئېتىراپ قىلاتتى:
ئىنسان ئاللاھنىڭ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچى ۋەبۇتۇن كائىناتلارنى ئىدارە قىلغۇچى. ۋە ھەر بىر جانلىقنىڭ ھاياتى ۋە ئەجەلى ئۇنىڭ ئىلىكىدە ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلىپ تۇرۇپ، ئاندىن ئۇ بىر قىسىم ئىبادەتلەرنى ئاللاھنىڭ غەيرىگە سەرىپ قىلىشى ئەقىلگە قانداقمۇ ئۇيغۇن كەلسۇن؟! بۇ ئەڭ قەبىھ ئادالەتسىزلىك ۋە ئەڭ چوڭ خاتالىقتۇر، شۇڭلاشقا لۇقمان ھەكىم ئوغلىغا نەسىھەت قىلىپ يېتەكلەش جەريانىدا ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن: ««ئى ئوغلۇم! ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگىن. چۈنكى شېرىك كەلتۈرۈش ھەقىقەتەن چوڭ زۇلۇمدۇر» [لۇقمان سۈرىسى:13]
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قايسى گۇناھ چوڭ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇ: «ئاللاھ سىنى يالغۇز ياراتقان تۇرۇغلۇق سىنىڭ ئۇنىڭغا شىرىك كەلتۇرۇشۇڭ» دېدى (بۇخارى:4477، مۇسلىم:86).
ئەگەر بەندە مەخلۇقاتلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئاللاھنىڭ تەقدىرىدىن چەتنەپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى بىلسە، چۈنكى ئۇلۇغ ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ياراتقۇچىسى، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ياراتقۇچى يوق، ئاللاھ ئۇلارنىڭ پادىشاھى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى ئۈزىنىڭ ھىكمىتىنىڭ تەقەززاسى بۇيچە تەسەررۇپ قىلىدۇ. ھەمدە بەندە قاچانىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى پاك ئاللاھنىڭ ئىلىكىدە ئىكەنلىكىنى بىلسە، پۈتۈن كائىناتنى بىر ئاللاھتىن باشقا ھىچ ئىدارە قىلغۇچىنىڭ يوقلىغىنى، ۋە زەررە چاغلىق نەرسىنىڭ ئاللاھنىڭ ئىزنى سىز مىدىرلىمايدىغانلىقىنى ۋە سۇكۇت قىلمايدىغانلىقىنى بىلىش كىرەك، ھەمدە بەندە قاچانىكى ئاللاھتىن باشقا ھىچ رىزق بەرگۇچىنىڭ يوقلىقىنى كەسكىن بىلسە بۇ ئۇنىڭ قەلبىگە يالغۇز ئاللاھقا بولغان باغلىنىشنى، ۋە سوئال سوراشنى ۋە ئۇنىڭغا ھاجەتمەنلىكىنى ئىزھار قىلىپ ۋە پۈتۈن ھاياتىدىكى بارلىق ئىشلىردا بىر ئاللاھقا تايىنىشنى كەلتۇرۇدۇ.