نۆۋەتتىكى بۆلەك :ھەج
دەرس پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شەھىرىنى زىيارەت قىلىش
مۇبارەك مەدىنە شەھرىنىڭ شەرەپى پەيغەمبەر ئەلەيھىسساللام ئۇنىڭغا ھىجرەت قىلىشى بىلەن ناھايتى كاتتا بۇلۇپ ھەتتاكى مەككەدىن كېيىن يەر يۈزىدىكى ھەممە جايلارغا پەزىلەتلىك قىلىندې، ۋە ئۇنى ھەر ۋاقىت زىيارەت قىلىش شەرىئەتتە يولغا قۇيۇلدى. ئۇ ھەج بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەمەس. پەيغەمبەر ئەلەيھىسساللام مۇنداق دېدى: «ساۋاپ مەقسىتىدە پەقەت ئۈچ مەسچىتكە سەپەر قىلىنىدۇ، ئۇلار:مەسجىدىلھەرام، ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتى، ۋە مەسجىدىل ئەقسا» (بۇخارى رىۋايتى:1189، مۇسلىم رىۋايتى:1397). بۇ شەھەرنىڭ نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقلىرى بار بۇلۇپ، ئۇنىڭ جۈملىسىدىن:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنەگە كەلگەندىن كېيىن قىلغان تۇنجى ئىشى مەسچىتىنى سېلىش بولۇپ، ئۇ مەسچىت كىشىلەر ئارىسىدا دىننى ئۆگىنىش، ۋە تەشۋىق قىلىش ۋە ياخشىلىق تارقىتىش مەركىزىگە ئايلانغان. بۇ مۇبارەك مەسچىتنىڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى بۇلۇپ.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ بۇ مەسچىتىمدىكى بىر ناماز، مەسجىدىلھەرامدىن باشقا دۇنيادىكى مەسچىتلەردىن مىڭ ھەسسە ئارتۇقدۇر» (بۇخارى رىۋايتى:1190، مۇسلىم رىۋايتى:1394).
2- ئۇ ئۇلۇق بىخەتەر زىمىن دۇر.
پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام ئۇنى ئاللاھنىڭ ۋەھيى بىلەن مۇقەددەس جاي دەپ، ئۇنىڭدا قان تۆكۈشنى، قورال كۈتۈرۈشنى، بىراۋنى قۇرقۇتۇشنى، ئۇنىڭدىكى گيانى كېسىشنى، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيەردە قىلىشقا بۇلمايدىغان ئىشلارنى قىلىشتىن چەگلىگەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەدىنەنىڭ گىياسى كىسىلمەيدۇ، ياۋاھايۋىنى ھۈكۈتۈلمەيدۇ، چۈشۈپ قالغان نەرسىسى ئېلېۋەلىنمايدۇ، كۆرسىتىش ئۈچۈن ئالسا بۇلىدو. ئۇنىڭدىكى گىيا بىر ئادەم تۆگىسىگە يىمەك قىلىشتىن باشقا غەرەزدە كىسىلمەيدۇ، ۋە ئۇنىڭدا ئۇرۇش ئۈچۈن قورال كۈتۈرۈشكە بولمايدۇ» (ئەبۇ داۋۇد رىۋايتى:2035، ۋە ئەھمەد رىۋايتى:959)
3- ئۇزۇق ۋە مېۋە لىرىنىڭ بەرىكەتلىكى، ۋە تۇرمۇشىنىڭ بەختلىكى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنەگە دۇئا قىلىپ مۇنداق دىگەن: «ئى ئاللاھ بىزنىڭ شەھرىمىزدە بەرىكەت ياغدۇغىن، مېۋىلىرىمىزدە، ۋە جىڭ كەمچەنلىرىمىزدە بەرىكەت ئاتا قىلغىن، ئى ئاللاھ ئبراھىم ئەلەيھىسسالام شەكسىز سىنىڭ بەندەڭ ۋە پەيغەمبىرىڭ ۋە سۈيۈملۈك دۇستۇڭ، ئۇ مەككە ئۈچۈن دۇئا قىلدى، مەنمۇ شەكسىز سىنىڭ بەندەڭ ۋە پەيغەمبىرىڭ، ئىبراھىمنىڭ مەككە ئۈچۈن قىلغان تېلېپېنىڭ ئىككى ھەسسىنى مەدىنەگە بىرىشىڭنى تەلەپ قىلىمەن» (مۇسلىم رىۋايتى:1373)
4- ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنى ۋابادىن ۋە دەججالدىن ساقلىشى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «مەدىنەنىڭ يۇللىرىدا پەرىشتىلەر بار، ۋابا ۋە دەججال كىرەلمەيدۇ» (بۇخارى رىۋايتى:1880، مۇسلىم رىۋايتى:1379)
5- ئۇنىڭدا ياشاش، ۋە ئۆلۈشنىڭ پەزىلىتى:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنەنىڭ جاپا-مۇشەققەتلىرىگە ۋە ھاياتىنىڭ قاتتىقلىقىغا سەۋر قىلغانلارغا قىيامەت كۈنى شاپائەت قىلىشقا ۋەدە بەردى. سەئدبىن ئەبى ۋەققاس رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېدىگەنلىكى رىۋايەت قىلىندۇكى: «ئەگەر ئۇلار بىلسە، مەدىنە ئۇلار ئۈچۈن ياخشىدۇر، كىمكى ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ تەرىك ئەتسە، ئاللاھ ئۇنىڭ ئورنىنى ئۇنىڭدىن ياخشى ئادەم بىلەن ئالماشتۇرىدۇ، كىمكى ئۇنىڭ جاپا مۇشەققىتىگە چىداپ چىڭ تۇرسا، قىيامەت كۈنى مەن ئۇنىڭ شاپائەتچىسى ياكى گۇۋاھچىسى بولىمەن» (مۇسلىم رىۋايتى:1363).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «كىم مەدىنەدە جان ئۈزۈش ئىمكانىتىگە ئىگە بۇلالىسا، ئۇ يەردە جان ئۈزسۇن، مەن ئۇ يەردە قازا قىلغان كىشىگە شاپائەت قىلىمەن» دېدى: (تىرمىزى رىۋايتى:3917، ئىبنى ماجە رىۋايتى:3112).
6- ئۇ ئىماننىڭ ئۆڭكۈرى بۇلۇپ، ئۈزىدىن ئەسكە ۋە يامانلىقنى چىقىرىپ يۇقىتىدۇ.
شەھەرلەر ئىمانغا قانچىلىك تار بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىمان مەدىنەدە ساقلىنىدۇ. رەزىل ناچارلار ئۇنىڭدا ئىزچىلل تۇرالمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «يىلان ئۈزىنىڭ تۆشۈكىگە يېغىلىپ يۇشۇرۇنغاندەك، ئىمان مەدىنەگە يېغىلىدۇ» (بۇخارى رىۋايتى:1876، مۇسلىم رىۋايتى:147) ئۇزات يەنە مۇنداق دىگەن: «...مېنىڭ روھىم ئىلىكىدى بۇلغان ئاللاھ بىلەن قەسەمكى مەدىنەدە تۇرىۋاتقانلارنىڭ ئىچىدىن كىمكى ئۇنىڭدىن يۈزئۆرۈپ چىقىپ كىتىدىكەن، ئاللاھ ئۇ يەرگە ئۇنىڭ ئۇرنىغا ئۇنىڭدىن ياخشىنى ئۇرۇن باسار قىلىدۇ. بىلىڭلاركى مەدىنە كۈجەككە ئوخشايدۇ، ئۇ رەزىللەرنى چىقىرىپ تاشلايدۇ، كۈجەك تۆمۈرنىڭ داتلىرىنى تازىلىغاندەك مەدىنەمۇ رەزىللەرنى تازىلىمىغۈچە قىيامەت قايىم بۇلمايدۇ» (مۇسلىم رىۋايتى: 1381).
7- ئۇ گۇناھ مەئسىيەتنى تازىلايدۇ.
زەيد بىن سابېتتىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندۇكى: «ئۇ تەيبە - مەدىنە نى مەقسەت قىلىدۇ - ئوت كۈمۈشنىڭ كىرىنى تازلىغاندەك، ئۇ ئۇزىدىن ئەسكىلەرنى يۇقۇتىدۇ» (بۇخارى رىۋايتى:4589، مۇسلىم رىۋايتى:1384)
مەدىنەگە زىيارەتكە كەلگۈچىلەر قائىدە-يوسۇنلارغا رىئايە قىلىشى كېرەك.
1. مەدىنەگە كەلمەكچى بولغان كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىسنى ئەمەس، مەسچىتىنى زىيارەت قىلىش نىيىتى بىلەن بېرىشى كىرەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەسجىدىل ھەرام ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ مەسچىتى ۋە مەسجىد ئەقسا ئۈچ مەسچىتتىن باشقا يەلەرگە (ساۋاپ مەقسىتىدە) سەپەر قىلىنمايدۇ» (بۇخارى رىۋايتى:1189، ۋە مۇسلىم رىۋايتى:1397).
2- زىيارەتچى مەسجىد نەبەۋېگە كەلگەندە، ئوڭ پۇتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «ئى ئاللاھ! ماڭا رەھىم-شەپقىتىڭنىڭ ئىشىكىنى ئېچىۋەتكىن» دەپ كىرىش سۇننەتتۇر» (مۇسلىم رىۋايتى:713).
3- ئىككى رەكئەت تەھىييەتۇل مەسجىد نامىزى ئۇقۇيدۇ، ئەگەر رەۋزە شەرىفتە ئۇقۇيالىسا ياخشى.
4- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ئىككى ھەمراھىنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىش سۈننەتتۇر، زىيارەتچى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىسىنىڭ ئۇدۇلىدا ئەدەپ ئەخلاق ۋە تەمكىنلىك بىلەن تۇرۇپ، تۈۋەن ئاۋازدا (ئەي پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام! ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە بەرىكىتى ساڭا بولسۇن، مەن سىنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىڭگە ۋە ئۈممىتىڭگە نەسىھەت قىلىپ ئەلچىلىكنى يەتكۈزگەنلىكىڭگە، ۋە ئاللاھ يۇلىدا بۇيرۇلغان بۇيچە كۆرەش قىلغانلىقىڭغا شەكسىز گۇۋاھچى بۇلىمەن، ئاللاھ ئۇممىتىڭگە قىلغان ياخشىلىقڭنىڭ مۇكاپاتىنى ئۇممىتى ئۈچۈن پەيغەمبەرنى مۇكاپاتلىغان ئەڭ ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشتۈرسۇن) ديدۇ.
ئاندىن ئوڭ تېرىپىگە بىر ياكى ئىككى قەدەم بېسىپ ئەبۇ بەكر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نىڭ قەبرىسى ئالدىدا تۇرۇپ ئۇنىڭغا سالام بىرىدۇ، ۋە ئۇنىڭغا ئاللاھتىن رازىلىق تەلەپ قىلىدۇ، ئاندىن يەنە ئوڭ تېرىپىگە بىر ياكى ئىككى قەدەم بېسىپ ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ قەبرىسى ئالدىدا تۇرۇپ ئۇنىڭغا سالام بېرىدۇ، ۋە ئۇنىڭغا ئاللاھتىن رازىلىق تەلەپ قىلىدۇ.
5- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىگە كەلگەن كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋەدە قىلغان كاتتا ساۋاپقا ئېرېشىشى ئۈچۈن ئۇ مەسچىتتە نامازنى كۆپ ئۇقۇشى مۇستەھەپدۇر. ئۇ زات مۇنداق دىگەن: «مېنىڭ بۇ مەسچىتىمدە ئۇقۇلغان بىر ناماز مەسجىدىلھەرامدىن باشقا بارلىق مەسجىدلەردە ئۇقۇلغان مىڭ نامازدىن ياخشىدۇر» (بۇخارى رىۋايتى:1190، مۇسلىم رىۋايتى: 1394).
6- مەسجىد قۇبادىمۇ ناماز ئۇقۇشنىڭ پەزىلىتى تۇغۇرلۇق دەلىل كەلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭدا ناماز ئۇقۇشقا بېرىش سۈننەتتۇر، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن، «كىمكى بۇ مەسچىتكە - قۇبا مەسچىتىگە - چىقىپ كىلىپ ئۇنىڭدا ناماز ئۇقۇسا، ئۆمرە قىلغان بىلەن باراۋەر بولىدۇ» (نەسائىي رىۋايتى:699).
7- بەقى قەبرىستانلىقىنى ۋە ئۇھۇد شەھىدلىقىنى زىيارەت قىلىش سۈننەتتۇر، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسەلام ئۇلارنى يوقلاپ دۇئا قىلىپ تۇراتتى. قەبرىستاندىكى لەرگە قىلغان دۇئالىرىنىڭ بىرى.«ئى بۇ يەردىكى مۆمىن ۋە مۇسۇلمانلار، ئاللاھ خالىسا بىزمۇ ئارقاڭلاردىن يىتىشكۈچى، ئاللاھ تائالادىن ئۈزىمىز ۋە سىلەر ئۈچۈن سالامەتلىك تىلەيمىز» (نىسائى رىۋايتى:975)
8- مۇسۇلمان بۇ شەھەردە ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى ئۈستىدە تىك تۇرۇشقا ھېرىسمەن بولۇشى، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىگە ئىتائەت قىلىشنى ئۈستىگە ئېلىشى، بىدئەت ۋە گۇناھلارغا چۈشۈپ قېلىشتىن ئىنتايىن ئېھتىيات جان بۇلىشى كىرەك.
9- مەدىنە شەھەردە دەرەخ كەسمەسلىك ياكى ياۋا ھايۋانلاغا چېقىلماسلىق كىرەك، بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ھەدىسلەردە مۇنداق دىگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان، «ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام مەككىنى مۇقەددەس قىلدى، مەن مەدىنىنى ئىككى تېرىپى بىلەن مۇقەددەس قىلدىم. ئۇنىڭ درەخلىرى كىسىلمەيدۇ، ۋە ياۋا ھايۋانلىرى ئوۋلانمايدۇ» (مۇسلىم رىۋايتى:1362).
10. مۇسۇلمان بۇ شەھەردە تۇرغان چېغىدا ئۆزىنىڭ نۇر چاقنىغان ۋە پايدىلىق بىلىملەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان بىر شەھەردە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە يەتكۈزىدىغان بىلىملىرىنى ئىگىلەشكە ھېرىسمەن بۇلىشى كىرەك، بولۇپمۇ بۇ بىلىمنى تەلەپ قىلىش رەسۇلۇللاھنىڭ مەسچىتىدە بولسا، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن مۇنداق ئاڭلىغانلىقىنى رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇزات مۇنداق دىگەن: «بىزنىڭ بۇ مەسچىتىمىزگە ياخشىلىق ئۆگىنىش ياكى ئۆگىتىش مەقسىتىدە كىرگەن ئادەم ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغۇچىغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا مەقسەتتە كىرگەن كىشى خەخنىڭ نەرسىسىگە قارىغانغا ئوخشايدۇ» (ئەھمەد رىۋايتى:10814، ئىبنى ھىببان رىۋايتى:87).).