ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ

كىرىشكە تىزىملاتمىدىڭىز
ئۆگىنىشنى باشلاش ۋە ئىلگىرىلىشىڭىزگە ئەگىشىش ۋە نومۇر توپلاش ۋە مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ھازىر Ta مۇنبىرىگە تىزىملىتىڭ، تىزىملاتقاندىن كېيىن، ئۆگەنگەن تېمىلىرىڭىزدا ئېلېكترونلۇق گۇۋاھنامە تاپشۇرۇۋالىسىز.

نۆۋەتتىكى بۆلەك :قۇرئان كەرىم

دەرس «قۇرئان كەرىم» نى ئوقۇشنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرى

«قۇرئان كەرىم» ئاللاھنىڭ سۆزى بولۇپ، ئۇنى ئوقۇيدىغان كىشى ئوقۇشنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىنى بىلىش زۈرۈردۇر. بۇ دەرسلىكتە سىز بۇ قائىدە يوسۇنلارنىڭ بەزىلىرىنى تۇنۇپ چىقىسىز.

قۇرئان كەرىم نى ئوقۇشنىڭ بەلگىلىمىلىرى ۋە قائىدىلىرىنى تۇنۇپ چىقىش.

قۇرئاننى يادلاشنىڭ ھۆكمى

١
پۈتۈن قۇرئاننى يادلاش ئۈممەتتە پەرز كىپايە دۇر، ئەگەر يېتەرلىك ساندىكى مۇسۇلمانلا يادا قىلسا، قالغانلىرى ئۈچۈن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.
٢
ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ نامىزى دۇرۇس بۇلغىدەك قۇرئان يادلاش يەنى فاتىھەنى يادلاش ۋاجىپتۇر.
٣
بىر مۇسۇلماننىڭ قۇرئاندىن ئۆزىگە ئۇڭاي بولغان ۋە قۇدرىتى يەتكەن ئايەت ۋە سۈرىلەرنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ يادلاش مۇستەھەپتۇر، چۈنكى قۇرئان كەرىمنى يادلاشتا ئۇلۇغ پەزىلەت ۋە كاتتا ئەجرى باردۇر.

ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھادىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېدىگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «قۇرئاننى يادلاپ ئۇقۇغىچىلار شەرەپلىك پۈتۈكچى پەرىشتىلەر بىلەن بىرگە بۇلىدۇ» (بۇخارى رىۋايتى:4937).

قۇرئان كەرىمنى ئوقۇشنىڭ ھۆكمى

بىر مۇسۇلماننىڭ "قۇرئان كەرىمنى" تاقىتىنىڭ يىتىشچە كۆپ ئۇقۇش مۇستەھەپ بۇلىدۇ، ئاللاھ مۇنداق دېدى: «شۈبھىسىزكى ئاللاھنىڭ كىتابىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغانلار، ۋە نامازنى ئادا قىلىدىغانلار، ۋە بىز تەمىنلىگەن نەرسىلىرىمىزدىن مەخپىي ۋە ئوچۇق-ئاشكارە خەجلەيدىغانلار، مەڭگۇ كاسات بۇلمايدىغان تىجارەتنى ئۈمىد قىلىدىغانلاردۇر» (فاتىر سۈرىسى:29)

قۇرئان تىلاۋەتلىرىنى ئاڭلاشنىڭ ھۆكمى

بىر مۇسۇلمان پەرز نامازدا ۋە جۈمە خۇتبىسىدە بولسا، قۇرئان تىلاۋىتنى دىققەت قىلىپ ئاڭلىشى كېرەك، چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرشىشىڭلار ئۈچۈن، قۇرئان ئۇقۇلغاندا، ئۇنى جىم تۇرۇپ دىققەت بىلەن ئاڭلاڭلار» [ئەئراف سۈرىسى:4:20]

ئاللاھنىڭ كالامىنى ھۆرمەتلەش يۈزىسىدىن باشقا جايلاردىمۇ قۇرئان كەرىم ئۇقۇلسا، قۇلاپ سېلىپ ئاڭلاش مۇستەھەپتۇر.

قۇرئانغا ئەمەل قىلىشنىڭ ھۆكمى

ھەر بىر كىشىنىڭ «قۇرئان كەرىم» گە ئىشىنىشى، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىگە ئەمەل قىلىشى، ئۇھالال قىلغاننى ھالال دېشى، ۋە ھارام قىلغاننى ھارام دېشى، چەكلىگەنلىرىدە تۇرۇشى، بۇيرۇق لىرىنى ئۇرۇندىشى، ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشى ۋاجىپدۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «بىز ئاتا قىلغان كىتاپنى ئۆزىنىڭ لايېقىدا ئۇقۇيدىغان كىشىلەر» [بەقەرە سۈرىسى:121] ئىبنى مەسئۇد ۋە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇم لار بۇنىڭ مەنىسىنى مۇنداق بايان قىلغان: "ئۇلار قۇرئان ھالال قىلغاننى ھالال، ۋە ھارام قىلغاننى ھارام، دەپ ئىتىقاد قىلغۇچىلار، ۋە ھۆكۆملەرنى ئورنىدىن چەتنىتىۋەتمەيدىغانلار" (تەپسىر ئىبنى كەسىر 403/1).

ئابدۇللاھ بىن مەسئۇد رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ مۇنداق دېدىگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئون ئايەت ئۆگەنگەن بولساق، ئۇنىڭدىكى ھۈكۈملەرگە ئەمەل قىلمىغۇچە، كېيىن نازىل بۇلغان ئايەتلەرگە ئۆتمەيتتۇق» (ھاكىم رىۋايتى:2047).

قۇرئاننى داۋاملىق تىلاۋەت قىلىپ تۇرۇش، ۋە ئۇنى تاشلىماسلىق.

مۇسۇلمان ئۈچۈن قۇرئانغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈش لازىمدۇر، قۇرئاننى ئۇنتۇپ قالماسلىقى ۋە تاشلىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن بىر نەرسە ئوقۇماي بىر كۈن ئۆتكۈزمەسلىكى كېرەك. ئاللاھ مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر ئېتتى: ئى رەببىم! خەلقىم بۇ قۇرئاننى تاشلاندۇق قىلىپ قۇيدى» [فۇرقان سۈرىسى:30].

ئەبى مۇسا رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېدىگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «قۇرئانغا كۆڭۈل بۆلۈڭلار، مېنىڭ جېنىم ئىلىكىدى بولغان ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەلبەتتە ئۇباغلاقتىن بۇشانسا قاچىدىغان تۆگىدىنمۇ بەك قاچقاقتۇر» (بۇخارى رىۋايتى:5033).

«قۇرئان كەرىم» نى ئوقۇشنىڭ ئەدەپلىرى

ئۇقۇلغان قۇرئان ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا قۇبۇل ۋە ساۋاپقا لايىق بۇلىشى ئۈچۈن، رىئايە قىلىشقا تىگىشلىك ئوقۇشنىڭ بىر قانچە قائىدە-يوسۇنلىرى بار، ئۇنىڭ بەزلىرى قىرائەتتىن بۇرۇن بۇلىدۇ، ۋە بەزىلىرى قىرائەت جەريانىدا بۇلىدۇ.

«قۇرئان كەرىم» نى ئوقۇشتىن ئىلگىركى ئەدەپلەر:

١
قۇرئان ئۇقۇشتا نىيەتنى خالىس قىلىپ ئاللاھنىڭ رازىلىقى ۋە ساۋابىنى مەقسەت قىلىش. ئاللاھ تائالانىڭ «ئۇلار ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرغان ھالدا، ئاللاھقا خالىس ئىبادەت قىلىشقا بۇيرىلغان» [بەييىنە سۈرىسى:5] دېگەن سۆزىگە ئاساسەن. بۇ ئەخلاق قۇرئان تىلاۋەت قىلىشتىن ئىلگىرى بولغىنىدەك، قىرائەت جەريانىدىمۇ بۇلۇشى كىرەك.
٢
ئاللاھنىڭ: «ئۇ (قۇرئاننى چوڭ كىچىك تاھارەت سىزلكتىن)پاكلانغانلاردىن باشقىلار تۇتمىسۇن» دېگەن سۆزىگە ئاساسەن [ۋاقىئە سۈرىسى:79]. ئۆزىنى چوڭ ۋە كىچىك تاھارەت سىز لىكتىن پاكلاش كىرەك.
٣
مىسۋاك ئىشلىتىپ ئاغزىنى پاكلاش كېرەك، چۈنكى پاكىزلىق قۇرئاننىڭ يولىدۇر. ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىدە تەھەججۇد نامىزى ئۈچۈن تۇرسا، ئاغزىغا مىسۋاك ئىشلىتەتتى» (بۇخارى رىۋايەتى:1136) ۋە مۇسلىم رىۋايتى:255).
٤
قۇرئان ئوقۇغاندا قىبلىگە يۈزلىنىش، چۈنكى ئۇ ئەڭ شەرەپلىك يۆنىلىشتۇر. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن قىلىنغان رىۋايەتتە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدىگەن: «ھەممە نەرسىنىڭ سەردارى بار، ئولتۇرۇش سورۇرۇنلىرىنىڭ سەردارى قىبلىگە تەرەپتۇر» (تەبرانى ياخشى ئىسناد بىلەن رىۋايەت قىلغان:2354)
٥
ئاللاھتىن پاناھلىق تىلەش، ئاللاھنىڭ سۆزىگە ئاساسەن: «قۇرئان ئوقۇماقچى بۇلغىنىڭدا قۇغلاندى شەيتاننىڭ (ئازدۇرۇشىدىن) ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلىگىن» [نەھل سۈرىسى: 98].
٦
سۈرىنىڭ بېشىدىن ئۇقۇماقچى بۇلغاندا ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلاش، ئەنەس رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: «بىر كۈنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنىڭ ئارىمىزدا كۆزى ئۇيقىغا كىتىپ قالدى، ئاندىن كۈلۈمسىرىگەن ھالدا بېشىنى كۆتۈردى، بىز ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى نېمىگە كۆلىۋاتىلا دىدۇق: ئۇ زات دېدىكى: «ماڭا بايام بىر سۈرە نازىل بولدى، دەپ بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم ﴿إنا أعطيناك الكوثر. فصل لربك وانحر. إن شانئك هو الأبتر﴾ نى ئۇقۇدى»[كەۋسەر سۈرىسى:1-3] (مۇسلىم رىۋايتى:400).

«قۇرئان كەرىم» نى ئوقۇش جەريانىدىكى ئەدەپ ئەخلاقلار:

١
قۇرئاننى ئاستا ۋە ئاستا تىلاۋەت قىلىش، ئاللاھنىڭ: «قۇرئاننى دانە دانە ئۇچۇق ئوقۇغىن» دېگەن سۆزىگە ئاساسەن [مۇززەممىل سۈرىسى:4]
٢
قۇرئاننى تەجۋىد بىلەن ئۇقۇش. ئەنەس رەزىيەللاھۇئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىرائىتىدىن سۇرالدى، «سۇزاپ ئۇقۇيتتى، دەپ: ئاندىن بىسمىللاھىررەمانىررەھىم نى ئۇقۇپ، بىسمىللاھنى ۋە ئەررەھماننى ۋە ئەررەھىمنى سۇزدى» (بۇخارى رىۋايتى:5046).
٣
ئۇقۇشتا ئاۋازنى ياخشىلاش، بارائ بىن ئازىب رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «قۇرئاننى گۆزەل ئاۋازىڭلار بىلەن ئۇقۇڭلار» (ئەبۇ داۋۇد رىۋايتى:1468).
٤
رەھمەت ئايىتىنى ئۇقۇغاندا ئاللاھتىن سوراش، ۋە ئازاب ئايىتىنى ئۇقۇغاندا ئاللاھتىن پاناھلىق تىلەش، ۋە تەسبىھ ئايىتىدە ئاللاھقا تەسبىھ ئېتىش. ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ ھەدىسىدە، ئۇنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە ناماز ئۇقۇغانلىقىنى ئېتىپ مۇنداق دېدى:«ئاندىن سۈرە ئالىئىمراننى باشلاپ ئۇقۇدى، قىرائىتى دانە دانە ئىدى، تەسبىھ ئايىتىدىن ئۆتسە تەسبىھ ئېتتى، تىلەش ئايىتىدىن ئۆتسە سۇردى، پاناھ تىلەش ئايتىدىن ئۆتسە پاناھ تىلىدى» (مۇسلىم رىۋايتى:772).
٥
سەجدە ئايىتىدىن ئۆتسە سەجدە قىلىش مۇستەھەپدۇر، ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھانىڭ مۇنداق دېدىگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىدە قۇرئاننىڭ سەجدە ئايەتلىرىنى ئۇقۇغاندا سەجدە قىلىپ، كۆپ قېتىم «يۈزۈم، ئۇنى ياراتقان ۋە كۈچ قۇدرىتى بىلەن ئۇنىڭغا قۇلاق ئاچقان، ۋە كۆز ئاچقان زاتقا سەجدە قىلدى» دەيتتى (ئەبۇداۋۇد رىۋايتى:1414)
٦
ئۇنى ئوقۇغاندا قەلبىنى ھازىر قىلىپ خاتىرجەم ۋە تەمكىنلىك بىلەن ئۇقۇش، ئاللاھ مۇنداق دېدى: «ئى مۇھەممەد! بىز بۇ مۇبارەك كىتاپنى ئەقىل ئىگىلىرى ئايەتلىرى ئۆستىدە تەپەككۇر قىلسۇن ئۈچۈن نازىل قىلدۇق» [ساد سۈرىسى:29]

دەرسنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدىڭىز


سىناقنى باشلاڭ