ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ

كىرىشكە تىزىملاتمىدىڭىز
ئۆگىنىشنى باشلاش ۋە ئىلگىرىلىشىڭىزگە ئەگىشىش ۋە نومۇر توپلاش ۋە مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ھازىر Ta مۇنبىرىگە تىزىملىتىڭ، تىزىملاتقاندىن كېيىن، ئۆگەنگەن تېمىلىرىڭىزدا ئېلېكترونلۇق گۇۋاھنامە تاپشۇرۇۋالىسىز.

نۆۋەتتىكى بۆلەك :ئىبادەت

دەرس ئىبادەتنىڭ ھەقىقىتى

ئىبادەتنىڭ ئىسلام دىنىدا كاتتا ئورۇنى بار. بۇ دەرس ئۇنىڭ مەنىسىنى، ۋە ھەقىقىتىنى، ئاساسلىرىنى، ۋە تۈرلۈك بولۇشىدىكى ھېكمىتىنى بايان قىلىدۇ.

  • ئىبادەتنىڭ مەنىسىنى ۋە ھەقىقىتىنى بىلىش.
  • ئۇنىڭ ئاساسلىرىنى ۋە تۈرلىرىنى بىلىش.
  • تۈرلۈك بۇلۇشتىكى بەزى ھېكمەتلىرىنى بىلىش.

ئىبادەتنىڭ مەنىسى

ئىبادەت دېگەن: ئاللاھ ياخشى كۆرۈپ ۋەرازى بولىدىغان ئاشكارا -يۇشۇرۇن سۆز ۋە ئەمەللەر نىڭ ھەممىسىنىڭ ئىسمىدۇر. ئاللاھ ياخشى كۆرگەن پۈتۈن ئەمەل ۋە سۆزلەر ئىبادەت ھېسابلىنىدۇ.

ئىبادەتنىڭ ھەقىقىتى

ئىبادەت دېگەن: سۈيەش ئولوغلاش بۇيسۇنۇش بىلەن مۇتلەق ئىتائەت قىلىشدۇر، ئۇ ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئۈستىدىكى ھەققىدۇر، ئۇ باشقا ھېچكىم سىز ئاللاھقا خاستۇر. ئۇ ئاللاھ ياخشى كۆرۈپ رازى بۇلىدىغان ۋە بۇيرىغان، ۋە كىشلەرنى ئونىڭغا ئوندېگەن سۆز ۋە ئەمەللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مەيلى ناماز زاكات ۋە ھەجگە ئوخشاش تاشقى ئەمەللەر بولسۇن. ياكى قەلىب بىلەن ئاللاھنى ئەسلەش ۋە قورقۇش ۋە ئونىڭغا تاينىش ۋە ئونىڭدىن ياردەم سۇراش قاتارلىق ئىچكى ئەمەللەردىن ۋە باشقىلار بولسۇن.

ئىبادەتلەرنى تۇرلۇك قىلىپ بىرىشى، ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە قىلغان رەھمىتىدىن ئىبارەتتۇر، ئۇلارنىڭ ئىچىدە:

١
قەلبنىڭ ئىبادەتلىرى: ئاللاھنى سۆيۈش، ئۇنىڭدىن قورقۇش ۋە ئۇنىڭغا تايىنىش دېگەندەك، ئۇلار ئىبادەتنىڭ ئەڭ ياخشىسى ۋە ئەڭ ئەۋزىلىدۇر.
٢
جىسمانىي ئىبادەتلەر: ئونىڭ تىلغا مۇناسىۋەتلىكلىرى بار، مەسىلەن ئاللاھنى ئەسلەش، قۇرئان ئوقۇش ۋە چىرايلىق سۆزلەش دىگەندەك. ئونىڭدىن قالغان ئەزالارغا ئالاقىدارلىرى بار. تاھارەت ئېلىش روزا تۇتۇش ۋە ناماز ئۇقۇش. ۋە زىيانلىق نەرسىلەرنى يولدىن ئېلىۋىتىش قاتارلىقلار.
٣
پۇل مۇئامىلە ئىبادەتلىرى: زاكات، سەدىقە ۋە ياخشىلىق يۇللىرىغا خەير-ساخاۋەت قىلىش دېگەندەك.
٤
ئونىڭ ئىچىدە ھەممە ئىبادەتلەرنى جەمىلەيدىغىنى بار، ھەج ۋە ئۆمرىگە ئوخشاش.

ئىبادەتنىڭ كۆپ خىللىقىدىكى ھېكمىتى

ئاللاھنىڭ ئىبادەتلەرنى تۇرلۇك بىر قانچە قىلىپ بىرىشى. ئىنسان ئۆزىدە ئىبادەتكە بولغان پائالىيەتجان ۋە قىزغىنلىقنى ھىس قىلىپ بىمالال ئادا قىلىش ھىكمىتىدىن ئىبارەتتۇر، شونىڭغا ئوخشاش ئنسان ئوزى تەلپۇنىۋاتقان ئىبادەتكە يۈزلىنىدۇر.

ئىبادەتلەر تۈرلۈك بولغاندەك، كىشىلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ مايىللىقى ۋە قابىلىيىتى بىلەن ھەر خىل بۇلىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بەزى ئىبادەتنى باشقىلارغا قارىغاندا ئاكتىپلىق ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن قىلىدۇ. بەلكىم ئۇلارنىڭ بىرىگە كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىش ياخشى كۆرۈلسە، يەنە بىرى ئۇنىڭغا نەفىل روزىنى كۆپ تۇتۇش ئاسان كۇرنىدۇ، ئۈچىنچى بىرىگە ئۇنىڭ قەلبى قۇرئان ئوقۇش ۋە ئۇنى يادلاشقا باغلىنىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىم ناماز ئەھلىدىن بولسا، ئو ناماز دەرۋازىسىدىن چاقىرىلدۇ (يەنى جەننەتكە كىرىشكە)، كىم جىھاد ئەھلىدىن بۇلسا، جىھاد دەرۋازىسىدىن چاقىرلىدۇ، كىم خەير-ساخاۋەت ئەھلىدىن بۇلسا، خەير-ساخاۋەت دەرۋازىسىدىن چاقىرىلدۇ، كىم روزا تۇتقۇچىلاردىن بولسا رەييان دەرۋازىسىدىن چاقىرلىدۇ دىگەندە. ئەبۇ بەكر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بۇ ئىشىكلەرنىڭ ھەممىسىدىن چاقىرىلدىغانلار بارمۇ؟ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «شۇنداق، سىنى ئۇلارنىڭ بىرى بولۇشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن» (بۇخارى: 1798، مۇسلىم:1027).

ئىبادەت ھاياتنىڭ ھەممە ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

ئىبادەت مۆمىننىڭ بارلىق ھەرىكەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەگەر ئونىڭ بىلەن ئاللاھقا يېقىن بۇلۇشنى نىيەت قىلسا. ئىسلامدىكى ئىبادەت ناماز رۇزا، ۋە ئونىڭغا ئۇخشىغان مەشھۇر ئىبادەتلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، بەلكى تامامى پايدىلىق ئەمەللەر، ياخشى نىيەت ۋە توغرا مەخسەت بىلەن مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغان ئىبادەتكە ئايلىنىدۇ. ئەگەر بىر مۇسۇلمان ئاللاھنىڭ تائىتىگە جانلىنىش نىيىتى بىلەن يېگەن ئىچكەن ياكى ئۇخلىغان بولسا، ئونىڭغا ساۋاپ بىرىلىدۇ.

مۇسۇلمان پۈتۈن ھاياتىدا ئاللاھ ئۈچۈن ياشايدۇ، ئو ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتا كۈچلۈك بۇلۇش ئۈچۈن يەيدۇ، ئۇنىڭ بۇ نىيىتى بىلەن غىزالىنىشى ئىبادەتتۇر، ھەمدە ئۇ ھارامدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن توي قىلىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ نىكاھى ئىبادەت، مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان ئۇنىڭ سودا خىزمىتى ۋە پۇل تېپىشىمۇ ئىبادەت، ئۇنىڭ بىلىم ۋە دىپلۇمغا ئېرىشىشى ۋە ئۇنىڭ تەتقىقاتى ۋە بايقىشى ۋە كەشپىياتى ئىبادەت. شۇنداقلا ئايالنىڭ ئېرى ۋە بالىلىرى ۋە ئۆيىگە كۈڭۈل بۈلۈشى ئىبادەت، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھاياياتنىڭ ھەممە ساھەلىرى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ياخشى نىيەت بىلەن بولسىلا ئىبادەت ھىساپلىنىدۇ.

ئىبادەت يارىتىلىشنىڭ ھېكمىتى:

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «جىنلارنى ۋە ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ياراتتىم. ئولاردىن مەن رىزق تىلىمەيمەن. ۋە ئولارنىڭ مىنى ئوزۇقلاندۇرۇشنى تىلىمەيمەن. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىگە رىزىق بەرگۇچىدۇر. قۇدرەتلىكتۇر» [زارىيات سۈرىسى:56-58].

ئاللاھ تائالا ئىنسانلار ۋە جىنلارنى يارىتىشتىكى ھېكمەت تۇغۇرلۇق خەبەر بەردى، ئو بولسىمۇ ئولارنىڭ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشى، ۋە ھالەنكى ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىبادەتلىرىدىن بىھاجەتتۇر، ئۇلار ئاللاھقا مۇھتاج بۇلغانلىقى ئۈچۈن، ئونىڭغا ئىبادەت قىلىشقا ئېھتىياجلىقدۇر.

ئەگەر بىر ئادەم بۇ نىشانغا سەل قاراپ دۇنيانىڭ لەززەتلىرىگە بېرىلىپ كەتسە، ئۇ ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىكى ئىلاھىي ھېكمەتنى ئەسلىيەلمەيدىغان بۇ يەر شارىدىكى باشقا جانلىقلاردىن پەرقى يوق مەخلۇققا ئايلىنىدۇ.ھايۋانلارمۇ ھەم يەپ بىھۆدە يۈرىدۇ. ئەگەرچە ئاخىرەتتە ھېساپقا تارتىلمىسىمۇ ئىنسانلارنىڭ ئەكسىچە. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «كاپىرلار بولسا (دۇنيا ھاياتىدىن بىرئاز) بەھرىمەن بولىدۇ ۋە ھايۋانلاردەك يەپ - ئىچىدۇ. (ئاخىرەتتە) ئۇلارنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ» [مۇھەممەد سۈرىسى:12]. ئۇلار ھەرىكەت ۋە نىشانلىرىدا ھايۋانلارغا ئوخشىدى، لېكىن ئۇلار ئاشۇنىڭغا جازاغا تارتىلىدۇ. چۈنكى ئۇلاردا چۈشۈنۈپ بىلىدىغان ئەقىل بار، ئەقلى يوق ھايۋانلارنىڭ ئەكىسچە.

ئىبادەتنىڭ ئاساسلىرى

ئاللاھ بۇيرۇغان ئىبادەت ھەر بىرى يەنە بىرىنى تولۇقلايدىغان مۇھىم ئۈچ ئاساسقا ئاساسلىنىدۇ.

ئىبادەتنىڭ ئاساسلىرى

١
پاك ئاللاھنى سۆيۈش
٢
ئاللاھقا تۇۋەن بۇلۇش ۋە ئۇنىڭدىن قورقۇش
٣
ئونىڭدىن ئومىد قىلىش ۋە ياخشى گوماندا بۇلۇش

ئاللاھ بەندىلىرىگە پەرىز قىلغان ئىبادەتتە، ئۇنىڭدا ئاللاھقا مۇكەممەل تۇۋەنلىك ۋە بويسۇنۇش ۋە ئۇنىڭدىن قورقۇشنىڭ بۇلىشى، ۋە چېكىغا يەتكۈچى مۇكەممەل مۇھەببەتنىڭ بۇلىشى، ۋە ئۇنىڭغا قىزىقىش ئارزۇ ئۈمىدنىڭ بۇلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

بۇنىڭغا ئاساسەن، قورقۇش ياكى تۇۋەنلىك ھەمراھ بولمىغان مۇھەببەت-يېمەكلىك ۋە پۇلنىڭ مۇھەببىتىدەك- ئۇ ئىبادەت ئەمەستۇر. شونىڭغا ئوخشاش، مۇھەببەتسىز قورقۇنچ- يىرتقۇچ ھايۋاندىن ۋە ئادالەتسىز ھاكىمدىن قورققاندەك، ئىبادەت ھېسابلانمايدۇ. ئەگەر قورقۇنچ مۇھەببەت ۋە ئۈمىد ئەمەلدە بىرلەشتۈرۈلسە، ئۇ ئىبادەت ھىسابلىنىدۇ، پەقەت ئاللاھ ئۈچۈن بولغىنى ئىبادەت بۇلىدۇ.

ئەگەر بىر مۇسۇلمان ناماز ئوقىسا ياكى روزا تۇتسا، ئونى قىلدۇرغۇچى ئاللاھنى سۆيۈش ۋە ئۇنىڭ ئەجرىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىش ۋە ئۇنىڭ جازاسىدىن قورقۇش بولسا، ئۇ ئىبادەت بۇلىدۇ.

ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلىرىنى مەدھىيىلەپ مۇنداق دېدى: «ئولار ياخشى ئىشنى قىلىشقا ئالدىرايتتى، رەھمىتىمىزنى ئومىد قىلىپ ئازابىمىزدىن قۇرقۇپ بىزگە دۇئا قىلاتتى، بىزگە كەمتەرلىك بىلەن ئىبادەت قىلاتتى» [ئەنبىيا سۈرىسى:90]

ئىبادەتنىڭ تۈرلىرى

١
خالىس ئىبادەت
٢
نىيەت بىلەن ئىبادەتكە ئايلىنىدىغان ئىبادەت

خالىس ئىبادەتلەر.

ئۇ ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ مۇئەييەن ئۇسۇلدا ئادا قىلىشقا بۇيرۇغانلىرى بولۇپ، ئۇ پەقەتلا ئىبادەت بۇلىدۇ. مەسىلەن: ناماز رۇزا ھەج دۇئا ۋە تاۋاپ قىلىش، ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش. بۇ ئىبادەتلەرنى ئاللاھتىن باشقىغا سەرپ قىلىشقا بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ ساۋابىنى باشقىلاردىن تەلەپ قىلىشقا بولمايدۇ.

2-نىيەت بىلەن ئىبادەتكە ئايلىنىدىغان ئەمەل:

ئاللاھ بۇيرۇغان ياكى كىشىلەرنى ئونىڭغا ئوندېگەن ئەمەللەر، مەسىلەن ئاتا-ئانىسىنى ھۆرمەتلەش، كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىش، مەزلۇملارغا ياردەم قىلىش، ۋە ئونىڭدىن باشقا ئاللاھ تائالا ئومۇمى بۇيرۇغان ئېسىل ئادەت ۋە ئەخلاقلار، مۇسۇلمان ئۇنى تەرك ئىتىش بىلەن گۇناھكار بۇلىدۇ. بۇ خىل ئىبادەتتە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تەپسىلى ئەگىشىش ھاجەتسىز، بەلكى ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلماسلىق ۋە چەكلەنگەن نەرسىگە چۈشۈپ قالماسلىق يېتەرلىكدۇر.

بۇ قىلمىشلار ئەگەر ئۇلارنى قىلغۇچى ياخشى نىيەت قىلىپ ئاللاھنىڭ ئىتائىتىگە يىتىشنى مەقسەت قىلسا مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. ئەمما ئو ئەمەللەر قىلىنىپ ئاللاھنىڭ رازىلىقى مەقسەت قىلىنمىسا، قىلغۇچىغا ھېچ ساۋاپ بىرىلمەيدۇ. لېكىن گۇناھكارمۇ بۇلمايدۇ. بۇ ئىبادەتلەر ئىچىدە: دۇنيا ھاياتىدىكى ئىشلار: ئۇيقۇ، خىزمەت، سودا، تەنتەربىيە قاتارلىق ئىشلار. ھەر قانداق بىر پايدىلىق ئىش ئاللاھنىڭ رازىلىقى مەقسەت قىلىنىپ قىلىنسا، ئۇنى قىلغۇچى مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «ياخشى ئىش قىلغانلارنىڭ ئەجىرىنى ھەرگىزمۇ زايە قىلىۋەتمەيمىز» [كەھف سۈرىسى:30]

ئىبادەتنىڭ دۇرۇس بۇلىشى ۋە قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن ئىككى شەرت تەلەپ قىلىنىدۇ:

١
ئىبادەتنى يالغۇز ئاللاھقا سەمىمىيلىك بىلەن قىلىش.
٢
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئۇيغۇن ئەگىشىپ قىلىش

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «كىمكى ئاللاھقا مۇلاقات بۇلۇشنى ئومىد قىلىدىكەن ياخشى ئىش قىلسۇن، ۋە ئاللاھقا قىلىدىغان ئىبادەتكە ھېچكىمنى شېرىك كەلتۇرمىسۇن» [كەھف سۈرىسى:110].

ئاللاھنىڭ سۆزى «رەببىگە قىلىدىغان ئىبادەتكە ھېچ كىمنى شىرىك قىلمىسۇن» دېگەن سۆزى ئىبادەتنىڭ يالغۇز ئاللاھقا خالىس بۇلۇشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسىتىدۇ. «ئەمەل سالىھ» دېگەن سۆزى، سۈننەتكە ئەگىشىش دېگەننى بىلدۈرۈدۇ. چۈنكى ئەمەل سالىھ دېگەن توغرا ئەمەل دېمەكتۇر. ئەگەر ئەمەل پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ماس كەلمىسە، ھەرگىزمۇ تۇغرا بولمايدۇ. شۇڭا كىمكى ئاللاھنى ۋە ئاخىرەتنى ئىرادە قىلسا، ئاللاھقا ئىبادەتنى بۇ ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان ئىككى شەرت بويىچە قىلىشى كېرەك.

دەرسنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدىڭىز


سىناقنى باشلاڭ